لەۋ قېنىق رەڭدە بولسا: بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، چىش بىلەن باش ئاغرىش، باش قېيىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاچچىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا توخۇ، قوي گۆشىنى يېمەسلىك كېرەك.
لەۋ سۇس ئاق رەڭدە بولسا: بۇ قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاسان چارچاش، دولىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۆش تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك.
لەۋ سۈزۈك قارا رەڭدە بولسا: بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دېمى سىقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىپ بېرىش، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
لەۋ ئەتراپى قارىدىغان بولسا: بۇ بەدەندە نەملىك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىق، دائىم پۇتنى قىزىق سۇغا چىلاپ بېرىش كېرەك.
لەۋ يېرىلغان بولسا: بۇ بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، كۈندە ئۈچ تال مايمۇن شاپتۇلى يەپ بېرىش، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.