تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۆپ كىرىم قىلىدىغان 10 كەسىپ

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 تولۇق كۇرس كەسپى ئىچىدە 9 ى قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كەسىپ ئىكەن. پەقەت دورىگەرلىك كەسپىلا قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرمەيدىكەن. 

دوكلاتتا 137 خىل كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىمىگە قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 تولۇق كۇرس كەسپى ئىچىدە دورىگەرلىك كەسپىدىكىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 113 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. باشقا 9 خىل كەسىپ ئىچىدە، نېفىت كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 136 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، مېتاللورگىيە كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 98 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، كانچىلىق كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 96 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 96 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئېلېكتىر كۈچى كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 93 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ماشىنىسازلىق كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 87مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، كومپيۇتېر كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 87 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، گېئولوگىيە ۋە يەرشارى فىزىكىسى كەسپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 87 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان كەسىپلەر سەنئەت، مائارىپ، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر ئىكەن. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 39 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىكەن.   


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز