سامسۇڭنىڭ سېتىلىش مىقدارى iPhoneدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Strategy Analytics ئوغۇزنىڭ 28-كۈنى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان . دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ، بۇيىل ئۈچىنچى پەسىلدە دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن بازىرى يېڭى بىر يۇقىرى پەللىنى ياراتقان بولۇپ ، سامسۇڭنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئەقلىيفۇن سېتىش مىقدارى ئالمىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ كەتكەن .
Strategy Analyticsنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نېل موستۇن باياناتىدا مۇنداق دىگەن :« گەرچە سامسۇڭ Galaxy S4نىڭ بازىرى بەك تېز دىگۈدەك بولمىسىمۇ ، لىكىن سامسۇڭنىڭ Note 3 ۋە Galaxy Y قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرى سامسۇڭنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان » .
ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە ، سامسۇڭنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدە سېتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇنى 88مىليون 400مىڭ بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 55% ئاشقان . iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى 33مىليون 800مىڭ بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 26% ئاشقان . بازار ئىگىلەش نىسبىتىدە ئالمىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى 13% بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوىشاش مەزگىلدىكى 16% تىن ئازراق چۈشكەن .
گەرچە تېلىفۇن سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە سامسۇڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئالما بۇ پەسىلدە يەنىلا 7مىليارد 500مىليونلۇق ساپ پايدا يارىتىپ مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئاشۇرۇۋەتكەن . تاراتقۇلار بۇنى ئاساسلىقى يېڭى iPhone بازارغا سېلىنغانلىقى سەۋەپ بولغان دەپ قارىغان .
Strategy Analyticsنىڭ مۆلچەرىچە ئەگەر iPhone 5sكا بولغان ئېھتىياج مىقدارى داۋاملىق مۇشۇنداق كۆپ بولسا ئالمىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى سېتىش مىقدارى يەنە كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدىكەن .
خۇاۋېي ، LG ۋە ليەنشياڭنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچىنچى ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ بۇ خۇاۋېينىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن . خۇاۋېينىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى ئەقلىيفۇن سېتىش مىقدارى 12مىليون 700مىڭ بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 67% ئاشقان .
يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلاھىزىچى ۋۇد ئوۋننىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خۇاۋېي 5%لىك بازارنى ئىگىلەپ يەرشارىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئەقلىيفۇن ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى بولۇپ قالغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، خۇاۋېي جۇڭگو تەۋەسى ئىچىدە ياخشى بازارنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، دۆلەت سىرتىدا بىر قەدەر پايدىسىز ئەھۋالدا ئىكەن ، ئەگەر ئۇ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئەقلىيفون زومىگىرى بولغان سامسۇڭ بىلەن ئالمىغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا چوقۇم ئاۋۋال چەتئەلدە بازار ئىگىلىشى كېرەك ئىكەن .