تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (37) - رىقابەتچى

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (37)

رىقابەتچى

  بېيداۋ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جىنايەت پىسخولوگىيە پرو فېسسورى دايې تۇيۇقسىز بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى. 

بۇ يېقىندىن بۇيان مەكتەپ مۇدىرلىق رىقابىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، بۇنداق چاغدا ئۇ ھەرگىز ئۆلۈۋالمايدۇ، چوقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىنادىن سەكرەشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى كلىنىكا پىسخولوگىيە پرو فېسسورى سىنو بىلەن قاتتىق گەپ تالىشىپ قالغان. 

بۇ ئىشمۇ نورمال ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇدىر نامزاتلىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىيلەن ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق تالاش-تارتىش بولۇپ تۇراتتى. 

تەكشۈرۈش ئارقىلىق دايې ئەپەندىنىڭ باشقا كېسىلى بارلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى. 

شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كۆرگۈچىلەرنى قايتا زىيارەت قىلماقچى بولدى. كۆرگۈچىلەر:« ئۇ كۈنى مەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى سىنو پرو فېسسورنىڭ كافېدراسىدىن گەپ تالاشقان ئاۋازنى ئاڭلىدىم. قارىسام دايى پرو فېسسور بىلەن سىنو پرو فېسسور ئىكەن. ئىككىيلەن ئۆز كەسپىدە دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ھازىر مۇدېرلىق ئورنىنى تالىشىۋاتقان رىقابەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ماڭا قىزىق تۇيۇلۇپ توختاپلا ئاڭلاپ باقتىم». 

بۇلارنىڭ ئاۋازى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى:

«ئاڭلىسام سىزنى ئىچكى جەھەتتە مۇدىر نامزاتى قىلىپ تاللاپتۇ، بۇ راستمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن ئاۋۋال سىزنى تەبرىكلەيمەن»، سىنو پروفېسسور كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. 

«بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن، سىز مېنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن چاقىرىتقانمىدىڭىز؟ قاراڭ سىنو ئەپەندى، مەن سىرتتا دوكلات بېرىپ ئەمدى كەلدىم، سەل ھارغاندەك قىلىمەن، باشقا ئىش بولمىسا مەن قايتاي». 

«بولىدۇ، دايى ئەپەندى سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، قارىغاندا ئارام ئالسىڭىز بولغۇدەك، مەن سىزنى ئاپپاق قار ئۈستىدە ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرسام بولغۇدەك» سىنو ئەپەندىم شۇنداق دەپ مۇشتىنى ئالقىنىغا «پاق» قىلىپ ئۇردى. دەل شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دايى ئەپەندىنىڭ يۈزى ئەلەملىك سىلكىنىپ، بوينى بىر تەرەپكە سىڭايان بولدى-دە، بىردىنلا دېرىزىنى ئېچىپ ئېچىنىشلىق ھالدا بىنادىن سەكرىدى.  

سىنو پېرو فېسسور زادى قانداق ماھارەت ئىشلەتكەن؟ 


رازۋېتكا ھېكايىلىرى(36)نىڭ جاۋابى:

شەنبىن تارىخ ۋە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتىدۇ؛

 جۇشياڭ مۇئەللىم ئىنگلىز تىلى ۋە بىئولوگىيە دەرسى ئۆتىدۇ؛

 چۈەنداۋ مۇئەللىم ماتېماتىكا ۋە فىزىكا دەرس ئۆتىدۇ. 


ئەسكەرتىش: رازۋدكا ھېكايىلىرىنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، نۇر تورى ئىزدەش رامكسىىغا «رازۋېدكا، رازۋېتكا، ھېكايە» دىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈڭ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز