ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ئۈچەي، ئاشقازان كېسەللىرى ئىلمى ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، گۆش تۈرىدىكى ئاقسىللارنى قوبۇل قىلىشى كۆپ بولغان ئاياللارنىڭ ئۈچەي يەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال ئاياللارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ ھايۋانات ئاقسىلى قانچە كۆپ بولغانسېرى ئۇنىڭ خەۋپىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. سۈت مەھسۇلاتلىرى ياكى تۇخۇمنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىكەن.