تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزىقارلىق مۇھەببەت قانۇنىيەتلىرى

سۆيگۈ قانۇنىيىتى: يىگىتلەر قىزلارنىڭ تۇنخى سۆيگۈنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.قىزلار يىگىتلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

تۇنجى قېتىم ئاشىق بولۇش قانۇنىيىتى: قىزلارنىڭ گۈزەل جامالى يىگىتلەرنى مۇھەببەت تورىغا ئېلىپ كىرىدۇ؛يىگىتلەرنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرى قىزلارنى مۇھەببەت دېڭىزىغا خۇشاللىق بىلەن باشلايدۇ.

تەلەپ قويۇش قانۇنىيىتى: يىگىتلەرنىڭ بىر قىزنى قولغا كەلتۈرۈشى، خۇددى تاغ ئاتلىغانغا ئوخشاش قىيىن! قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئىشىكى ئوچۇق باغقا كىرگەندەكلا ئاسان، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا يىگىتلەر دائىم دېگۈدەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يىگىتلەر تاغۇ دەشتلەرنى كېزىشتىن قورقمايدۇ، قىزلار بوسۇغا ئاتلاشتىن ئەنسىرەيدۇ.

تۇنجى مۇھەببەت قانۇنىيىتى: يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى- چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يالقۇن ئىچىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنىنى قۇچاقلاش. قىزلارنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى ئاستا سىڭدۈرۈپ، ئاندىن تىنچ مۇھىتتا مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش.

سىناش قانۇنىيىتى: يىگىتلەرنىڭ قىزلارنى سىناش ئۇسۇلى يىراقلارغا كېتىش، قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى سىناش ئۇسۇلى كېلىشىپ قويغان جايغا كېچىكىپ بېرىش.

مەقسەت قانۇنىيىتى: ئەرلەر توي قىلىش ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىدۇ، ئاياللار مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلىدۇ.

ئەر-خوتۇن قانۇنىيىتى: ئاتا-ئاكا-ئىنىسى، ئانا-ئاچا-سىڭىل قايسىسى ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا ئايلىنالايدۇ.

گەپ قىلىش قانۇنىيىتى: ئەرلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن تولا گەپ قىلىدۇ، ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن تولا گەپ قىلىدۇ. شۇڭا قىزىقارلىق ئائىلە دائىم دېگۈدەك ھاراقكەش ئەر بىلەن ۋاتىلداق خوتۇندىن تەركىب تاپىدۇ.

تاماق ئېتىش قانۇنىيىتى: ئەرلەر ئىشتىن چۈشسىمۇ ئۆيگە ئالدىرىمايدۇ، ئاياللار تاماق ئېتىش ئۈچۈنلا ۋاقىت توشماستىن ئۆيگە ئالدىرايدۇ.

ئائىلە قارىشى قانۇنىيىتى: كەچتە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ تاڭ ئاتقۇچە قايتىپ كەلمەيدىغىنى ئەرلەر، ئائىلىنى كۆپرەك ئويلايدىغىنى ئاياللار.

پەرق قانۇنىيىتى: كىشىلەر ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى تۈزەشتۈرمەيلا سىرتقا چىققىنىنى كۆرگەندە:«ئۇنىڭ ئايالى ئەجەپ ھۇرۇن ئىكەن » دېيىشىدۇ، ئاياللارنىڭ كىيىمى قالايمىقان چىققىنىنى كۆرگەندە بولسا، «ئۇنىڭ ئېرىنى نەس بېسىپتۇ» دېيىشىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كەينىدىكى قانۇنىيەت: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئەرنىڭ كەينىدە قەيسەر بىر ئايال بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئايالنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ تۇرىدىغان بىر ئەر بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: www.uzar.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز