دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىدىكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى بېسىپ تارقىتىش شەكلى ۋە باشقۇرۇش چارىسى توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسلانغاندا، ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى ۋە ئۇنۋان بېرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئالاھىدە تۈزۈلۈپ تارقىتىلغان.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۇنۋان بېرىش ئورۇنلىرى ئۆز ئالدىغا بېسىپ چىقىرىدۇ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئىشخانىسى بېسىپ چىقارغان ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئەمدى ئىشلىتىلمەيدۇ. ھەرقايسى ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۇنۋان بېسىپ تارقىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.