تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
زېھنىڭىزنى سىناپ بېقىڭ !

1- تېپىشماق:

بىر رېستۇراندا 3 دانە ھامبۇرگ بولكىسى، 5 ئىستاكان سۈت، 1 تەخسە قورۇما بۇيرۇتۇش ئۈچۈن \large \$23.50 تۆلەيدۇ. يەنە مۇشۇ رېستۇراندا 5 دانە ھامبۇرگ بولكىسى، 9 ئىستاكان سۈت ھەم 1 تەخسە قورۇما بۇيرۇتۇش ئۈچۈن \large \$39.50 تۆلەيدۇ. ئۇنداقتا 2 دانە ھامبۇرگ بوكىسى، 2 ئىستاكان سۈت ھەم 2 تەخسە قورۇما بۇيرۇتۇش ئۈچۈن نەچچە دوللار تۆلەش كېرەك ؟

2- تېپىشماق :

ئوخشاش ئىككى تال شام بار ، بىر تال شامنىڭ كۆيۈپ تۈگەپ بولۇشى ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان . ئىككى تال شامدىن پايدىلىنىپ 15 مىنۇت ۋاقىتنى ئۆلچەپ چىقالامسىز ؟

دىققەت، مەلۇم ئۇسۇللار بىلەن ( شامنى سۇندۇرۇشقا ياكى ئۈستىگە بەلگە قۇيۇشقا بولمايدۇ )، ئىكى تال شامنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق 15 مىنۇت ۋاقىتنى ئۆلچەپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ .

3- تېپىشماق :

شۇنداق 12 دانە شارەكچە بار دەيلى ، ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوپمۇ-ئوخشاش، پەقەت بىرىنىڭلا ئېغىرلىقى باشقىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ ، سىزگە بىرلا بىردە-بىر ماسىشتابلىق تەپپۇڭلاشتۇرغۇچلۇق تارازا بېرىلگەن. تارازىنى پەقەت ئۈچ قېتىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ، ئېغىرلىقى باشقىلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئاشۇ بىر شارەكچىنى تېپىپ چىقىڭ .

4- تېپىشماق :

سىزگە نەق 4 لېتىر سۇ كېرەك بولۇپ قالدى دەيلى ، 3 لېتىرلىق بىر چېلەك ۋە 5 لېتىرلىق بىر چېلەك بار . 5 لېتىرلىق چېلەكتە لىق سۇ بار . سىز قانداق قىلىپ 4 لېتىرلىق سۇغا ئېرىشەلەيسىز ؟

5- تېپىشماق :

بىر چېلەك مېۋە ئۇيۇتمىسى بار دەيلى . بۇلار قىزىل ، سېرىق ، يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدە. كۆزۈڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ قولىڭىزغا ئەڭ ئاز بولغاندا نەچچە دانە مېۋە ئۇيۇتمىسى ئالغاندا ۋاقىتتا، قولىڭىزدا ئوخشاش رەڭدىكى مېۋە ئۇيۇتمىسىدىن 2 تال بار بولغان بۇلىدۇ ؟

6- تېپىشماق :

ئىككى خىل ئوخشاش شەكىلدىكى ، ئاق رەڭلىك تابلېت دورىدىن جەمئىي 10 قۇتا بار.

بىر خىلىنىڭ ھەر بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 10 گىرام، يەنە بىر خىلىنىڭ ھەر بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 9 گىرام . بۇ دورىلار ئارىلاش قاچىلانمىغان. سىزگە بىرلا بىردە-بىر ماسىشتابلىق تەپپۇڭلاشتۇرغۇچلۇق تارازا بېرىلدى. مۇشۇ تارازىنى بىرلا قېتىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىككى خىل دورىنىڭ ھەر قايسىسىدىن ئايرىم - ئايرىم نەچچە قۇتا بارلىقىنى تېپىپ چىقىڭ .

7- تېپىشماق :

ئوخشاش شەكىل ، ئوخشاش رەڭدىكى تابلېت قاچىلانغان 4 قۇتا دورا بار دەيلى . ئۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر قانچە قۇتىدىكى دورا پۈتۈنلەي بۇلغانغان، بۇلغانغان تابلېتكىنىڭ ئېغىرلىقى بۇلغانمىغان تابلېتكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن 1 گىرام ئارتىپ كەتكەن دېيىلگەن. بىرلا بىردە-بىر ماسىشتابلىق تەپپۇڭلاشتۇرغۇچلۇق تارازىدىن بىرلا قېتىم پايدىلىنىپ ، قايسى قۇتىلاردىكى دورىلارنىڭ بۇلغانغانلىقىنى تېپىپ چىقالامسىز؟

8- تېپىشماق :

7 گىراملىق گىر تېشىدىن بىر تال ، 2 گىراملىق گىر تېشىدىن بىر تال ۋە بىر دانە قوش شىكالىلىق تارازا بار . پەقەت مۇشۇ ئەسۋابلارنىلا ئۈچ قېتىم ئىشلىتىش ئارقىلىق 140 گىرام تۇزنى 90 گىرام ۋە 50 گىرام قىلىپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ چىقىڭ .


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز