پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ %27 ىدە دېۋەڭلىك، %37 ىدە خامۇشلۇق، %11.7ىدە ئەنسىزلىك، %10ىدە تەشۋىشلىنىش، %14.3 ىدە باشقا تۈرلۈك پىسخىك كېسەللىكلەر بار ئىكەن. دېمەك، ياشانغانلار پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى پىسخىك كېسەللىكلەر قىيناشقا باشلايدىكەن، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈپلا، پسىخىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى سەۋەب بولىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە پىسخىك مەسىلە كۆرۈلگەندە، %63 ى پسىخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىكەن، %22 ىنى ئائىلىسىدىكىلەر مەجبۇرىي داۋالىتىدىكەن.
پسىخولوگلار مۇنداق دېيىشتى:«تىت-تىت بولۇش، گۇمانخورلۇق، ئىچى سىقىلىش قاتارلىق پسىخىكا مەسىلىلىرى كۆرۈلسە، ياشانغانلارنىڭ %38 ى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، %16 ى كونا دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشىدىغانلىقىنى، بىراق %20 ى ماجاڭ ئويناش، سەيلە قىلىش، دوستلار بىلەن بىللە تاماق يېيىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ مىجەزىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئەمما ئۆزىدە پسىخىكا مەسىلىسى بولسىمۇ، لېكىن %66 ئادەم ئۆزىدە پسىخىكا مەسىلىسى بارلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن، %19 ى گۇمان قىلىدىكەن، %15 ى گېزىت ئوقۇش، تېلېۋىزور ياكى يانفون كۆرۈش ئارقىلىق ساۋاتقا ئىگە بولۇپ، پىسخكىسنى تەڭشەشكە تىرىشىدىكەن».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى