سىز مۇھەببەتلىشىشنى بىلەمسىز ؟
1 - تىئورما :
ئەگەر قىز /ئوغۇل دوستىڭىزنى دوستلىرىڭىزنىڭ كۆپى ياقتۇرمىسا ئۇنداقتا ئۇ چۇقۇم سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرى ئەمەس .
2 - تىئورما :
ئايرىلىپ يارىشىپ ئايرىلىپ يارىشىپلا يۈرسەڭلار ، ئەڭ ئاخىرىدا ھامان ئايرىلىسىلەر .
3 - تىئورما :
ئۈچ ئاي بىر داۋان . مۇھەببەتنىڭ قىسقىغىنە ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىشىشىنى ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ ئايدىلا بىلگىلى بولىدۇ .
4 - تىئورما :
ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە دەرھال دەۋېتىش كېرەك . بولمىسا كۆڭۈلدە قېلىپ كىيىن ئايرىلىپ كىتىشىڭلاردىكى بومبىغا پىلتە بوپ قالىدۇ .
5 - تىئورما :
ئەگەر بىر ئايال ھىچقانداق نەرسىدىن ئۇتۇق قازىنالماي تۇرۇپ ناھايىتى ئىسىل ئوغۇل دوست تېپىۋالسا ، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس ھىساپلايدۇ ، ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇنى ناھايىتى قالتىس ھىساپلايدۇ .
ئەگەر بىر ئەر ھىچقانداق ئىشتىن ئۇتۇق قازىنالماي تۇرۇپ ناھايىتى قالتىس بىر قىز دوست كەلتۈرىۋالسا ، ئۇ ئۆزىنى يەنىلا ھىچقانداق ئىشتىن ئۇتۇق قازانمىغاندەك ھىس قىلىدۇ ، ئەتراپىدىكىلەرمۇ شۇنداق ھىساپلايدۇ .
6 - تىئورما :
سىزگە داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلەيدىغان ئادەم ، سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم بولىشى ناتايىن . ( مەسىلەن سىز ئۈچۈن كەسپىدىن ۋاز كىچىدىغان ، ھەتتا جۈپتىدىن ۋاز كىچىدىغان ، مال مۈلكىدىن ۋاز كىچىدىغان ؛ ياكى خاتىرە كۈنۈڭلاردا 9999 تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدىغان ؛ ياكى تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئۈچۈن داڭلىق ماركىلىق ماشىنا سوۋغا قىلىدىغان ….دىگەندەكلەر .ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشى پەقەت بىر قېتىملىق ھاياجاندىن ، ياكى سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتىش ئۈچۈن ياكى كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىش ئۈچۈنلا بولىشى مۇمكىن . نۇرغۇن ئاياللارنىڭ پاجىئەسى شۇكى “ ئۇ ماڭا مۇشۇنداق داغدۇغىلىق ئىش قىلىپ بەرگەن ، دۇنيادا ئىككىنچى بىرسى بۇنچىلىك رومانتىك ئىش قىلالماسلىقى مۇمكىن ، ئۇ چۇقۇم مېنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدۇ “ دەپ ئويلاش . ئويغىنىڭ ، ئۇ سىزگە بۇنچىۋالا رومانتىك بولسا باشقىلارغا قانچىلىك رومانتىك بولالايدۇ كىم بىلىدۇ ؟!
سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بەلكى ھىچقانداق داغدۇغىلىق ئىش قىپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن ، ئەممائۇ ئىزچىل ھالدا ھەر كۈنى سىزگە نۇرغۇن كىچىك ئىشلارنى قىلىپ بىرىۋاتىدۇ . ( ئەتىگىنى سىزگە سۈت قۇيۇپ بىرىش ، ھاۋا سوۋۇپ قالغاندا ئۆزى توڭلاپ تۇرسىمۇ چاپىنىنى سىزگە يېپىپ قويۇش ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا زىرىكمەي ئولتۇرۇپ دەردىڭىزگە قۇلاق سېلىش ، قاچىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى گۆشنى سىزگە يىگۈزۈش ، ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا سىزگە بۈگۈن ھەدىڭىزنى تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا سىزنىڭ راھەت ئۇخلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ياستۇق بولۇپ بىرىش . …بۇ ئىشلارنىڭ كىچىكلىكىدىن سىزمۇ ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ سىز ئۈچۈن جىمجىت قىپ بىرىۋاتقان ئىشلىرىنى سەزمەتىنلا بۇلار ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان بولىشى مۇمكىن . بۇنداق ھەر كىشى سىزگە ھەقىقىي كۈيىنىدىغان ئەر كىشى . ئەلۋەتتە ، ئالدىنقى شەرتى ، ئىككىڭلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرى بولىشى كىرەك .
7 - تىئورما :
ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بىللە قانچىلىك بەىتلىك ئىكەنلىكىنى توختىماي كۆز – كۆز قىلىدىغان ئادەملەر ، مەسىلەن ئىككەيلەننىڭ بىللە چۈشكەن بەختلىك رەسىملىرىنى توختىماي تور دۇنياسىدا ئاشكارىلايدىغانلاردىن چۇقۇم ئايرىلىش كىرەك .
چۈنكى ھەقىقىي بەختنى كۆز – كۆز قىلىش كەتمەيدۇ ، خەقنى چۆرىسىتىپ تاماشا كۆرسىتىشمۇ كەتمەيدۇ ، پەقەت ئىككى ئادەم كۆڭلىدە بەخت سەزسىلا كۇپايە .
8 - تىئورما :
بىر قۈپلەر ئايرىلىپ كىتىپ بىر تەرەپ باشقا بىرىنى تېپىۋالسا يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇنى قوغلىشىپ دەرھال يېنىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالغىسى كىلىدۇ ، گەرچە ئىككىسىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ .
( داۋاملاشما تىئورمىسى : ئەگەر ئالدىنقى ئوغۇل دوستىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىش نىيىتىڭىز بولسا يىغلاپ يالۋۇرىشىڭىز ئەڭ ئەسقاتمايدىغان يارىماس چارە .توغرا ئۇسۇل بولسا دەرھال قالتىس “ سۈپەتلىك ” يېڭى ئوغۇل دوست تېپىش .(يېڭى ئوغۇل دوستلا ئەمەس ، يېڭى ئۇچرىشىش ئوبىكتى بولسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئالدىنقى شەرتى چۇقۇم كىلىشكەن ، قالتىس بولىشى كىرەك ) ، كونا ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاقسا ، خۇشال كۆرۈنسىڭىز كونا ئوغۇل دوستىڭىز چۇقۇم دەرھال يارىشىۋېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىپ ئالدىڭىزغا ئۈنىدۇ .
9 - تىئورما :
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بۇرۇن ئارىلاشقانلىرى يا بەك ئىسىل يە بەك ناچار بولسا ، بۇ ئادەم ئۆزىمۇ يا بەك ئىسىل يا بەك ناچار .
10 - تىئورما :
بەزىدە بىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزگە ئازار بىرىشمىز ئۇلارغا ئازار بىرىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلمەيدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن .
ئەگەر بىر ئىشنى ئىسپاتلاش مەقسىتىڭىز بولماستىن پەقەتلا ئازار بىرىش مەقسىتىڭىزلا بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل : ئۇنىڭ ھەر قانداق قىلىپمۇ سىزگە ئازار بىرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ، يەنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىڭىز ، خىيالىڭىزغا كىرىپمۇ چىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش .
11 - تىئورما :
بىر ئادەمنىڭ مۇلازىمەتچىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئارىلىشپ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن دەل سىزگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى .
(بۇ تىئورما بەك توغرا . ئەگەر بىر ئادەم مۇلازىمەتچىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا ئۆزىنىڭ لايىقىغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلالايدۇ ؛ ئەگەر مۇلازىمەتچىگە ۋارقىراپ – جارقىراپ ، پۇتاق چىقىرىپ يۈرسە ئۆزىنىڭ لايىقىغىمۇ كېيىن شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن . ( ئەلۋەتتە پوزىتسىيىسى بەكلا ناچار بولغان مۇلازىملارغا قىلىنغان مۇئامىلە بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس .)
12 - تىئورما :
ئەگەر ئىككى ئادەم پەقەتلا بىر – بىرىگە قىزىقىپ ، ئەمما ئورتاق تۇرمۇش نىشانى بولمىسا ، بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ . (مەسىلەن سىزنىڭ ئۆي ئېلىپ تىنچ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىڭىز بولۇپ ، ئۇ ئەكسىچە ئۆي ئېلىش بەك پۇل ئىسراپ قىلىدۇ ، ئۇ پۇلغا دۇنيانى ساياھەت قىلغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلىسا . )
13 - تىئورما :
يېڭى ئارىلاشقاندا كىم بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسە شۇ ئاسان يېڭىلىدۇ .
14 - تىئورما :
توختىماي سىزنى ماختاپ – ئۇچۇرۇپ ، ئەمەلىيەتتە سىزگە ھىچ ئىش قىپ بەرمىگەن ئەردىن دەرھال ئايرىلىڭ . بىر ئادەمنىڭ سىزنى ياخشى كۈرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا سىزگە نېمىلەرنى دىگىنىگە قاراپ ئەمەس ، نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەرگىنىگە قاراپ باھا بىرىش كىرەك .
15 - تىئورما :
ئىككى ئاجىز ئادەم بىللە بولسا ، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشى مۇمكىن ؛ بىر كۈچلۈك ، بىر ئاجىز بىللە بولسا مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشى يەنىلا مۇمكىن ؛ ئىككى كۈچلۈك بىللە بولسا ، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقماسلىقى مۇقەررەر .
16 - تىئورما :
سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر سىزگە ئاسانلىقچە كارىۋاتقا چىقىش تەكلىبىنى قويمايدۇ . چۈنكى ئۇ كۆڭلىڭىزدىكى ئوبرازىغا تەسىر يىتىشتىن قورقىدۇ .
17 - تىئورما :
خوشال ئەمەس ئىككى ئادەم بىر يەرگە كەلسە ، تېخىمۇ خاپىغان بولۇپ كىتىدۇ . ( نۇرغۇن ھىكايە ، كىنولاردا ئىككى غاپىغان ئادەمنىڭ بىر يەرگە كىلىپ بىر – بىرىگە دەرت تۆكۈشۈپ كېيىن قانداق بەختلىك بىر جۈپلەرگە ئايلانغالىقى تەسۋىرلىنىدۇ . ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولسا بۇنداق بولمايدۇ ، خاپىغان ئادەملەر نورمالدا بىر ئاز چۈشكۈن كىلىدۇ ، ئىككى چۈشكۈن ئادەم بىر يەرگە كەلسە ، كەيپىياتلىرى بىر – بىرىگە تەسىر قىلىپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىدۇ .
18 - تىئورما :
ئەگەر مۇھەببەت ياكى نىكاھ “ قۇتقۇزۇش “ باسقۇچىغا كەپ قالغان بولسا ئۇنداقتا بۇ مۇناسىۋەت ئايرىلىش باسقۇغىچىدىن يىراقتا ئەمەس .
19 - تىئورما :
ئەگەر بىرسى سىزنى ئالدىغان بولسا ، ئۇ سىزنى يەنە ئالدايدۇ .
20 - تىئورما :
ئەگەر سىز دائىم ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدىسىڭىز سىز قارشى تەرەپنى يېتەرلىك ياخشى كۆرمەيسىز ؛ ئەگەر سىز دائىم قارشى تەرەپ ئۈچۈن باھانە ئىزدىسىڭىز قارشى تەرەپ چوقۇم سىزنى يىتەرلىك ياخشى كۆرمەيدۇ . ( مەسىلەن ، مەن بۈگۈن بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ئۇنىڭ كىنو كۈرۈش تەكلىپىگە قۇشۇلالمىدىم . ئۇ تۆنۆگۈن خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالدى ….دېگەندەك .)
21 - تىئورما :
ئەگەر سىز توختىماي ئۇنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى تىلغا ئالسىڭىز سىزمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىگە ئايلىنىپ قالىسىز .
22 - تىئورما :
مۇھەببەت ئادەمگە دائىم “ ئۇ بولمىسا ياشىيالمايمەن “ دىگەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ ، ئەمما كىم كەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر سىز يەنىلا ياشىيالايسىز .
23 - تىئورما :
ئەگەر ئۆزىڭىزنى تۆۋەن بىر ئورۇنغا قۇيىۋېلىپ مۇھەببەتنى تىلىسىڭىز ، ھەقىقىي مۇھەببەتكە چوقۇم ئىرىشەلمەيسىز .
24 - تىئورما :
سىز لايىق تېپىشقا ھەقىقەتەن ئالدىراپ كەتسىڭىزمۇ يەنىلا باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويماڭ . “ سۈپىتى ياخشى “ لار سىزنىڭ بۇ خىل “ ئاچلىق “ ىڭىزدىن قورقۇپ قېچىپ كىتىدۇ .
25 - تىئورما :
ئەرلەرنى پىشىپ – يىتىلمىگە دەپ ئەيىپلىمەڭ ، ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ پىشىپ – يىتىلمىگەن بالىلارچە تەرىپى بولىدۇ .
26 - تىئورما :
بىر ئەر سىزگە بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلمىسلا ، مېنى ئەمدى ياخشى كۆرمەس بوپ قالدى دەپ ئويلىماڭ . ( ئوغۇللار قىزلارنى قوغلاشقاندا ئېنىقلا ھەممە ئىشتا يول قويىدۇ ، ئەمما قىزغىن مۇھەببەتلىشىش دەۋرى ئۆتكەندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك خوشامەت قىلمايدۇ ، بۇ نورمال ھادىسە . ئەمقا بەزى قىزلار بۇ خىل “ پەرق “ نى قۇبۇل قىلالماي ئايرىلىپ كېتىدۇ .)
27 - تىئورما :
ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ئەر – ئاياللار مەۋجۇت ، ئۈچىنچى شەخس قانچە تىرىشسىمۇ بىكار .
28- تىئورما :
مۇھەببەت ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . ( ئەگەر ئەبلەخكە ئۇچراپ قالسىڭىز ، ئۆزگەرتىمەن دەپ خام خىيال قىلماي دەرھال ئايرىلىڭ !)
29- تىئورما :
ئايرىلغاندىن كېيىن “ ئەمدى ئالاقىلاشمايلى “ دەپ تەكلىپ بەرگەن تەرەپ ھامان تېخىچە ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ.