ئۇنتۇلۇش
«ئۇنتۇشتىن ئۇنتۇلۇش قاباھەتلىك، بولۇپمۇ ئۆزى سۆيگەن كىشىسى تەرىپىدىن!» -خاتىرەمدىن
ئەنۋەر سىيىت
سەن مېنى ئۇنۇتقان شۇ مەھەل،
ئۇنۇتقان بولمەن ئۆزۈمنى بۇرۇنلا.
تۇتۇپ بېرىمەن يۈرىكىمنى،
قان زەرداپ ياكى ھىجرانغا.
چىن پۈتكەن بولساڭ تاشلاشقا،
چوغلىرىڭنى سۈزىۋال باغرىمدىن.
ئاھلىرىم تۇتۇپ سېنى قىينسا،
سوراپ سالما مېنى ھېچكىمدىن.
دەھشەتكەن ئۇنتۇلۇش تولقىغى ،
ئازابنىڭ بېغىدا تىكەننى سۆيۈش.
ئۇنتۇشقا چىدىغان مەيىلىڭ يەنە،
ئاھ، قاناتىتى يارامنى كۆكۈش.
2015.6.24