سەپەرگە چىققان ئاكا ئۇكىلار
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىككى ئاكا-ئۇكا بىردىن بوغچىنى كۆتۈرۈپ تولىمۇ يىراق بىر جايغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بوغچىلار بەك ئېغىر بولغاچقا، بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ھېرىپ ھالى قالماپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بوغچىنى سول قولى تالسا ئوڭ قولىدا، ئوڭ قولى تالسا سول قولىدا كۆتۈرۈپ يولىنى داۋام قىپتۇ، بىر چاغدا ئاكىسى شاپپىدە توختاپ يول بويىدا تۇرغان بىر ئەپكەشنى قولغا ئاپتۇ ۋە ئىككى بوغچىنى ئەپكەشنىڭ ئىككى بېشىغا ئېسىپ، ئەپكەشنى مۈرىسىگە ئېلىپ يولغا مېڭىپتۇ. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھېچقانداق چارچاش ھېس قىلماي، ھەتتا يول بويىدىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغان ھالدا سەپىرىنى داۋام قىپتۇ.
شۇنداق، بۇ ھايات يولىدا ئادەم تۈرلۈك قىيىنچىلىققا دۇچار بولىدۇ، بىراق ئالغا ئىلگىرلەش يولىدا باشقىلارنىڭ پۇتىغا تاقاشقان نەرسىنى ئېلىۋېتىش بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ پۇتىدىكى توسالغۇنى ئېلىۋېتىش بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم تازا بىلىپ كەتمەيدۇ.