ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار
____
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار
_____ خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق باش كاتىپى، جامائەت ئەربابى، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت تەشكىلاتچىسى، ئۇستاز شائىر، يازغۇچى مۇھەممەد چاۋارنىڭ ۋاپاتىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن
مىرئەھمەد مامۇت
ئاھۇ كۆزلەر، بۇلاق كۆزلەر ھەممىنى ياشلاپ،
تومۇرىدا كۈۋەجىگەن ئىلھامنى تاشلاپ،
ئازابلارنى، شادلىقلارنى يۈدۈپ ھاپاشلاپ،
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار.
سۈزۈك سەھەر تولغىنىدۇ ئەنسىز ۋارقىراپ،
كوچىلاردا يۈرەر خەۋەر ئىشىك مارىلاپ،
دىللار ئۈنسىز تىترىمەكتە ئاھ ئۇنى ئويلاپ،
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار.
تۇلپار ئىدى قەلەم ئۈچۈن كۆيگەن يۈرىكى،
تومۇرلاردا جۇش ئۇراتتى ئۇنىڭ تىلىكى،
قەلەم ئۈچۈن ئاقتى قېنى، ئاقتى يىلىكى،
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار.
چاچلىرىدا كۆيگەن سۆيگۈ مۇھەببەت قالدى،
ئۇ ياراتقان بۈيۈك چوققا ــ سەلتەنەت قالدى،
ھەر دىللاردا ئۇ ياراتقان ھەقىقەت قالدى،
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار.
ئۆلۈم شۇنداق ئېلىپ كېتەر بارچىنى بىر-بىر،
ياراشمايدۇ شۇڭا بىزگە قىلچىلىك كىبىر،
كەل دوستلىرىم، يەتكۈزەيلى ئۆزئارا مېھىر ،
ئۇ ئالەمگە كەتتى بۈگۈن مۇھەممەد چاۋار.
2016-يىلى 24-يانۋار، خوتەن