ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كىتىش كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار. خاسىڭ-كۆپ مىقداردىكى مايدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەر ئېستىمال قىلغاندا قاندىكى ماي مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى.
2. ئۆت خالتىسىنى ئالدۇرۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلدۇرغانلار. خاسىڭ تەركىبىدىكى ماي ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ سىڭدۈرۈشىگە مۇھتاج. ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلدۇرغاندىن كىيىن ئادەمنىڭ ئۆتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ خىل ئىقتىدار يوقىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئوپراتسىيە قىلدۇرغان بىمارلار خاسىڭنى ئىستىمال قىلسا، كۆپ مىقداردىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، دائىم ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغانلار. خاسىڭ كۆپ مىقداردىكى مايدىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىق تال ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ئىستىمال قىلسا، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يىقىلىپ چۈشۈپ بەدىنى ئىششىپ قالغۇچىلار. خاسىڭ تەركىبىدە بىر خىل تېز سۈرئەتتە قان ئۇيۇتقۇچى ماددا بولۇپ، يىقىلىپ چۈشۈپ بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى ئىششىپ قالغۇچىلار خاسىڭنى ئىستىمال قىلسا، قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاغرىقنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.