تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
​iOS نۇسخىسىدىكى Gmail يېڭىلاندى

 ​iOS نۇسخىسىدىكى Gmail يېڭىلاندى

 

    پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: Gmail بولسا بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان Google ئېلخەت ساندۇقى مۇلازىمىتى، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى iOS ئابونتلىرى Gmail ئىشلەتكەندە دائىم ئېغىر بىر مەسىلىگە ئۇچرايتتى، يېڭى ئېلخەت ئۇقتۇرۇشىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە، Gmail غا كىرىش ئۈچۈن App نىڭ ئۇزۇنغىچە يېڭىلىنىشىنى كۈتۈپ ئاندىن ئېلخەت مەزمۇنىنى كۆرەلەيتتى. گۇگول بۈگۈن Gmail نى يېڭىلىغان بولۇپ، ئابونتلارنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.
    Gmail ئېنژىنېرى مېلىسسا دومىنىگىز (Melissa Dominguez) بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن Gmail ئېلخەت ساندۇقى iOS 7 ئارقا سۇپىدا سانلىق مەلۇمات يېڭلاشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئابونت چوقۇم iOS 7 سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى ھەمدە تەڭشەك-ئورتاق ئىشلىتىش-ئارقا سۇپا ئەپ پروگىراممىسى يېڭىلاش ئىچىدە Gmail ئەپىنى يېڭىلىسىلا بولىدۇ، يېڭى ئېلخەت كەلگەندە، Gmail ھەر بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوماتىك يېڭىلايدۇ، يۇمشاق دېتالنى ئاچقاندىلا ئېلخەت مەزمۇنىنى كۆرەلەيدۇ.
    بۇنىڭدىن سىرت، سىز iOS سىستېمىسىدىكى ئەسلىھەگە GoogleMaps، YouTube قاتارلىق گۇگولنىڭ مۇلازىمەت ئەپلىرىنى چۈشۈرگەن بولسىڭىز، پەقەت Gmail غا كىرسىڭىزلا، باشقا گۇگول ئەپلىرىگە ئىككىنچى قېتىم كىرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز