تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلار تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرسە، سالامەتلىكىگە زىيانلىق

يېقىندا ئەنگلىيە ئالىمى ئېرىك سىگمان ئون يىل تەتقىق قىلىپ، ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن كىتاب ئوقۇش ئوخشىمىغان ئىككى ئۇقۇم بولۇپ، كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرسا، تېلېۋىزور كۆرۈش بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەيدىكەن. ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولمىغاچقا، دائىم تېلېۋىزور كۆرۈش بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال يېتىلىشى ھەم ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئىكەن. ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى تورغا چىققان بالىلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۈزىتىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم تېلېۋىزور كۆرگەن بالىلارنىڭ مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئامېرىكا بالىلار ئىلمىي جەمئىيىتى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىكەن. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى چەن جىلاڭ ئۈچ ياشقا توشقان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى 54 مىنۇتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرمەسلىكىنى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئاخشىمى تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق تېلېۋىزور كۆرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇتەخەسسىسلەر يەنە بالىلارنى يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ئوخشاش ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىشقا، تاماق ۋاقتىدا تېلېۋىزور كۆرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز