داۋامى:
ئاياللار ئائىلىدىمۇ قىممەت تاپىدۇ
ئاياللار ئۆزىگە خاس مۇلايىملىق، ئىشچانلىق، نازاكىتى، ئەخلاق - پەزىلىتى ئارقىلىق ئىللىق ھارارىتىنى كائىناتقا تارقىتىدۇ، ئاياللار ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئەرلەرگە ئوخشاشلا جەمئىيەتنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئاياللارنىڭ قىممەت يارىتىشى، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىگە قانداق خىزمەت قىلىشى توغرىسىدا ئاكتىپ مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالغۇز ئۆزى پەرزەنتىنى قاتارغا قوشۇپ، ئائىلە تەربىيەسىدە قىممەت ياراتقان ئاددىي ئايال گۈلپىيەنى زىيارەت قىلدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئىپادىلەش، ئاياللارنىڭ ساپا تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئايالنىڭ ئائىلىدە ئوينايدىغان رولىنى ئىنتايىن چوڭ دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئايال مەۋجۇت بولمايدىكەن، بىر ئائىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، مەسىلەن: دادا بولمىغان ئەمما ئانا بىر قوللۇق ياخشى تۇتۇۋاتقان ئائىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، بۇنداق ئائىلىدە بالىلار بىخەتەر، ساغلام چوڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئانا يوق ئەھۋالدا ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنى بىر قوللۇق ياخشى تەربىيەلىشى، ياخشى قارىشى، ئەڭ ياخشى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. ئائىلىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، ئائىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىدە ئايالنىڭ تۇتقان ئورنىمۇ چوڭ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئايال دېگەن سۆز ئائىلە بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشلىق، ئەمدى جەمئىيەت تەرەققىياتى، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇق، ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى، ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن كارخانىچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھىم قارىلىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ھەم ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى، ئاياللار خالىسا خىزمەت قىلىدۇ، خالىسا ئائىلىدە بولىدۇ. ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئاياللار خىزمەت قىلسىمۇ ۋە ياكى خالىسا ئائىلىدە بولۇپ، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىمۇ بولىدىكەن، بۇ ئاياللارنىڭ تاللىشى بولۇپ كۆپ خىللاشقان ئىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز بولسا كۆپرەك خىزمەت ئورنى بولۇشنى خالايدۇ، شەھەرلەشكەن رايونلاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئەر - ئايال تەڭ ئىشلەيدۇ، ئېرى دوختۇر بولسا، ئايالى ئادۋوكات بولىدۇ ۋە ياكى بىرسى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرى ھۆكۈمەت مەمۇرىي خادىمى بولۇپ خىزمەتنى تەڭ سالماقتا ئىشلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ئاياللار ھەم ئائىلىنىڭ ئىشى ھەم خىزمەت ئىشىغا تەڭ قاتىرايدۇ، ئادەم زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى نېمىگە كۆپ سەرپ قىلسا شۇنىڭدىن نەتىجە قازانغان بولىدۇ، مېنىڭچە ئاياللار بىر ئىشقا كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. خىزمەتتە نەتىجە قازىنىشنى ئويلىغان ئايال مۇقەررەركى ئائىلىگە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدە كىرىزىس پەيدا بولۇشى مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك. ئاياللارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن خىزمەت كۆرسىتىشى ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە بولىدۇ. ئۆزى خالىسا پۈتۈن زېھنىنى ئائىلە پەرۋىشىگە بالا تەربىيەسىگە قاراتسا بولىدۇ، ناۋادا شۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا، ئەر كىشىنىڭ كىرىمىدە خاتىرجەم، پاراۋانلىق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسا، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسا، ناۋادا ئايال كىشى خالىسا ئۆيىنى رەتلىك، پاكىز تۇتۇپ ئازادە ئائىلە تۇرمۇشنى يارىتالايدۇ، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بىر قىسىم ئاياللار دەل مۇشۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان، ئەمما بىزدە ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئېغىر ئالىدىغان ئەھۋال بار، مېنىڭچە ئاياللار ئالىي مەكتەپنى ياخشى تاماملاپ، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان قىز - ئاياللار كېيىنمۇ يەنە ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللىسا تامامەن بولىدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئىشى بەك كۆپ بولىدۇ، بىر ئايالنىڭ ئائىلىدە قىلىدىغان ئىشىنىڭ سالمىقى ئېغىر بولىدۇ، زېھنىي كۈچىنى ھەم ئائىلىگە ھەم خىزمەتكە قارىتىمەن دېگەن ئاياللارنىڭ ئىككىلا تەرەپتە نورمال بولۇشى مۇمكىن. ھەممە ساھەگە يېتىشكەن، پىسخىكىسىنى ئائىلىگە ھەم خىزمەتكە تەڭ قاراتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار زېھنىنى خىزمەتكە ياكى ئائىلىگە قارىتىشنى توغرا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ساپالىق تەربىيە كۆرگەن، ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىگە يەتكەن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇشى كېرەك، بولسا دوكتور، ماگىستىر بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان شەرت ئاستىدا، زېھنىنى، ۋاقتىنى ئائىلە تەربىيەسىگە، پەرزەنت تەربىيەلەشكە كۆپرەك ئاجرىتىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى تەتقىقات، ھەرخىل مەنىۋى پائالىيەتلەر، ئاياللار شۇغۇللىنىدىغان پاراۋانلىق پائالىيەتلەر، ساخاۋەت ئىشلىرى، مەنىۋى ئىشلارغا ئاتىسا، مەدەنىيەت، مائارىپ پائالىيەتلەرگە قاراتسا بولىدۇ، ئائىلىدە ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان تەرجىمە، تەتقىقات ئىشلىرىمۇ بار، بۇنداق بولغاندىمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ، پەقەتلا مائاش ئۈچۈن ئىشلىسىلا جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ئائىلىدە ئولتۇرۇپمۇ جەمئىيەتتە نېمىلەر كەم؟ جەمئىيەت ئۈچۈن قانداق ئىش قىلىش كېرەك؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرالىسا شەكىل جەھەتتە ئائىلىدە ئولتۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە جەمىئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇمۇشلۇق، مەلۇماتلىق ئاياللارنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئائىلە بەرپا قىلىپ، ئەۋلاد تەربىيەلەشتە نەمۇنە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جورىسىز ئائىلىلەردىكى ياش ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. گۈلپىيە نېفىت گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ توك تەقسىملەش ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جىددىي، خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەت ئورنىدىن بىرەر مىنۇت ئايرىلسىلا كاشىلا كېلىپ چىقىدۇ. گۈلپىيە كىچىكىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى تەربىيەسىگە ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش تەربىيەلىرى ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ باقمىغان ئىدى، گۈلپىيە تۇرمۇشلۇق بولۇپ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، ئەمما تۇرمۇشتىكى قىسمەن كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن جورىسىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئوغلى دىليار خۇددى ئاپىسى گۈلپىيەگە ئوخشاشلا ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدىن مۇلايىملىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان، قىزغىن، خۇشخۇي بولۇپ، دىليار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ يېقىندا مەيلى تېلېۋىزور ياكى ئۈندىداردا بولسۇن ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدىكى يۇقىرى ئاۋازلىق كىچىك ناخشىچىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ قويۇشۇمغا توغرا كەلدى. دىليار يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان شىنجاڭ تالانت سەھنىسىدە «چاقنىغان» دىن باشلاپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا ئېيتىش تالانتى، سالماق ماھارىتى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ چوڭ سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم تالانتىنى نامايان قىلىپ، باشقىلارنى قايىل قىلدى. دىليارنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىكلىكى، مۇلايىملىقى، خۇشخۇيلۇقى بولسا ئۇنى كۆرگەن ھەربىر ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئۇنى تەربىيەلىگەن ئوڭلۇق ئانىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. گۈلپىيە دىليارغا كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭلارنى كۆرسەڭ سالام بەرگىن، ئەھۋال سورا دەپ ئۆگىتەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ دىليار مەيلى قەيەردە بولسۇن مەيلى تونۇسۇن - تونۇمىسۇن ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرگە سالام بېرىپ ئەھۋاللىشىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى. قورۇدىكى چوڭلارمۇ دىليارنىڭ ئەدەپلىكلىكىدىن سۆيۈنەتتى، گۈلپىيە دىليارنىڭ ئوغۇللارغا خاس جاسارەتلىك يېتىلىشى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى دىليار بىلەن بىللە بولۇشقا، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشقا سەرپ قىلدى.
- دىليارنىڭ كىچىكىدە يېڭى ئايىغى چىققاندا يىقىلىپ چۈشسىمۇ يۆلىمەيتتىم، ئۆزى تۇرۇپ كىيىملىرىنى قاقاتتى، ئائىلىدىمۇ بەك ئەركىلىتىپ كەتمەيمىز، قاتتىق تەلەپ قويىمىز، كەمچىلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۇرىمىز، شۇنداق قىلىپ ئاستا - ئاستا مۇستەقىل خاراكتېرىنى يېتىلدۈردى - دېدى گۈلپىيە دىليارغا بولغان دەسكەپكى تەربىيەسى ھەققىدە توختىلىپ. گۈلپىيە كۆپ قېتىم دىليارنىڭ ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرەلمەسلىكىدىن، دادا مېھرى كۆرمىگەن بولغاچقا كۆڭلىدە بىر غەشلىك بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن، ئەمما ئەتراپلىق پەرۋىش قىلىشى، دىليار بىلەن پات - پات يۈزتۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىتىشى ئاستىدا ھازىرغىچە دىلياردا ئۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىگەن، دىليار ئاپىسىنىڭ ئەندىشىسىدىن غالىب كېلىپ ناھايىتى خۇشخۇي، تېتىك ئۆسۈپ يېتىلگەن.
«ئەڭ مۇھىمى بالا ساغلام، خۇشال - خۇرام چوڭ بولسىلا مەن ئانىلىق بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلالىدىم، دەپ ھېس قىلىمەن. مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بايلىق بولمايدۇ». بۇ گۈلپىيەنىڭ دىلياردىن كۈتكەن ئەڭ چوڭ ئۈمىدى ئىدى. گۈلپىيە دىليارنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى دىليار بىر يېرىم ياشلىرىدا بايقىغان، گۈلپىيە دىلياردىكى بۇ قىزىقىشنى ئۇنىڭ ساغلام يېتىلىشىدىكى روھىي ئوزۇق بولۇپ قالغۇسى دەپ ئويلاپ ئۇنى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا تەربىيەلەشكە بەرگەن، دىليار چوڭ بولغانسېرى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبتىكى ناخشىلارنى تاللاپ ئېيتىشنى، ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان، گۈلپىيە ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى، سىڭلىسى دىليارنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئائىلىدە كىچىك «خور ئەترىتى» قۇرۇپ، ئادەتتە بىكار بولسىلا ھەرخىل ناخشىلارنى ئېيتىپ دىليارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەن، بۇنىڭ بىلەن دىليارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان.
گۈلپىيە دىليار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ناخشا - مۇزىكىدىن ئادەم بەزىدە خۇشاللىق تاپىدىكەن، شۇڭا دىليارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ۋە خۇشال - خۇرام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوللاپ كەلدۇق. ئۇنىڭ ئوغۇل بالىغا خاس جاسارەتلىك، قەيسەر بالا بولۇشىغا كۈچىدۇق، چوڭ بولغاندا ئەتراپىڭدىكى يېقىنلىرىڭنى، ئاجىزلارنى، مېنى قوغدىيالايدىغان ئەركەكلەردىن بولۇشۇڭ كېرەك، دەپ كۆپ تەكىتلەپ كەلدىم، ئۇ چوڭ بولغانسېرى ئەركەكلىك چۈشەنچىسى ئېشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتتە ھەربىر كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقىنىنى كۆرگەندە مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى