تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزىل توپلەي

    مارىگۈل تۇداخۇن

    شەھەرگە كىرگەندە سىزگە توپلەي ئېلىپ بېرىمەن قىزىم، دېدى مومام كونىراپ كەتكەن ئايىغىمنى يۇيۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ. چۈنكى ئالىي مەكتەپ تەييارلىق ئىمتىھانىدا مەكتەپ بويىچە 1 – بولغىنىم بوۋام – مومامنى خۇش قىلىۋەتكەنىدى.

    سوپۇنداپ يۇيۇۋەتسەم يېپيېڭى بوپ كېتىدۇ موما، قاراڭ مەسىڭىزگە، كونىراپ كېتىپتۇ، بوۋامنىڭمۇ شۇ، ياخشى ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالىسام، تۇنجى ئايلىق مائاشىمغا بوۋام ئىككىڭلارغا ياخشىراق مەسە ئېلىپ بېرىمەن، دېدىم ئەركىلەپ تۇرۇپ.

    تاتلىق گەپلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي قوزام، شۇغىنىسى، شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭسىڭىز قانداقمۇ قىيارمەن سىزگە! مومام خۇددى مەن ھازىرلا ماڭىدىغاندەك كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى.

    ۋاي – ۋۇي موما يىغلىمىسىڭىزچۇ، مەندىن ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمىسا، سىنپىمىزدىكى سەمەت تۆگىگە ئوخشاش بىر سىنىپتا ئۈچ يىلدىن ئوقۇپ، كىچىك بالىلارنى بوزەك قىلىپ يۈرۈۋېرەي ئەمسە، دېيىشىم بىلەن كۆز يېشى قىلىۋاتقان مومام:

    شورى قۇرۇسۇن ئۇ سەمەت تۆگىنىڭ، دېگىنىچە پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى.

    دادامنى ئەسلىيەلمەيتتىم، مېنى كۆرگەن كىشلەرنىڭ ‹‹رەھمەتلىك دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ›› دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئەينەككە ئۇزاق قاراپ كېتەتتىم. قوشنا يېزىدىكى بىرى بىلەن ئۆيلۈك – ئوچاقلىق، بالا – چاقىلىق بولۇپ كەتكەن ئانامنى ئايدا بىرەر قېتىممۇ كۆرەلمەيتىم.

    مومام ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى، قىشنىڭ ئۇزاق تۈنلىرىدە ئۇنىڭ قىزىق چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ قانمايتتىم. بەزىدە بوۋام:

    ئۇخلاڭلار ئانىسى، نەدىكى گەپلەرنى توقۇۋېرىدىكەنسىلەر، بالىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، دېگىنىچە غودۇراپ قويۇپ خورەككە چۈشۈپ كېتەتتى.

    ئىمتىھان بېرىدىغان چېغىمدا موماممۇ مەن بىلەن بىللە شەھەرگە كىردى. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن شەھەردىكى چوڭ ھاممام بىزنى بازار ئايلاندۇردى. مومام بازار ئايلىنىۋېتىپ ئۇچرىغان ئارا پاشنىلىق بىر قىزىل توپلەينى ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپلا توپلەينى پۇتۇمغا كىيىپ باقتىم.

    بەك ياراشتى، دېدى، ھامماممۇ ماڭا مەسلىكى كەلگەندەك پۇتۇمدىكى توپلەيگە قاراپ.

    بوۋىڭىز نەۋرىمىز ئامراق نەرسىنى ئېلىپ بېرىڭلار، دەپ ئالاھىدە تاپىلىغان، دېدى مومام ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ.

    بىز قايتىدىغان كۈنى ئەتىگەندىلا ھاممامنىڭ مەن دېمەتلىك قىزى بىلەن چىقىپ كېتىپ، باغچىدا ئويناپ چۈشلۈك تاماققا ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كىردۇق، دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگىلا مومام مېنى چاقىرىپ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ قىزىل توپلەينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

    قېپىدىن چىقىرىپ سومكىغا سالغان ئىدىڭىزغۇ موما، دېدىم ھەيران بولغان ھالدا.

