مەرھۇم ئوستازىم توختىمۇھەممەد تۇردىنى ئەسلەيمەن
(ئەسلىمە)
ئابلەت سالىم
(خوتەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەش ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. 1986- يىلى ئۇلۇغۋار ئارزۇ- ئىستەكلەر بىلەن ئانا يۇرتىمىزدىكى بىردىن- بىر مەرىپەت بۆشۈكى سابىق خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلدىم. بالىلىق چاغلىرىمىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئائىلىمىز ھەقىقەتەن «باغۋەنلەر ئائىلىسى »ئىدى . چوڭ دادام، دادام ۋە ئاپام بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللاپ تەلىم –تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقىمۇ، بۇ خىل ئىستەكنى ئەلۋەتتە ئائىلىدىكى ئۈنسىز تەربىيەنىڭ مەھسۇلى دېيىشكىمۇ بولاتتى. قانداقلا بولمىسۇن يۇرتۇمدىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىمغا تولىمۇ خوشال ئىدىم (بۇنىڭدىن مەرھۇم چوڭ دادام تالىپ باقى ئەپەندى ئۆز ۋاقىتدا شۇنداق خوشال بولغانىدى. ئۇ : «ئائىلىمىز ئوقۇتقۇچى ئائىلىسى، ئوقۇتقۇچى قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى، كىشىلەرگە ئەقىل- پاراسەت، ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىدىغان جاپالىق، ئەمما، ئۇلۇغۋار، ساۋابلىق ئىش » دەپ، دادام، ئاپاملارغا كۆپ دەرس بېرەتتى. ئاتا- ئاناممۇ بۇ خىل روھنى ئۆزىدە تولۇق يېتىلدۈرگەن يۇرتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى). شۇنداق قىلىپ مەن 1986- يىلى 9- ئايدا سابىق خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، «1986- يىللق ئومۇمىي پەن 2- سىنىپ»نىڭ ئوقۇغۇچىسى دېگەن نام بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم . سىنىپ مۇدىرىمىز ئالىمجان تۇرسۇنمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپكە يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى. بىزگە تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە دېگەن دەرسلەرنى ئۆتتى. مەن بۇ مەكتەپكە يېڭىدا قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇش باشلىغان ئىككىنچى كۈنىنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسىدە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن دىدارلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ ئۇستاز- شاگىرت مۇناسىۋىتىنى باشلىغانىدىم. ئۇ دەل مېنىڭ ئەسلىمەمدىكى باش پېرسوناژ، مەرھۇم ئۇستازىم توختىمۇھەممەد تۇردى ئىدى. « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار، ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەكتىپىمىزگە قوبۇل قىلىنغانلىقىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى. ئىسمىم توختىمۇھەممەد تۇردى، قاراقاش ناھىيەسىدىن، دېھقاننىڭ ئوغلى. مەن قانداقتۇر جۇڭگو مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قايسى بىرسىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، مەن خوتەن مائارىپىنىڭ مەھسۇلى. مەن مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرگە بۇ يىل ئىچىدە «ئۇيغۇر تىلى» دەرسىنى ئۆتىمەن. « ئۇيغۇر تىلى»نى بىرلىكتە ئۆگىنىمىز. قانداق، ئۆگىنىشنى خالامسىلەر ؟» مانا بۇ، مەرھۇم ئۇستازىم توختىمۇھەممەد تۇردىنىڭ بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇنقى بىزگە ئۆتكەن تۇنجى سائەتلىك دەرسىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە ئېيتقان تىل ئوقى ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن جۈملىدىن مەن شۇنداق تونۇشقان. ئۇ شۇنداق ئاددىي- ساددا، تەمكىن، خۇشخۇي، ئەستايىدىل، ھەقىقىي ئۇستازغا خاس سالاپەت، مىجەزگە ئىگە، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەجداد روھىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئەۋلاد غېمىدە، ئەۋلاد تەربىيەلەيدىغان باغۋەن غېمىدە ئۆتكەن ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى.
مەندە شۇ ۋاقىتلاردا تىل كالامپايلىقى خېلىلا ئېغىر بولسا كېرەك. يوقلىما قىلغان ياكى سىنىپ يىغىنى ئاچقان چاغلاردا سۆز قىلسام، ساۋاقداشلىرىم مەسخىرىلىك نەزەرىدە كۈلۈپ تاشلىشاتتى. ئۇلار بىلەن بەزىدە گەپ تالىشىپ قالغان چاغلىرىم بولغان. « نېمىگە كۈلىسەن؟ نېمە دەپتىمەن؟ دەپ ساۋاقداشلىرىمىنىڭ كۆرسەتمىسىگە قۇلاق سالماي، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەنكەنمەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ : مەن شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغاچقا، سىنىپ مۇدىرىمىز ئالىمجان تۇرسۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرمە قىلىدىغان يوقلىما خاتىرىسىگە ساۋاقداشلىرىمىنىڭ ئىسىم –فامىلىسىنى يېزىپ بېرەتتىم . بىر كۈنى توختىمۇھەممەد تۇردى مۇئەللىم تۇيۇقسىز يوقلىما خاتىرىسىدىكى ئىسىملارنى قايسىڭلار يازدىڭلار ؟ دەپ سوراپ قالدى. « مەن يازغان» دەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇردۇم. مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ قويۇپ دەرسىنى باشلىدى . دەم ئېلىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئۇ مېنى ياقىغا چاقىرىپ: «ئابدۇلئەھەد، سىز خوتەن ناھىيەسىدىنمۇ؟» دەپ سورىدى. « ھەئە، مۇئەللىم. مەن خوتەن ناھىيەسىنىڭ لارقا يېزىسىدىن» دەپ تېزلا جاۋاب بەردىم. ئۇ تەمكىن قىياپەتتە باشمالتىقى بىلەن بۇرۇتىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: « ئابدۇلئەھەد، سىزدە ي ھەرپى بىلەن ر ھەرپىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان ھەم يازىدىغان توغرا بولمىغان تىل ئادىتى بار ئىكەن. بۇنى قەتئىي تۈزىتىشىڭىز كېرەك. سىز ئوقۇتقۇچى بولىسىز، بۇ خىل تىل كاملىقى بىلەن مۇنبەرگە چىقىشقا بولمايدۇ. بۇ، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ھەم تەلەپپۇز قائىدىسىگە يات بولغان يامان ئىللەت. سىز تىرىشچان، مۇشۇ مەۋسۇمنىڭ ئۆزىدىلا تۈزىتىپ كېتەلەيسىز » دەپ ماڭا ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈردى. شۇندىلا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئازارلىشىپ يۈرگەنلىكىمىدىن ئۆكۈندىم ھەم ئۆز–ئۆزەمنى تەنقىدلەپ ھەر بىر ئېغىز سۆز قىلغاندا ياكى خەت يازغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئاخىرى بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىتىن غالىپ كەلدىم. 1988- يىلىغا كەلگەندە مەرھۇم ئۇستازىم توختىمۇھەممەد تۇردىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش يەنە بىر قېتىم نېسىپ بولدى. ئۇ بىزگە بۇ بىر يىلدا يېزىقچىلىق ئاساسىي بىلىملىرىدىن دەرس ئۆتتى. ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار يەنە داۋاملاشىتى. ئۇ شۇ چاغلاردىلا خوتەندىكى داڭلىق قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭ ھەر بىر سائەتلىك دەرسىنى شۇنچىلىك زەن قويۇپ ئاڭلايتتۇق. ئۇ سۆز قىلغاندا ئالدىراپ كەتمەي، ھەر بىر يېڭى ئاتالغۇ، يېزىقچىلىق ساۋاتلىرى توغرىسدا تەپسىلىي توختىلاتتى. ھەر قانداق بىر ئەدەبىي ژانىر ئۈستىدە توختالغاندا داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ، ھەتتا ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىققا قىزىقىش يوللىرى، يازغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي يېزىش ماھارىتىگە يېتەكلەيتتى. بىز ئۇنىڭ «يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «خوتەن گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى، ھېكايە، ماقالىلىرىنى ئەستايدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقاتتۇق. ھەم خوشاللىق ھېسسىياتىمىز بىلەن ئۇستازىمىزغا تەشەككۈر ئېيتشاتتۇق . مېنىڭ شۇ چاغدىكى يېزىقچىلىق تاپشۇرۇق دەپتىرىمدە مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ قەلەم ئىزلىرى ھېلىھەم چاقناپ تۇرۇپتۇ. ئۇ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىمۇ شۇنچىلىك ئەستايىدىل ئىدى. بىر قېتىملىق «ئانا ۋەتەن» تېمىسىدا لىرىك نەسىر يېزىش مەشىقىدە ئۇستازىم تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە :«ساۋاقداش ئابدۇلئەھەد، نەسىرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز. لىرىك نەسىر دېگەن مانا مۇشۇنداق يېزىلىدۇ، مەزمۇنى شۇنچە ئوچۇق، تىلى جانلىق، ئوبرازلىق چىقىپتۇ. سىز يېزىشنى توختاتماڭ، مەشىقنى كۈچەيىتىڭ، سىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى بىر يازغۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. راستىنى ئېيتسام بۇ سۆزلەرنى خوشاللىقتىن تەكرار ئوقۇغاچقىمۇ، مۇئەللىمىنىڭ بۇ سۆزى يۈرىكىمگە ئۇيۇلتاشتەك ئورناپ كەتكەنىدى. شۇنچىلىك خوشال بولغانىدىم. كېيىنچە مەكتەپ «سەھەر چېچەكلىرى»دېگەن ئەدەبىي مەجمۇئەنى چىقاردى. مېنىڭ ئوقۇش ئالدىراشلىقىمغا يېزىش ھەۋىسى قوشۇلۇپ، پەۋقۇلئاددە ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. يۈرىكىمگە بىر ئوت يەنى يېزىش ھەۋىسى كىرىۋالغانىدى. ئويلاپ باقسام، ئۇستازىمنىڭ شۇ چاغلاردا ۋاقتىنى تولا ئېلىۋلغانىكەنمەن. ئۇ مەيلى شېئىر بولسۇن، مەيلى نەسىر، ھېكايە بولسۇن، ئەدەبىي ئاخبارات خەۋەرلەرگە قەدەر ماڭا بىردىن–بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغانىدى.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانى