قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبلىرى:
1. ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسىز قېلىش، قان يېتىشمەسلىك، روھى جىددىيلىك، ئۇدا كىتاب كۆرۈش، خەت يېزىش نەتىجىسىدە كۆز زىيادە تېلىپ كېتىش، بۇنىڭدىن باشقا تاماكا چېكىش، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش ئارقىلىقمۇ كۆز ئايلانما مۇسكۇلىنىڭ تالاسى يىغىلىپ قېلىپ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يېقىن ھەم يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى ۋە كۈچلۈك نۇرنىڭ غىدىقلىشى بىلەنمۇ قاپاق تارتىدۇ.
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.