1..ئىرىڭىز كۈندە سىزگە تاماق ئىتىپ بىرىدۇ، ئاشنىڭىز سىزنى ھەركۈنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ.
2.ئىرىڭىز كۈندە سىزگە ئاياغ سۇرتۇپ بىرىدۇ، ئاشنىڭىز سىزگە يىڭى ئاياغ ئىلىپ بىرىدۇ.
3.ئىرىڭىز ماشىنىدا قىستىلىپ يۇرۇپ سىزگە ئورۇن تاپىدۇ، ئاشنىڭىز سىزنى ماشىنىدا ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ.
4.ئىرىڭىز سىزگە ياردەملىشىپ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئاشنىڭىز سىز ئۈچۈن ئەخلەت ھاسىل قىلىدۇ.
5.ئىرىڭىزنىڭ گەپ-سۆزى قوپال كىلىدۇ، ئاشنىڭىزنىڭ گەپ-سۆزى شىرىن-شىكەر كىلىدۇ.
6.ئىرىڭىز ياتاق ئۆيدىكى كارىۋات، پەقەت سىزگىلا تەۋە. ئاشنىڭىز ئىشىخانىدىكى كىرىسلو، ھەممە ئادەمگە تەۋە.
7.ئىرىڭىز ئىشەنچىلىك بانكىغا قويۇلغان مۇددەتسىز ئامانەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش ئاۋارچىلىق، ئەمما ئىشلىتىپ تۇگىتەلمەيسىز. چوڭ ئىشقا ئۇچراپ، كۆپ قسىمىنى ئىشلىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە ئازراق زاكالەت پۇلى ئىشىپ قالىدۇ. ئاشنىڭىز خەجلەشكە قولايلىق نەق پۇلغا ئوخشايدۇ. يوق قىلغۇڭىز كەلسە بىردەمدىلا يوق قىلالايسىز، بىر پۇڭمۇ ئىشپ قالمايدۇ.
8.ئىرىڭىز ۋەلسىپىتكە ئوخشايدۇ، ھەرقانچە كونا بولغان تەقدىرىدىمۇ سىزگە سادىق. ئاشنىڭىز ئالى تاكسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ سىزگە تەۋە ۋاقتى ھەر قانچە بولسىمۇ 20 مىنۇتتىن ئاشمايدۇ.
9.ئىرىڭىز سىز بىلەن ئۇچراشقاندا گىلاستۇك تاقاشنى خالىمايدۇ، ئاشنىڭىز سىز بىلەن ئۇچراشقاندا تاسما تاقاشنى خالىمايدۇ.
10.ئىرىڭىز بۇرۇنغا تەۋە، ئۇ سىزنىڭ خاتىرىڭىزگە قىستۇرۇلغان گۈل، ئۇ تەبىئەتتىن كەلگەن. نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ ئۇنىڭغا قارىسڭىز ئۆزىڭىزدە ئۆزىڭىزمۇ ئىيتىپ بىرەلمەيدىغان ھاياجانلىنىشنى ھىس قىلىسىڭىز. ئاشنىڭىز ھازىرغا تەۋە، ئۇ لوڭقىدىكى گۈل، ئۇ گۈل دۇكىنىدىن كەلگەن، ئون كۈندىن كىيىن ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىدىنمۇ تاپالمايسىز.