HTC نىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى بولغان HTC WF5w نۆۋەتتە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن. بۇ يان تېلېفون HTC ھازىرغىچە ئىشلەپچىقارغان تېلېفونلار ئىچىدىكى ئەڭ نېپىز يان تېلېفون ئىكەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يان تېلېفوننىڭ ئۈچ ئايلانمىسى 158.7×79.7×7.49mm بولۇپ، ئىلگىرىكى + HTC One E9 دىنمۇ نېپىز ئىكەن.
HTC WF5w غا 5.5 دىيۇيم 720p AMOLED كوندېنساتورلۇق ئېكران، 1.5GHz سەككىز يادرولۇق بىرتەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB ROM لىق ساقلاش بوشلۇقى، سىستېمىسىغا Android 5.0.2 سەپلىنىدىكەن. ئالدى ۋە كەينى كامېراسى ئوخشاشلا 13 مىليون پىكسېللىق ئىكەن.
HTC WF5w نىڭ يەتتە خىل رەڭلىكى بار بولۇپ، ھەممىسى 5 خىل تور ئۆلچىمىنى قوللايدىكەن.
مەنبەسى:يان تېلېفون جۇڭگو تورى