تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دانالار ھېكمەتلىرى

ئادەم ئۈچۈن زىيان سالىدىغان نەرسە دەل ئەتە دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى. 

پەيتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ياكى ئالاقزادە بولۇپ تەمتىرەپ قېلىش ھەممىدىن مەھرۇم بولغانغا باراۋەردۇر. 

تالانتلىق بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەك، ئۆگەنمەي تۇرۇپ تولۇق تالانتلىق بولغىلى بولمايدۇ. 

كىتابنىڭ بىر ۋارىقىنى ھەزىم قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش، پۈتۈن بىر كىتابنى ئالدىراپ-سالدىراپ ئوقۇپ تۈگەتكەندىن ئەلا. 

شاختىن-شاخقا قونۇش قابىلىيەتسىزلىكنىڭ بەلگىسى، ئىزچىللىق ھاياتنىڭ جېنى. 

ئۆزگىنىمۇ، ئۆزۈڭنىمۇ بىلسەڭ ھەرقانداق جەڭدە يېڭىلمەيسەن. 

كۈچ باشقا يەردە ئەمەس، ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا. 

ئادەم ياشىشى كېرەك، لېكىن ئۇنىڭ ياشىشى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئۈچۈندۇر؛ ئادەم جاپا چېكىشى كېرەك، لېكىن ئۇنىڭ جاپا چېكىشى كەلگۈسىدىكى جىمى جاپا مۇشەققەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈندۇر؛ ئادەم ھەممىدىن زۆرۈرى كۈرەش قىلىشى كېرەك، لېكىن ئۇنىڭ كۈرەش قىلىشى ئىسلاھات.ئۈچۈندۇر. 

ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن ياشاش ھايۋانغا خاس شەخسىيەتچىلىك، بىر ئادەم ئۈچۈنلا ياشاش پەسكەشلىك، ئۈزى ئۈچۈنلا ياشاش نومۇسسىزلىقتۇر. 

ئاچكۆزلۈك غېرىچقا ئېرىشكەن ئادەمنى غۇلاچقا ئېرىشسەم ئىكەن دېگەن ۋەسۋەسىگە، غۇلاچقا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە قوش غۇلاچقا ئېرىشسەم ئىكەن دېگەن ۋەسۋەسىگە سالىدۇ، بۇ ۋەسۋەسە مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، ئادەمنى بارغانسېرى ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز