ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەم تېنىدىكى كۆپ خىل توكسىننى تازلاشقا ياردىمى بولىدىكەن:
يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقارلىق بولۇپ، يېمەكلىكلەردىكى قەنت، گۆش، تۇخۇم ۋە مېتابولىزم جەريانىدا شەكىللەنگەن زىيادە كىسلاتالىق ماددىلارنى تەڭشەپ، بەدەن سۇيۇقلۇقنىڭ تۆۋەن ئىشقارلىقلىقىنى ساقلاپ، قاندىكى زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا يازلىق يېسۋىلەك، قىچا يوپۇرمىقى، پالەك، سەۋزە قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.
قارا ئاشلىق. دائىم تاتلىقياڭيۇ، بەرەڭگە، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي قاتارلىقلارنى يەپ بەرگەندە، چوڭ تەرەت راۋانلىشىپ، تەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ئۈچەي يولىدا ئۇزاق تۇرۇپ قالمايدۇ. قارا ئاشلىق تەركىبىدە ئاق ئاشلىقتا كەمچىل بولغان نۇرغۇن ئالاھىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، بۇ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ئۈچەي ئاشقازاننىڭ ئىچكى مۇھىتىنى تەڭشەيدۇ، ئۇنى ئادەم تېنى ئاسان قوبۇل قىلغاچقا، بەدەننىڭ ئىممونىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
مېۋە ياكى مېۋە سۈيى. لىمون، ئاپلىسىن، ئۈزۈم، ئالما، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا ئىشقارلىق بولۇپ ئۆزگىرىدۇ ھەم قاننىڭ ئىشقارلىقلىقىنى ساقلايدۇ، بولۇپمۇ ھۈجەيرىلەردە ساقلىنىپ قالغان زەھەرلىك ئېلېمېنتلارنى ئېرىتىپ، چىقىرىش سىستېمىسى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.
كۆك چاي. كۆك چاي تەركىبىدە زەھەر تازىلايدىغان نۇرغۇن ئېلېمېنت بار، بۇلار قاندىكى زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئاسانلا بىرلىشىپ، زەھەرلىك ماددىلارنى كىچىك تەرەت ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدۇ. كۆك چاينى دائىم ئىچىپ بەرگەندە، يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، تاماكا چېكىدىغانلار كۆك چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسە، نىكوتىننىڭ زىيىنىنى ئازايتالايدۇ.
ئۈزۈم ھارىقى. ئۈزۈم ھارىقىنىڭ يۈرەككە پايدىسى بار، ئۇنىڭدا مول لىمون كىسلاتاسى بولۇپ، ئىشقارلىق ئىچىملىككە تەۋە. نۇرغۇن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردى بۇ ئىقتىدار يوق، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ يەنە سۈيدۈك ئارقىلىق زەھەر ھەيدەش رولىمۇ بار.
لامىنارىيە ۋە ئەڭلىكئوت. بۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېلىم ماددىسى بولۇپ، تەرەتنى ھەيدەپ، بەدەندىكى رادىئاكتىپلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چوڭ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۆسمە كېسىلى بىمارلىرى خېمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندا، لامىنارىيەنى كۆپ يەپ بەرسە، قان تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. لامنارىيە بىلەن ئەڭلىكئوتنى دائىم يەپ بەرگەندە، راكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
قارا ساڭراۋ قۇلاق(قارا موئېر) قارا ساڭراۋ قۇلاق قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ جۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. يۈرەك مېڭە قان تۇمۇرى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. قارا ساڭراۋ قۇلاق تەركىبىدىكى يېلىم ماددىسى ئادەم تېنىنىڭ ھەزىم قىلىش سستىمىسىدا قېپقالغان چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرۈپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، ئاشقازان ئۈچەينى تازىلايدۇ.