ياخشى بولغان تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسلە بولۇپ، تاماقتىن بۇرۇن ھەم كېيىن دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىلمىي غىزالىنىش ئۈچۈن غىزالانغان ۋاقىتتا ئۇسۇلغىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن، تاماقتىن كېيىنكى بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئۈنۈمىگىلا ئەمەس، تەن ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
1. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەسلىك كېرەك:
تاماقتىن كېيىن دەرھال قېنىق چاي ئىچكەندە يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى چايدىكى تاننىك كىسلاتا بىلەن تۆمۈر بىرىكىپ، تۆمۈرنىڭ تاننىك كىسلاتا تۇزىنى ھاسىل قىلىۋېلىپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلىشى قىيىنلىشىدۇ. ياشانغانلاردا كۆپىنچە يېنىك دەرىجىسىدىكى تۆمۈر كەملىك خاراكتېردىكى قان ئازلىق بولىدۇ. شۇڭا قېنىق چاي بۇلار ئۈچۈن پايدىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاننىك كىسلاتانىڭ قۇرۇش رولى بولغاچقا، تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەندە ياشانغانلارنىڭ چوڭ تەرىتى قېتىپ، قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا چاي ئىچىش ۋاقتىنى تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماقتىن كېيىنكى بىر- ئىككى سائەتكە ئورۇنلاشتۇرسا ئەڭ ياخشى.
2. تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەسلىك كېرك:
تاماقتىن كېيىن ئېنېرگىيە كۆپەيگەچكە، بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى روھلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، قان ئايلىنىشمۇ تېزلىشىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تاماكا چەككەندە بەدەننىڭ تاناكا ئىسىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈش مىقدارى ئېشىپ كېتپ، جىگەر، مېڭە ۋە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئالىملارنىڭ ئۆلچەپ چىقىشىچە، تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەنلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئادەتتىكىگە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. تاماكا چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكى (يۇتقۇنچاق) قىزىلئۆڭگەچنىڭ كېڭىيىش دائىرىسى كىچىكلەپ كېتىپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قىىلئۆڭگەچكە قاراپ تەتۈر سىلجىشى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىن ئاشقازانغا قاراپ تەتۈر ئېقىشى كېلىپ چىقىدۇ.
3. تاماقتىن كېيىن بەلۋاغنى بوشىتىۋەتمەسلىك كېرەك:
تاماقنى بەك كۆپ يەۋالغاندا ئاشقازان بەكلا توشۇپ كېتىپ، ئاشقازانغا چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بەلۋاغنى بوشىتىۋەتكەندە، قورساققا چۈشىدىغان بېسىم ئازلاپ، ئاشقازان بوشىشىپ كېتىپ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، ئاشقازاننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ:
تاماقتىن كېيىن يۇيۇنغاندا، تېرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ، ئەسلىدە ئۈچەي- ئاشقازان يوللىرىغا قاراپ ئېقىشقا تېگىشلىك بولغان قان سۇيۇقلۇقى مەجبۇرىي ھالدا بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىنى ئوراپ تۇرغان تېرىگە قاراپ ئېقىپ، ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىدىكى قان مىقدارى ئازلاپ كېتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
5. تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاشقا بولمايدۇ:
تاماقتىن كېيىن ئۇخلىغاندا يېمەكلىكلەر ئاشقازاندا تۇرۇپ قېلىپ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرلۈشكە تەسىر يېتىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى مېتابولىزىم تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلىغاندا ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ ھەم سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ. چۈنكى تاماقتىن كېيىن قان ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا مەركەزلەشكەچكە، ئاسانلا چوڭ مېڭىدە مەلۇم دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە قان بېسىمى تۆۋەن بولغانلار بولۇپمۇ ياشانغانلاردا قان بېسىمى تاماقتىن كېيىن بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىغاندا بەدەن تىنىچ ھالەتتە تۇرغاچقا، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن سەكتە كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاش سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. تاماق ۋاقتىدا ئالدىراپ ياخشى چاينىماي يۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئادەتتە بەزى ئادەملەر تاماقنى ناھايىتى تېز يەيدۇ، تاماق يېيىش سۈرئىتى بەكلا تېز بولۇپ كەتسە، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازانغا كىرىش سۈرئىتى ئاشقازاندىكى تويۇنغانلىق ئۇچۇرىنىڭ مەركىزى نېرۋىغا يېتىپ كېلىش سۈرئىتىدىن تېز بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا يېمەكلىك مىقدارى ئارتۇق بولۇپ كېىتىش كېلىپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، سېمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماق يېيىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولغانلاردىن ئىبارەت. تاماقنى بەك تېز يېگەندە چايناش يېتەرلىك بولماي، يېمەكلىكلەر ياخشى چاينالمىغاچقا ھەم يىمەكلىكنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى بەكلا قىسقا بولغاچقا، خىمىيىلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئاشقازانغا كىرىپ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى كۆرۈلىدۇ. يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرلىشىنىڭ تولۇق بولماسلىى ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.