بەلكىم ماۋزۇنى ئوقۇپلا بۇ بىر بىمەنە قاراش دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.
بىراق، ئەنگلىيەنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، شوپۇرلار قانچە سېمىز بولسا، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تۆۋەندە بىز سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى:
بەدەن ئېغىرلىقى نورمال شوپۇرغا قارىغاندا، بىرىنچى دەرىجىلىك سېمىز شوپۇرنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى %21 يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك سېمىز شوپۇرلارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى %51 يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك سېمىزلەرنىڭ بولسا ھەتتا %80 يۇقىرى بولىدىكەن.
جىنس پەرقى جەھەتتىن، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال شوپۇرغا قارىغاندا، بىرىنچى دەرىجىلىك سېمىز ئايال شوپۇرنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى %36 يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك سېمىز ئايال شوپۇرلارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى بىرىنچى دەرىجىلىككە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، %72 كە يېتىدىكەن؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك سېمىز ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ماشىنا ھەيدىمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
!OH NO، بىز ئاياللار ھەر كۈنى ئورۇقلاۋاتىمىز!
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، سېمىز شوپۇرلارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، سېمىزلەرنىڭ بەدىنىدە ماي بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىخەتەرلىك تاسمىسى سېمىز شوپۇرلارنى ئورۇندۇقتا مۇقىم تۇتۇپ تۇرالمايدىكەن.
سېمىزلىكنى دەرىجىگە ئايرىشتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى (BMI) ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنى بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە بۆلۈپ بەرسەك، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
نورمال بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى: 24.9-18.5 ئارىلىقىدا بولىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىلىك سېمىزلىك: 34.9-30
بىرىنچى دەرىجىلىك سېمىزلىك: 39.9-35
ئۈچىنچى دەرىجىلىك سېمىزلىك: 40 تىن يۇقىرى بولىدۇ.