تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىغا ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك

بالىلار باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنگەندىلا، ئاندىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئىپتىخارلىق ھېس قىلىش ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ساغلام ئادەملەر خاراكتېرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بالىلار تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن شارائىتتا، ئۇلارنىڭ ئىپتىخارلىق ئېڭى بىخ ھالەتتە تۇرغانلىقتىن، ئوڭايلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا، ئۇلار «گەپ ئاڭلىماسلىق» ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭلارنىڭ سۆزىگە قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى، بالىلارنى تولۇق ھۆرمەتلىشى لازىم. بۇ بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا مۇھىم تەرەققىيات رولىنى ئوينايدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قانداق ھۆرمەتلىشى كېرەك؟ تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

1. بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش. ئەگەر بىلمىسە، دەرھال: «كەچۈرگىن، مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، ئىككىمىز ئورتاق مۇزاكىرە قىلايلى!» دېسە بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ چوڭلارنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

2. بالىلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش. ئەگەر ئەمەلىيلەشتۈرەلمىسە ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىش، قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالماسلىق كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

3. بالىلارنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاش: چوڭلار بالىلار بىلەن باراۋەر بولۇشى، ئۆزىنىڭ پىكرىنى بالىلارغا مەجبۇرلاپ تاڭماسلىقى لازىم.

4. بالىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تەگمەسلىك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مەخپىي سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاختۇرماسلىق لازىم، بۇ دېموكراتىك، ئىلمىيلىكنىڭ بىرخىل ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇ يەنە بالىلاردا بىر خىل مۇستەقىل تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ.

5. بالىلارغا قارىتا خالىغانچە پاسسىپ يەكۈن چىقارماسلىق. «سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن» دەپ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىقى، باشقىلار ئالدىدا ئابرويىنى چۈشۈرمەسلىكى لازىم.

بالىلارنى ھۆرمەتلەش بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقتەك خاھىشىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل خاراكتېرىنى، ئىجادچانلىقىنى، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقتەك روھىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.




ئەسلى مەنبەسى: كىتاب
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز