تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خاتا تاللانغان مۇھەببەت

  ھەش- پەش دىگۈچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولدۇق. ئۇقۇتقۇچىمىز بىز ئۈچۈن ئالاھىتەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. گەرچە بىر ناھيىدىكى ساۋاقداشلار بولساقمۇ يەنىلا بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆيى يېزىدا بولغاچقا 3يىل بىللە ئۇقۇش جەريانىدا قېرىنداشلاردەكلا بۇلۇپ كەتكەن ئىدوق. شۇڭا ئايرىلىش بىزگە ئىغىر كىلىۋاتاتتى. ساۋاغداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى بولسا قېيدىشىپ كۆڭۈل ئاغرىتىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم  سورىشىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا رىياسەتچى بولغان ساۋاغدىشمىزنىڭ زىل جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان تىلەكلىرىمىزنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن، سورىنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يۇقرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىغا ھەممىمىزنى تەكلىپ قىلىدى. ھەممىمىز گۈررىدە مەيدانغا چۈشتۇق. ھارغىنىمىزنى بىلمەي ئۈستى- بېشىمىزدىن قۇيۇلۋاتقان تەرلىرىمىزنى سۈرتۈشنىمۇ ئۇنتۇپ شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بىر مەيدان مىللىيچە ئۇسۇل بىلەن سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۈتۈردۇق. مەن ئۇقۇتقۇچىلىرمنىڭ، ساۋاغداشلىرمنىڭ تەلىۋى بۇيىچە كۇچا خەلىق ناخشىلىرىدن <مىراجىخان> نى ئېيتىپ بەردىم.

                   
                        ئۈزەڭ مۇندا بارامسەن ۋاي،مىنى بۇندا ئا ياندا قۇيامسەن ۋاي،
                        يۈرەگىم چاك چاك بولدى بالىخان، كىلەي دەپمۇ ئا يانا كەلمەيسەن.
................................
    تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ماڭا تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزلەر بىلەن ئۇچراشتى، پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە قىلىپ تارالغان بىرخىل سىزىم بىلەن بۇشىشىپ كەتتى، شۇ دەم شۇنچىلىك ھۇدۇقتۇمكى ھەتتا ئېيتىۋاتقان ناخشامدىنمۇ ئازدىم. تەمتىرەپ يۈگۈرگەن پېتىم ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم.يۈرۈگۈم خۇددى قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپچەكلەيتى. باشقىلار بولسا مىنى ئايرىلىشقا چىدىماي ناخشىسىنىڭ ئاخىرنى ئېيتمىدى دەپ ئويلاشتى........
    ئاسىي كۆزلىرىم ماڭا بوي سۇنمىغان ھالدا بايامقى ھۇشۇمنى يۇقاتقان بىرجۈپ كۆزنى ئىزدەۋاتاتتى.........تاپتىم!!!!......ئاھ، يەنە شۇنداق مەستانىلەرچە ئوتلۇق بېقىشلار  ،كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم.
- بۇ قانداق ھىسىيات؟؟؟؟  كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-بۇ مۇھەببەت،بىر كۈرۈپ ئاشىق بۇلۇش،- دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-بۇ قاراشلىرىڭ نىمە سەۋەپتىن؟
-سىنى سۆيەتتىم.....بۇرۇندىن ،كىچىكىڭدىن........
تۇيۇقسىز دۇلامغا تەككەن قولدىن ئەندىكىپ كەتتىم.يېنىمدا يېقىن دوستۇم گۈلنۇر تۇراتتى،ئۇ چاڭىلداپ سۆزلەپلا كەتتى.:< نىمە بوۋايلارنىڭ سورىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ، بىرەر بوۋايغا كۈيۈپ قالمىغانسەن؟>دىدى ئۇ كۈزىنى ھەييارلارچە ئوينىتىپ.
-نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ نەدە بوۋاي باركەن ؟
-ئاۋۇ سەن ئاشىقلارچە قاراپ ئولتۇرغان ئۈستەلدىكىلەرنى دەيمەن.دىدى ئۇ ،قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلىپ. شۇندىلا بۇرۇلۇپ قارىدىم.قارىدىميۇ ھەيرانلا قالدىم. چۈنكى مەن باياتىن غايىبانە سۆزلەشكەن بۇ بىرجۈپ كۆز 30-35 ياشلار ئەتراپىدىكى چاچلىرى رەتلىك تارالغان ساقال بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان پادىچىلار شىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان كۆينىكى ئۇنى خۇددى ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلاردەك كۆرستىپ تۇراتتى .نەدە كۆرگەن بولغىيتىم ئۇنى؟......خۇددى خاتىرسىنى يۇقاتقان ئادەمدەك ئۇنى نەدە كۆرگىنىم توغۇرلۇق جىددى ئەسلىمىللىرمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.
-ھىي، ئالۋاستى، سىنىپىمزدا ساڭا كۈيۈپ يۈرگەنلەر ئاز ئەمەس جۇمۇ ،-دىگىنىچە قۇلۇمغا بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى.
   ئختىيارسىز <ئۇ>نىڭغا قارىدىم. قارىدىميۇ پۈتۈن بەدىنىم <جىغ>قىلىپ كەتتى.ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى.يەنە شۇنداق ئوتلۇق قاراشلار ئەقلىم ھىسياتىمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى......شۇنچە تىركەشسەممۇ ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قېلىۋاتاتتىم.
   - قوپە ھەي جىن سىرىتقا چىقىپ كىرىمىز،-دىدى گۈلنۇر مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن قۇلۇمدىن سۆرەپ.كىچىك بالىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.

ئىشىكتىن چىقىشىم بىلەن ساپ ھاۋا يۈزۈمگە گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ مىنى سەگىتتى. يەنە شۇ  بىرجۈپ كۆز............ئاھ، نەقەدەر ئوتلۇق بېقىشلارھە........
-ۋەي، نىمە بولدى؟بىكار تۇرماي تېلفۇن قىلىۋېردىغان نىمىكەنسەن.ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋەرمەمسەن،-بىرسى كەينىڭگە قارا دىگەندەك كەينىمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. يەنە شۇ كۆزلەر،ئەقلىمنى ئالغان شۇ كۆزلەر......ئۇمۇ مىنى كۆردى.تېلفۇن قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى.بىر-بىرمىزگە قارشىپ تۇرۇپلا قالدۇق.ئارلىقىمىز بارا-بارا يېقىنلاۋاتقاندەك  يۈرۈگۈم شىددەت بىلەن سوقماقتا.  
-ۋوي مۇراتكامغۇ بۇ؟ نىمىش قىلۋاتىسىز بۇ يەردە؟ -گۈلنۇرنىڭ ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز خىيالى چۈش مەيدانىمىزدىن قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق.
-ھە، دوسلار بىلەن تاماق يىگىلى كەلگەن.سىزچۇ؟دىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق چىقاتتى.
-بىز تۇلۇق ئوتتۇرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش زىياپىتى قىلۋاتىمىز.ھەراس تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي بۇمىنىڭ يېقىن دوستۇم رازىيە،بۇ مىنىڭ نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى مۇراتكام بۇلىدۇ.
<يولدىشى!!!!!!!!> بېشىمدا چاقماق چېقىلغاندەك شۇنداق قاتتىق سىلكىندىمكى ناۋادا كۈندۈز بولغان بولسا مىنىڭ چىرايىمنى كۆرگەن كىشى مىنى بىرەر نىمىسى ئۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مومكىن ئىدى.ئۇنىڭغا قارىدىم.چىرايمنىڭ قانداق ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن.ئۇمۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىدىيۇ يەرگە قارىۋالدى. كۈزۈم غۇۋالىشىشقا باشلىدى.يېنىمدا بىرى مىنى توۋلاۋاتىدۇ،مەن نىمە بولغاندىمەن...........كۈزۈمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ئاپپاق تام، ئاسما ئۇكۇلنىڭ پوتولكىسى،ئاڭلىغىنىم تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش بولغان< رازىيە كۈزىڭىزنى ئېچىڭە> دىگەن ئاۋاز بولدى.كۈزۈمنىڭ قارچۇقلىرنى ئاستا ھەركەتكە كەلتۈردۈم. يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلەر جىددىيچىلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە ئىرىپ كەتتى .<نىمىشقا ؟نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟> دەپ توختىماي ئۆز ئۈزۈمگە سۇئال قۇياتتىم. ئۇ بولسا خۇددى گۇناھكاردەك بېشىنى ئۈستۈن قىلماي يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.
- يەردىن ئالتۇن تېپىۋالىدىغاندەك قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز مۇراتكا؟- گۈلنۇرنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ مۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ. 
-ئۇنداق ئەمەسقۇ،-دىدى دۇدۇقلاپ ،-مەن دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ كىرەي.دەپ مېڭىشقا تەمشىلىشىگە رازىيە:
- بولدى ،ئاۋارە بولماڭ مۇراتكا،مەن دوختۇر بىلەن كۈرۈشۈپ چىقتىم، دوختۇردىن چىقساق بۇلىدىكەن دىدى.
- نىمانچە تېز؟ بايا نىمىشقا.......
-كاللىسىغا بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ دەيدۇ، نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بۇلۇپ كىتىدىكەن،-دىدى گۈلنۇر ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.
-ھە، ئەمسە مەن ماشىنىنى ئەكىلەي،سىز رازىيەنى ئېلىپ چىقىڭ،-دەپ چىقىپ كەتتى.
گۈلنۇر توختىماي چۇڭۇلدايتى <نىمىش بولدى؟ ئىچىڭدە ماڭا دېمىگەن بىرەر مەخپىيەتلىك باركەن. ياكى بايىقى بوۋايلارنىڭ سورىنىدا بىرەرسىگە كۈيۈپ قالدىڭمۇ يا؟......> مەن پەقەت ئەلەم بىلەن كۈلۈپلا قۇياتتىم خالاس.

   ماشىنىدا كىتىپ بارىمىز، ئالدى ئەينەكتىن ئۇ پات-پات قاراپ قۇياتتى، مەن بولسام دېرىزىدىن سىرىتقا قارىغىنىمچە ئاللىقانداقتۇر بىر خىياللارغا غەرىق بۇلغان ئىدىم. ماشىنىنىڭ تۇرمۇز قىسىشى بىلەن ئەسلىمگە قايىتتىم. ماشىنا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغان ئىدى. گۈلنۇر ھەيران بولغاندەك بىر ماڭا بىر مۇراتقا قارىۋىتىپ :‹ مۇراتكا ،رازىيەنىڭ ئۈيىنى سىز قانداق بىلىسىز؟›دىدى ئۇ.مۇرات :
ـ شۇ رازىيەنىڭ ئاكىسى مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاغدىشىم.بۇرۇن بىر كەلگەن ،- دىدى ئۇ ھۈپپۈدە قىزارغىنىچە دۇدۇقلاپ.
ـ ھە،مۇنداق دەڭ….لىكىن سىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندۇ؟! ئەجەپ ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە!؟ -گۈلنۇر بىرخىل گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدى.
- شۇ ……………………………..مەن……….
ـ ئىككىڭلار ئۆيگە كىرڭلار ، بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ ئىچىپ چىقىڭلار ،-دىدىم مەن ئۇنى ئۇڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.ئاسىي كۆزلىرىم بولسا ئۇنىڭ شۇ سىھىرلىك كۆزلىرىنى ئىزدەيتى.ئۇ مىنىڭ كۆزلىرىمدىن كۈزىنى قاچۇرۇپ ،– بولدى ،سىزمۇ ئارام ئېلىڭ ،بىز قايتايلى ،-دەپ ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلدى.
-بولدى، ئارامنى ياخشى ئېلىپ ئەتە بالدۇرراق تەييار بۇلۇپ تۇر ياتاقداش قىزلار تاھىر-زۆھرە قەبرىسىگە بېرىپ ئويناپ كىلىمىز ،-دىدى ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
-ماقۇل، -دىدىم مەنمۇ رايىشلىق بىلەن.
    ئۇ كەتتى.ئەڭ مۇھىم نەرسەمنى ئېلىپ كەتكەندەك شۇنداق تولغۇنۇپ كەتتىم.
كۈنلىرىم شۇنچىلىك تەستە ئۈتىۋاتاتتى. ئاشۇ بىر جۈپ كۆز خىيالىمدىن چىقمايۋاتاتتى.ئۇمۇ شۇ كەتكىنىچە خۇددى بۇ دۇنيادىن يۇقالغاندەك غايىپ بولغان ئىدى.
    ئۇنى ئىزدىدىم، مەقسەتسىزلا كوچىلارنى ئايلىناتتىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئوخشايدىغان ماشىنىلارنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ كىتەتتم.ھەتتا تاماق يىيىش ئۈچۈن ئالاھىتەن نەچچە كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ مىنى ئەسىر قىلغان ئاشۇ كۆزلەرنى ئۇچراتقان رېستۇرانغا باراتتىم. ھەممە يەرگە قارايتىم.ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتىم.بەزىدە ئۆز-ئۈزۈمگە :‹ھەي،رازىيە نىمىش قىلىۋاتىسەن، كاللاڭنى سىلكىۋەت ،ئۇ دىگەن ئائىلىسى بار ئادەم. سەن تېخى ئەمدىلا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈڭ.ئۇ سەندىن كەم دىگەندە 7-8ياش چوڭ…..›دەپ ئۈزەمنى بۇ تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇشقا تېرىشاتتىم- يۇ،ھەممە ئۇرۇنىشلىرىم يەنىلا ئۇرۇنسىز بۇلۇپ چىقاتتى.
    شۇنداق قىلىپ نەتىجىمىزمۇ ئىلان قىلىندى.ئويلىغىنمىدىنمۇ يۇقرى نۇمۇر ئالغان ئىدىم.شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم.ئاتا-ئانام مەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىشتى. دادام پىشانەمدىن سۈيۈپ تۇرۇپ:‹جېنىم قىزىم.ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.› دىدى.ئانام بىچارە بولسا مىنى باغرىغا باسقىنىچە ‹ئەمدى ئالىي مەكتەپكە كەتسىڭىز قانداق قىلارمەن›دەپ  باياتىن بىرى زورىغا بېسىپ تۇرغان كۆزياشلىرىنى قۇيۇۋەتتى. مەنمۇ قۇشۇلۇپ مىشىلداشقا باشلىدىم.ئاكام ئانامنى بەزلەپ:‹بولدى ،ئانا مەن مەكتەپكە ماڭغاندىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغان ئىدىڭىز،بۇ جىن ماڭماي تۇرسا ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭىزا ئادەمنى ئىچىنى قاينىتىپ…›دىدى ئۇ ئانامغا ئەركىلەپ.
-يۇرۇڭلا، بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي ھەممىمىز چۈشلۈك تاماقنى سىرىتقا چىقىپ يەپ كىرەيلى ،-دىدى دادام خۇشاللىقتىن.
    بىز كىيىملىرمىزنى ئالماشتۇرۇپ ماڭايلى دىيىشىمىزگە بىرى ئىشىكنى چەكتى.ئاكام ‹مەن قاراپ باقاي› دەپ چىقىپ كىتىپ بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مەن‹ ئادەمنى ئارامىدا بىر يەرگە ماڭغىلى قويماي كىمدۇ بۇ كەلگەن ›دەپ غودوڭشىغىنمچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بىرئازدىن كىيىن ئاكام:‹ رازىيە،چاي تەييارلىغىنە ئۇكام›دەپ توۋلىدى.مەن غودوڭشىغىنىمچە مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم.

چىقتىم يۇ يۈرۈگۈم ‹جىغ› قىلىپ كەتتى.كۆزئالدىمدا نەچچە ۋاقىتتىن بىر زارقىپ كۈتكەن ساراڭلاردەك ئىزدىگەن  ئادىمىم تۇراتتى. ئۇماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى. 
جىددىيلەشكىنىمدىن پۇتلۇرۇمغا بىر نەرسە يۆگىشىۋالغاندەك كالامپايلىشىپ ئۈزەمنى يۇقۇتۇپ قۇيىۋاتاتتىم.نەپسىم سىقىلىپ ،يۈرۈگۈم تېز تېز سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى. چايخانا ئۆيگە كىرگىچە تاس قالدىم كىرىسلوغا پۇتلۇشۇپ يىقىلغىلى.چاينى دەملەپ ئۈستەل ئۈستىدىكى تەييار داستىخاننى ئېچىپلا چاينى قۇيدۇم. قوللىرىم بىلىنەرلىك تىترەۋاتاتتى. ئاكام؛‹ نىمە بولدۇڭ شۇمتىكىم،مىجەزىڭ يوقما؟ قوللۇرۇڭ تىترەۋاتىدىغۇ؟› دىدى ئاكام مىنى ئەركىلىتىپ.
-ياقەي ھېچنىمە بولمىدىم دىدىم مەن بېشىمنى يەردىن كۈتۈرمەي.
-ھەرقاچان نەتىجىسىنى بىلىپ ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ.دىدى مۇرات ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ.
-ۋوي، ئاغىنە، بۇ شۇمتەكنىڭ نەتىجىسىنى سەن قانداق بىلدىڭ.دىدى ئاكام ھەيرانلىقتىن.
-شۇ.....ھۈپپىدە قىزاردى ئۇ –گۈلنۇردىن بىلدىم.
-ھە....مۇنداق دە. راس ئۆتكەندە سىنى  باللار مىھراي بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىغان بوپتۇ دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىۋاتاتتىغۇ.زادى ئاجراشمىساڭ بولمايدىغان يەرگە يەتتىڭمۇ ئاخىرى.
مۇرات يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن لەپپىدە ماڭا بىر قارىۋىتىپ: بىر-بىرمىزگە كۆڭلىمىز بولمىسا،بىر ئۆيدە ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىمىزدە باشقا- باشقا ئادەمنى ئويلاپ ئتكەن ئىدۇق .توي قىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئىكىكىمىز ئىككى ئۆيدە تۇرۋاتىمىز. چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان توي ئىدى ئۈزۈڭمۇ بىلىسەن.ئەمدى داۋاملاشتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى. دەپ سۈزىنى ئاياغلاشتۇردى ئۇ.
-قۇپۇڭلار باللىرىم. مۇرات بالاممۇ كەپتۇ مانا. ھەممىمىز بىرلىكتە سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى دىدى دادام چاپىنىنى كىيگەچ.
مۇراتمۇ گەپ سۆز قىلماي بىز بىلەن ماڭدى. دادام ماشىنغا چىققاندىن كىيىن :
- قايسى رېستۇرانغا بارساق بۇلار دىدى.
-شاھدىيار رېستۇرانىغا بارايلى. مۇرات بىلەن ئىككىمىز تەڭلا دىگەن بۇ سۆزدىن يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ كەتتى. خۇددى ئۇ مىنىڭ كۈندە دىگۈدەك ئۇ يەرگە بارغىنىمنى بىلۋالغاندەك.
  ماشىنا سىيلىق مېڭىپ رېستۇراننىڭ ئالدىدا توختىدى.  . بىز رېستۇرانغا كىرىشىمىزگە  مۇلازىم يىگىت بىزنى ئالدىن تەييارلانغان بىر ئۈستەلگە باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن تاماق بۇيرۇتايلى دەپ تۇرساق رېستۇراندىكى رىياسەتچىنىڭ زىل ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارىتتى.
