شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1.چىش چوتكىلىغاندا ئېغىزنى كۈچەپ چايقاش. غىزالانغاندا ھاسىل بولغان كىسلاتا ۋە شېكەر چىش ئېمال ماددىسىنى ئاسراش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تاماقتىن كېيىن چىشنى چوتكىلىغاندا چىش ئېمال ماددىسى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، چىش چوتكىلىغاندا ئېغىزنى كۈچەپ چايقاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. يېمەكلىكنى دائىم ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدە چايناش. بۇ يۈز شەكلىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، يېمەكلىكنى داي ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدە چاينىغاندا، يۈز شەكلىگە تەسىر يېتىدۇ.
3. چىشىدا دائىم قاتتىق نەرسىلەرنى چېقىپ يېيىش. قىسمەن كىشىلەر چىشىدا قاتتىق پوستلۇق نەرسىلەرنى چېقىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ چشنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
4. ئۇخلاش ئادىتى چىش ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇخلىغاندا قولىنى يۈزىگە قويۇپ ياتسا، ياكى ئېڭىكىنى يۆلەپ ياتسا،يۈز شەكلىگە تەسىر يېتىدۇ.
5. دائىم باش بارماقنى شوراش. بۇ ئادەتتە بوۋاقلار ۋە ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بىراق بۇ ئادەت يەنە داۋاملاشسا چىش گۈزەللىكى ۋە چىش ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
6. تىلىنى چىقىرىش ۋە چىش يالاش. بۇ ئادەت كۆپىنچە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق.
7. چىشنى قالايمىقان كوچىلاش. چىشىنى قالايمىقان كوچلىغاندا،چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ، چىش ساغلاملىققا تەسىر يېتىدۇ.