قىشتا پۇتى ئىسسىمايدىغان ياشانغانلار...
قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «بەزى ياشانغانلارنىڭ قىشتا بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن پۇتى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، پېيى تارتىشىدۇ، ئەمما بۇ ئۇلار ئويلىغاندەك رېماتىزم كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلار تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى ئۇيۇشۇش ياكى توسۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى ئۇيۇشۇش ياكى توسۇلۇش كېسىلى تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ، تۆۋەنكى مۈچىگە قان يېتىشمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاغرىقلاردا تۆۋەنكى مۈچىسى مۇزلاش، پۇت مۇسكۇلى تارتىشىش، تېرە رەڭگى ئۆزگىرىش، پۇت تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلالماسلىققا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلا بولسا، دورا ئىشلىتىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالىنىش زۆرۈر».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى