تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(15)
ئىككى پاي ئوق
جېك باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن سوت قىلىندى، پاي چېكى ۋاكالەتچىسى مايك سوتتا بۇ ئىشقا ئىسپات بەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن دۈشمەنلىشىپ قالدى. جېك نەگىلا بارسا دوستىنى ساتقان بۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ يۈردى.
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بىر چۈشتىن كېيىن مايك ئۆيىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلىر تەبىي مايكنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن جېكنى ئىزدىدى.
ساقچىلار ئۇنى ئۆيىدىن تاپالمىدى، خوشنىلىرى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچىلار دەرھال تاغقا قاراپ ماڭدى، ئۇ تاغقا ئوينىغىلى كەتكەنىدى.
ساقچىلار ساياھەتچىلەر تۇرىدىغان جايدىن ئۇنىڭ چېدىرىنى تاپتى، لېكىن چېدىردا ئادەم يوق ئىدى. ساقچىلار چېدىردىن چىقىپ ئىزدىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ئۇ قايتىپ كەلدى.
ئۇ ساقچىلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچىلارنى ئاختۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ساقچىلارمۇ چېدىرىدىكى ئەخلەت خالتىسىدىن ئىككى تال مىلتىق ئوقىنى تاپتى، بۇ ئوقلار مايك ىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نەق مەيداندىكى ئوق بىلەن ئوخشاش ئىدى.
جېك ساقچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە بىر ئاي بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئوقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنلا ئۆزىنى قاتىل دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساقچىلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى يوللۇق دەپ قارىدى، لېكىن ئۇنى يەنىلا قولغا ئالدى، چۈنكى ئۇ يالغان گەپ قىلغانىدى.
ساقچىلار نېمىگە ئاساسەن ئۇنى تۇتتى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (14) نىڭ جاۋابى:
توقۇلمىلىق قۇلۇلىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بېلىقچىلار بىلىدۇ. باھار پەسلىدە توقۇلمىلىق قۇلۇلە دېڭىز شىرىنىڭ (ئۇنىڭ تۇخۇمىدا كۈچلۈك زەھەر ماددىسى بار) تۇخۇمىنى يەيدۇ، شۇڭا ئۇ زەھەرلىك بولىدۇ.