ئاتاقلىق پسىخولوگ زېگىرنىك تەجرىبە جەريانىدا، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تاماملىنىپ نەتىجىسى چىقىپ بولغان ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۈزۈلۈپ قالغان، تاماملانمىغان، نىشانغا يەتمىگەن ئىشلارنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئەھۋال «زېگىرنىك ئىنكاسى» دەپ ئاتالغان.
ئاياللار نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى يىگىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ؟ چۈنكى ئاياللار شۇ يىگىتنىڭ يەنە قايتىپ كېلىشىگە ئىشىنىدۇ، يىگىت كەتكەندىن كېيىن، قىز ئۇنى دائىم ئويلايدۇ ھەمدە ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.
ئۇنتۇيالماسلىق بەلكىم پسىخىكىلىق ئامىلنىڭ تەسىرىدىن بولمىغان، ئەكسىچە سىزدىكى فىزىئولوگىيىلىك ھېسسىيات پسىخىكىلىق ھېسسىياتقا مەجبۇر قىلغانلىقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئاياللار ئۆزىنى كونترول قىلالماي، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىگەندە ياكى خاتىرىسىدىكى شۇ يىگىتنى ئويلىغاندا ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئويغىتىش خاتا ھالدا تونۇش جەھەتتىكى ئېغىشنى پەيدا قىلىدىكەن.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى