ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ساراڭلارنىڭ چېچىنى ئىلىۋاتقان ئىكەن:
نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان بىر ساراڭ يەنە بىر ساراڭغا دەپتۇ:
-كەل بېشىڭغا مىخ قېقىپ قوياي.
-نېمىشقا؟
-ساتىراشنىڭ ئۇستىرىسى بۇزۇلۇپ چېچىمىزنى ئالالماي قاپتۇ.
-ياق! مىخ قاقىمەن دەپ بولقا بىلەن بېشىمغا ئۇرساڭچۇ؟
-ئۇنداقتا بولقا بىلەن ئەمەس تاش بىلەن قاقىمىز!