1. قان ئازلىق. قان ئازلىق قىزىل قان ئاقسىلىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قىزىل قان ئاقسىلى ئۆپكە سۈمۈرگەن ئوكسىگېننى بەدەننىڭ ھەر قايىسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. بەدەندە ئوكسىگېن كەملىگەندە ئادەم چارچاش ھېس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى ياكى تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ مىقداردا قان يوقاتقاچقا، ئاسانلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. قان ئازلىقىنى داۋالاپ 30 كۈندىن كېيىن چارچاش پۈتۈنلەي يوقايدۇ.
2. يۈرەك ئاجىزلىق. يۈرەك ئاجىزلىغاندا، ئادەم دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاياللار يۈرىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك كېسىلى ئاياللارنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
3. قەھۋەنى كۆپ ئىچىش. ئاياللار روھلۇق بولۇش ئۈچۈن قەھۋەنى كۆپ ئىچىدۇ، بىراق قەھۋەنى زىيادە كۆپ ئىچكەندىمۇ چارچىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
4. سۈيدۈك يولى سىستېمىسى ياللۇغلىنىش. سۈيدۈك يولى ياللۇغلانغاندىمۇ ئاياللار ئاسان چارچاپ قالىدۇ.
5. قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى. ئەگەر ئاياللاردا ئېزىلەڭگۈلۈك، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش كۆرۈلسە، بۇ قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى.
6. خورەك تارتىش. سېمىز ئاياللار ئاسان خورەك تارتىدۇ، خورەك ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، تەننى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ.