ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ ئېكرانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئالىقان مەسىلىسى ھەر قايسى قاتلاملارغا يامراپ كەتتى. 14-چېسلا، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مەسئۇل ۋىراچ بىچىڭنىڭ دېيىشىچە، 4 دىيۇملۇق تېلېفون ئاياللارنىڭ ئالىقان كەڭلىكىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، 20 دىن كۆپرەك ئالىقان بىلەن تېلېفون ئۆلچىمى ماس كەلمىگەنلىكتىن، بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ۋە پەي غىلىپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كېسەللىككە دىياگنوز قويۇلغان.
بىچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىن بۇيانقى كېسەللەر ئىچىدە، بۇرۇن ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان توپ پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ئاياللار، كېسەللىك ئەھۋالى سول قولىنىڭ كۈچى يوق، باش بارماقتىن نامسىز بارماققىچە سەزمەيدۇ. نەرسە تۇتالمايدۇ، باش بارماق ھەرىكەتلەنگەندە پەي ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.
بىر ياش ئايال بىمارنىڭ دېيىشىچە : iPhone6 Plus تېلېفونىنى ئىشلىتىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، بارماق ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بارماقلىرىمۇ جانلىق ئەمەس، نەرسە تۇتالمايدۇ، كېيىن تېلېفون قىلىش، قوبۇل قىلىشمۇ تەسكە چۈشكەن. تېلېفون ئىشلىتىش ۋاقتى بىر قانچە مىنۇت ئېشىپ كەتسىلا، باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق تېلېفوننى تۇتالمىغان، بېغىش، ئالدى بىلەك ئاغرىغان.
شۇڭا بىچىڭ تېلېفون كەڭلىكى ئالقاندىن كۆرسەتكۈچ بارماق ئارىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى. ئوغۇللارنىڭ ئالىقىنى كەڭرەك، كەڭ ئېكرانلىق تېلېفون تاللىسا مەسىلە چوڭ ئەمەس، لېكىن كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئالىقىنى كىچىك، بىر قەدەر ماس كېلىدىغانلىرى يەنىلا 3.5-4 دىيۇملۇققىچە بولغان تېلېفون ئىكەن.