    بىز يوشۇرغان بىلەنمۇ ھاممام بۇ ئىشنى سېزىپ قالدى، ئۇمۇ خىجالەت بولۇپ باشقا ئۆيلەرنىمۇ ئىزدەشكە باشلىدى. ئاخىر ھاممام ئۈچ قىزىنى سىرتقا چاقىرىپ ئۇلاردىن پەس ئاۋازدا توپلەينىڭ دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى. مومام ئىككىمىز دېرىزدىن ھويلىغا قاراپ تۇراتتۇق

    ئەكەلگەن كۈنى كۆرگەن، بەرىبىر مېنىڭ پۇتۇمغا دەل كەلمەيدۇ، دېگىنىچە قاپىقىنى تۈردى چوڭ نەۋرە ئاچام.

    ھەممە نەۋرىسىنى ئوخشاش كۆرمىگەندىن كېيىن، خوپ بوپتۇ يىتىپ كەتكىنى، دېدى ئوتتۇرانچى نەۋرە ئاچام ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ.

    ھەممىڭلار مەندىن كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن يارىتاتتىممۇ ئۇنداق توپلەينى؟ ئۇنداق توپلەينىچۇ، سەھرالىقلارلا كىيىدۇ، دېدى تېخى بايىلا يېنىمدىكى ھەممە پۇلۇمنى تەڭ خەجلەپ، خۇشال ئويناپ كىرگەن ھاممامنىڭ كىچىك قىزى. ھاممام جىلە بولغىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.

    ھۇ جۇۋاينىمەك، تىلىڭنى تارت، سەن شەھەرگە ئاسماندىن چۈشۈپ قالغانمىدىڭ؟ ئۈچىڭدىن بىرىڭ ئېلىشمىساڭ يەر يۇتۇپ كېتەمدۇ توپلەينى؟! ھاممام ئاچچىقىدا كىچىك قىزىنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىغا سۈپۈرگىنى ئېلىۋېدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدىم.

    بولدى ھامما ئۇنى ئۇرماڭ، بازاردىن قايىتقاندا بىرەر يەرگە قويۇپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمىز، دېدىم مەن.

    ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىمىز شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە ئانا، رەنجىمىسىلە، مەن ھازىرلا بازارغا بېرىپ يەنە بىر توپلەي ئېلىپ كېرەي، دېدى ھاممام قىزلىرىغا گەپ يېگۈزەلمىگىنىدىن جىلە بولۇپ.

    رەھمەت بالام، بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولدۇق، ئاپتوبۇس مېڭىشقا يېرىم سائەت قاپتۇ، ئەمدى ئۈلگۈرمەيمىز، دېدى مومام ھېچ ئىش بولمىغاندەك.

    ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتتى. بوۋام – مومام يەر قوينىغا سىڭىپ كەتتى. ھاممامنىڭ ئۈچ قىزى ۋە مەنمۇ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ، تىرىكچىلىك يولىدا يىللاپ ئىزدىشەلمىدۇق. بەزىدە قىزىل رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆرسەم يىتىپ كەتكەن ئاشۇ ئارا پاشنىلىق قىزىل توپلەي، مومامنىڭ توپلەينى ئىزدەۋاتقان ھالىتى، ھاممامنىڭ خىجالەت بولغان تۇرقى ۋە قىزلىرىنىڭ مېنى مەنسىتمىگەندەك قاراشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئانا بولغاندىن كېيىن ئويلاپ باقسام، بوۋام بىلەن مومام بارلىق مېھرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئاتا – ئانامنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماسلىققا، بوينىمنى قىسماسلىققا تىرىشقان ئىكەن. مېھىر – مۇھەببەتلىك مومام بىلەن بوۋامنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئۇدۇمى مېھرىبانلىق، ئەپۇچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش، سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش ۋە قەدىرلەش سىڭگەن مېھىر ئۇرۇقلىرى ئىكەن. بۇ ئۇرۇقلار قەلب ئېتىزىمدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، يەنە نۇرغۇن ئۇرۇقلارغا ئايلىنىپ، ئېرىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، ئەتراپىمدىكى دىلكەشلىرىمنىڭ قەلبىگە تېرىلىپ بولغان ئىكەن.

    

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز