ئالتۇن بۆشۈك خاتىرىلىرى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
ئۇۋا مەرىكىسى
(ئانا مەكتىپىم ـــ چىرا ناھىيە نۇرى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە تويىغا ئاتايمەن)
قۇياشنىڭ تەپتىدەك ئىللىق ئۇۋىسەن،
سەن بىلەن بوغۇنلار يەتكەن ئارمانغا.
باغرىڭدا يۇلتۇزلار چاراسلاپ يېنىپ،
توختىماي ئوت ياققان قارا تۇمانغا.
غەلىبەڭدىن سۆيۈنۈپ يازدىم لىرىكا،
سەن بىلەن مەجرۇھلار كەلگەچ زۇۋانغا.
سەن مەڭگۈ ئانىقۇش، مېھرىبان ئانا،
باھاردەك مېھرىڭدىن تۇغقان مۇھەببەت.
تۆھپەڭنى سۆزلىسەك تۈگىمەس ئەبەد.
بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ يېرىم ئەسىرنى،
بۇ ئەزىز ماكاندا تاپتىڭسەن ھۆرمەت.
كېلەچەك نامايان نۇرلۇق چېھرىڭدە،
چېچەكلەر توزۇيدۇ، قېرىماس يىللار.
سېغىنىش ئىلكىدە ھىدلايدۇ تىنماي،
قۇياشلىق چېھرىڭدىن سۆيۈنگەن دىللار.
ئەقىدە تاۋلانغاچ ئىلمۇ- ئىرپاندىن،
ئېچىلدى ئاخىرى تىلسىمات سىرلار.
ئۆگەتتىڭ مەردلىكنى بېرىپ تەسەللىي،
بېغىڭدا تەۋرىتىپ خۇشپۇراق چېچىپ.
ئەجرىڭدە يېتىلگەن قىران بۈركۈتلەر
پەرۋاز قىپ ئۇچماقتا داغدام يول ئېچىپ.
كۈتىسەن بىزلەردىن ئۈمىد، غەلىبىنى،
دىللارغا ئوت ياققان ناخشاڭغا قېتىپ.
گۈللەرگە پۈركەندى ئالتۇن بويلىرىڭ،
لاۋۇلداپ تاڭدىكى گۈلخاندەك گويا.
مۇبارەك مەكتىپىم ئەللىك يېشىڭغا،
ئۆرلىگىن كۆكلەرگە چېچىپ نۇر- زىيا.
تارىخنىڭ بېتىدىن ئورۇن ئالدىڭسەن،
ھۆرمەتكە لايىق دەپ كۈلمەكتە دۇنيا.
ئانا مەكتىپىمگە بېغىشلىما
مۇڭلۇق كۈي ئەۋجىدە ئۇچتۇم بىتاقەت،
مېھرىڭنى سېغىنىپ ھۇزۇرۇڭ تامان.
جامالىڭ نۇرلىرى ئالتۇن شەپەققە،
سىڭىپلا كېتىپتۇ يامغۇردەك ھامان.
بىلىمەن، غۇرۇرغا تېۋىنىپ كەلدىڭ،
ئەجدادلار روھىدىن ئۆلمەس تاج كىيىپ.
باغرىڭدا چاقنىغان ساماۋى ئىزلار،
بەختكە ئېرىشتى بۈگۈن جىلمىيىپ.
جەننەتتىن قېلىشماس ئىللىق قۇچىقىڭ،
يەنە بىر قۇچاقلا تەشنا قەلبىمنى.
چوڭ قىلدىڭ ئۇخلىماي يولۇمغا قاراپ،
ئىنساندەك ياشايمەن ئاقلاپ ئەجرىڭنى.
گىرىمسەن تاڭلارغا ئۈنسىز پىچىرلاپ،
توختىماي لىرىكا ئوقۇيدۇ شامال.
ئەجرىڭدە يېتىلگەن ئوقۇتقۇچىمەن،
ئەبەدىل سەن بىلەن تاپىمەن كامال.
ھۆرمەتلەڭلەر ئۇستازلارنى ئادەملەر
ھۆرمەتلەڭلەر ئۇستازلارنى ئادەملەر،
ئۇستاز دېگەن ئۇلۇغ ئىنسان، ئانا قۇش.
ئەجرى بىلەن ئېچىلدۇرۇپ تالاي گۈل،
ئەۋلادلارغا قانات بىرەر ھەم ئۇچۇش.
ھۆرمەتلەڭلەر ئۇستازلارنى ئادەملەر،
ئۇستاز دېگەن مېھرى ئىللىق زەر قۇياش.
ئالتۇن تاڭدەك يېلىنجايدۇ توختىماي،
يېتىش ئۈچۈن مەنزىللەرگە ئالدىراش.
ھۆرمەتلەڭلەر ئۇستازلارنى ئادەملەر،
ئۇستاز دېگەن ئېقىپ پۈتمەس بىر بۇلاق.
ئۇ ھاياتلىق دېڭىزىدا قولۋاقتەك،
ئۈزۈپ يۈرەر ئەتراپىڭغا قاراپ باق.
ھۆرمەتلەڭلەر ئۇستازلارنى ئادەملەر،
ئۇستاز دېگەن بەك جاپاكەش بىر باغۋەن.
ۋايسىيمايدۇ شۇنچە ئىشلەپ ھارسىمۇ،
شاگىرتى بىز زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن.
ئۇپۇققا تۇتاشقان چىغىر يوللىرىم
قۇياشنىڭ مېھرىدە كۆكلىگەن ھايات،
بىغۇبار تامچىدەك ئۆتمەكتە چاقناپ.
مەرىپەت بېغىدا گۈزەل ياشلىقىم،
غەزەلخان قۇشلاردەك ھارمايدۇ سايراپ.
ئېسىمدە خوش دېمەي كەتكەن بالىلىق،
ئۇنتۇلغان چۈشۈمنىڭ ئەزىز مېھمىنى.
ياشلىقىم قەسرىنى كېزىمەن مەغرۇر،
تونۇماي گاھىدا ھەتتا ئۆزۈمنى.
ئىزدەيمەن ناخشامنىڭ نوتىلىرىنى،
ياۋا گۈل خۇشپۇراق چاچقان بۇ يەردىن.
گىرىمسەن شەپەقتەك دىلبەر ۋادىلار،
ھەر تال گۈل- گىياھىڭ چىقماس ئېسىمدىن.
يۈرەكلەر چاڭقىغان تەكلىماكاندا،
ئۆگەندىم مەرتلىكنى يۇلغۇنلاردىن تېز.
ئالدىمدا نۇرانە پارلاق ئىستىقبال،
ئۈندەيدۇ بولۇشقا مەڭگۈلۈك يىلتىز.
بولساممۇ سەھرادا ئاددىي مۇئەللىم،
نادانغا بولدۇم مەن ھارارەت-گۈلخان.
ئۇپۇققا تۇتاشقان چىغىر يوللىرىم،
ئەتىلەر ئىشقىدا سەل بولۇپ ئاققان.
ئالدىمدا بىر يول بار ھېچكىم ماڭمىغان
زېمىنغا توختىماي تۆكۈلدى چېچەك،
ئانا يەر ھۆسنىگە جىلۋە بېغىشلاپ،
كۈمۈش نۇر تامچىلاپ تۇرىدۇ ئۈنسىز،
قاخشال بىر نوتىنى مەھكەم قۇچاقلاپ.
بىر گۈزەل چوققىدا ئولتۇرار تەنھا،
ئاق رومال ئارتقاندەك بېشىغا مەغرۇر.
سوغۇقتا پەرۋاسىز ئۇزۇن كېچىلەر،
چۈشەكەپ ياتىدۇ شۇنچە بەھۇزۇر.
پاكلىقنىڭ بەھرىگە چۆمۈلگەن دالا،
دىلبەردەك خۇمالىق ئاچىدۇ جامال.
قۇشقاچلار ئۇۋىسنى يادىغا ئېلىپ،
شاخلارنى ئىرغىتار چىققاندەك شامال.
خوش دېمەي يوقالدى ئاداققىي كۈيلەر،
قەلبىمنى پاك ھېسقا تولدۇرۇپ تاتلىق.
قار-مۇزلار ئاستىدا ئۇخلىغان تۇپراق،
غۇرۇرلۇق ئىنسانغا تىلەيدۇ شادلىق.
جىمجىتلىق قاپلىغان ئاپئاق سەھراغا،
ساماۋى قار گۈلى چاچار خۇشپۇراق.
ئالدىمدا بىر يول بار ھېچكىم ماڭمىغان،
ئالەمدەك چېكى يوق ئۇزاقتىن- ئۇزاق.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانى