تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۈرۈمچىدىكى كەسىپى ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش باشلاندى

ئۈرۈمچىدىكى كەسىپى ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10 - سېنتەبىر باشلاندى

  ئۈرۈمچىدىكى كەسىپى ئورۇنلارغا ئاشكارە خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-سېنتەبىر سائەت 10:00 دا باشلانغان بولۇپ ، تىزىملاش خىزمىتى 17–سېنتەبىر سائەت 18:00 دە ئاياغلىشىدىكەن . 11–سېنتەبىر سائەت 10:00 دىن 18–سېنتەبىر سائەت 18:00 گىچە تىزىملاتقۇچىلار ھەق تۆلىسە بولىدىكەن . تىزىملىتىش ، ھەق تۆلەش مەشغۇلاتلىرى ئۈرۈمچى كادىرلار ئىمتىھان تورى ( www.xjwlmqrsks.com ) دا ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
    مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە خادىم قوبۇل قىلىش نىزامى ۋە خىزمەت ئورنى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئالتە ئىش ئورنى تەڭشىلىدىكەن ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىغا ئىككى نەپەر ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8–بالىلار باغچىسىغا توققۇز نەپەر خادىم قوبۇل قىلىش پىلانى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن .
    مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى : توردا ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇشتا پەقەت سودا–سانائەت بانكىسىنىڭ توردا كەسىپ بېجىرىش مۇلازىمىتى قوللىنىلغاچقا ، ھەق تاپشۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلار دەل ۋاقتىدا تور پونكىت تېخنىك خادىملىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن .
    مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991 - 4638184

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز