نۇرغۇنلىغان كىشىلەر « سەت ئايال يوق بىراق ھورۇن ئايال بار » دەپ قارايدۇ ، چوقۇم داۋاملىق توختىماستىن تىرە ئاسراش خىزمىتىنى قىلىش كېرەكمۇ ؟ تەھرىرنىڭ تەھلىلى بوينىچە ، سەت ئايال يوق ، بىراق ئەقىللىق ئەمەس ئايال بار ، ئۇستىلىق ئىشلىتىپ ھورۇنلۇق قىلسىڭىز ، سىز ئوخشاشلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ياخشى تىرىگە ئىرىشەلەيسىز . بىلەمسىز ؟ ھورۇنلۇق قىلىدىغانلاردىن سىزلا ئەمەس ، يەنە داڭلىق چولپانلاردىن فەن بىڭبىڭ ، ۋۇ پېيزى ، ليۇۋ يىفېي قاتارلىقلارمۇ تىرىسى ياخشى ھورۇن چولپانلار ھىسابلىنىدۇ ، قىنى ئۇلارنىڭ قانداق ھورۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى !

1- ھورۇن چولپان : ۋۇ پېيزى
دائىملىق ھورۇنلىقى : كۆز مەلھىمى سۈرگەندە مۇۋاپىق ئۇۋلاپ بەرسە تېرە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرەلەيدىغان بولۇپ ، بىراق ئۇنىڭ شۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇۋلاپ بىرىشكە سەۋىرچانلىقى يوق !
ھورۇنلارچە ياخشى چارە : پەقەت قول جەينىكىنى تىزغا قويۇپ ، بىشىڭىزنى تەبئىي ھالەتتە ئالقىنىڭىزغا قويۇپ ، كۆز مەلھىمى سۈرگەن قولىڭىزنىڭ بارمىقى بىلەن كۆز ئۇۋىسىنى تىرەپ ، 15 - 20 سىكونت تۇرسىڭىز ، كۆز ئەتراپىدىكى تىرىلەر باشقىچە بىرخىل ھىسىياتتا بولۇپ ، تىز سۈرەتتە ئۇۋلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .