گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن شېئىر، قىسقا ماقالە، ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كېسىۋىلىپ، بىر دەپتەرگە چاپلاپ بېقىشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋېلىڭ، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ئىچ-پۇشۇقىدىن قۇتۇلالايسىز.
ئېرىڭىزنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى سۆزلەپلا ئولتۇرماڭ. دۇنيادا كامالەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى غەمدىن خالاس قىلىمەن دېسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈڭ. قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتسىڭىز، يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز، زېرىكمەيسىز.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتىكى ئىشلارنى ئالدىن پىلانلىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، ئەتىسى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز ھەم چارچاش ھېس قىلمايسىز.
ئۆي ئىشى بىلەن چارچىغاندا دەرھال پۇت-قولىڭىزنى سوزۇپ يېتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئاپپاق بۇلۇتلارنى، كۆپكۈك ئاسماننى، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۇلىرىنى خىيال قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/19/content_490028.htm