سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدا
مېھمانلار قومۇل ئەدەبىياتدىكىلەر بىلەن ئارتام ئۇيغۇرشاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بار تاش ئالدىدا
مەن ۋە قومۇلدىكى بىر قانچە ئاغا-ئىنىلەر 2010-يىلى 7-ئايلاردا گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى سۇنەن يوغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)ئاپتونوم ناھىيسىگە بارغانتۇق. بۇ جەرياندىكى نەچچە كۈنلۈك تەسىراتىمنى تور ۋە <<قومۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانتىم. بەزى كىشىلەر ماڭا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۇلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك ئۇچۇر بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيىتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك بولسىمۇ، ئاشۇ يىراق سۇنەننىڭ تاغ-دالالىرىدا ھازىرغىچە ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى ئاداققىچە قوغداپ قېلىش ئىستىكىدە تىرىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇر قانداش، قېرىنداشلىرىمىز بىزنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالماپتۇ. بۇ ئىككى يىل مابەينىدە مەن شەرق سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئېرجىن قەبىلىسىدىن بولغان جۇڭگودا كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ كەلدىم. بۇ ئارىدا ساقىلىق ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېھىم ئاغام تۆمۈر ئاغامنىڭ بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ <<قومۇل ئەدەبىياتى>>دا ئېلان قىلدۇردى.تېخى پىشقەدەم رەھبەر ئابدۇراخمان مۇتىللا ئەپەندىم تۆمۈر ئاغامنىڭ <<سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى>>دېگەن زور ھەجىملىك تارىخى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان كىتابىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا بەردى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىل ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بەلكىم دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرى ئۇشبۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولسىلا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى ۋە ئۇلار تارىختىن بۇيان ئۇچىرىغان سورۇقچىلىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمىشىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. 2000-يىلىدىكى نوپۇس سىتاتىسكىسىدا غەربى ۋە شەرق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇسى ئاران 13719 ئادەم بولغان. بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا مالوف ئەپەندىم ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى بىر تۈمەن ئەتىراپىدا دەپ ئۇچۇر قالدۇرغان ئىكەن. جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ بۇ قەدەر ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىشىدە ھەرخىل سەۋەبلەر بار.
ئوڭدىن تەرجىمان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېھىم، تۆمۈر ئەپەندىم ۋە شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇنلار ئارتام ئۇيغۇر چوققىسى ئېتىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا سۆھبەتلەشمەكتە.