‹تۆۋەندە بىزنىڭ بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇقرى نەتىجە بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان سىڭلىمىز رازىيە ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بۇ سورىنىمىزنى ھازىر باشلايمىز. ئالدى بىلەن تامىقىڭلارنىڭ سىڭىشلىك بۇلىشى ئۈچۈن مۇڭلۇق مۇزىكا ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ.› رىياسەتچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدى.يەنە شۇ ئوتلۇق بېقىشلار.
-سىز ئۇرۇنلاشتۇردىڭىزمۇ؟كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-شۇنداق .....مەن .دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-نىمىشقا؟
-سىزنى سۈيمەن.


-بۇ نىمە گەپ بۇلۇپ كەتتى. كىمنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇ .دىدى دادام ھەيرانلىق بىلەن ئاكامغا قاراپ.ئاكام مۈرىسىنى چىقىرىپ بىلمەيمەن دىدى.
-مەن .ئۇرۇنلاشتۇرغان تاغا دىدى مۇرات.سىلەر بىلەنمۇ سودا ئىشى دەپ ئىزدىشىپ بۇلالماي قالدىم.شۇڭا بۇگۈن گۈلنۇردىن رازىيەنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىۋىتىپ ئۇدۇل سىلەرنىڭ ئۆيگە بارغان ئىدىم.دىدى 
-نىمانچە ئاۋارە بۇلاتتىڭ جېنىم بالام دىدى دادام مەمنۇنلۇق بىلەن. 
بىردەمدىن كىيىن يىيىش-ئىچىشلەر ئاخىرلىشىپ ئاكام سەھنىگە چىقىپ كەتتى، 
-تۈۋەندە ئەزىز مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە دوستۇم مۇراتنى بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. قېنى مۇرات سەھنىگە مەرھەمەت.
مۇرات يەڭگىل قەدەم تاشلاپ سەھنىگە چىقتى.

-تۈۋەندە  مەن سىلەرگە  ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن  ‹ كۈتۈش› تېمىسىدىكى ناخشامنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق ئىدى. 

شۇنچە يىل كۈتتۈم سىنى
قاچان چوڭ بۇلاركىن دەپ.
ساڭا تالىق بۇ كۆڭلۈمنى 
قاچان قۇبۇل قىلاركىن دەپ

سەن مىنىڭ باغرىم جانان.
سەن مىنىڭ بەختىم  جانان.
سەن ئاسمانمدا پارلىغان 
ئۆچمەس يۇلتۇزۇم جانان.
ئۇنىڭ ناخشا ئېيىتقاندىكى شۇ مەستانىلارچە قاراشلىرى.......خۇددى  بۇيەردە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىپ چىققان نۇر باغرىمنى تىشىپ ئۈتۈپ ۋۇجۇدۇمنى ئاجايىپ تاتلىق سىزىملەر بىلەن ئەللەيلىتەتتى.
-بالاموي، دىدى دادام ئاكامغا قاراپ. مۇرات بالام ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىكەن دىگەندەك گەپلەر بۇلۋاتاتتى.قاندىقى قانداق بۇلۇپ كەتتى ،ئۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرسى.   مۇراتنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن قۇلىقىمنى دىڭ قىلدىم. كۆزلىرىم مۇراتتا بولغىنى بىلەن قۇلاقلىرىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاكامنىڭ ئاغزىدا ئىدى.
-شۇ ئاجرىشىپ كىتىدىغان بۇلۇپتۇ. بۇ مۇراتنىڭ بەك ئىچى كۈچلۈك. بىز تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەكتەپتە ‹ مۇرات بىر باشلانغۇچنىڭ ئۇقۇغۇچىسىغا كۈيۈپ قاپتۇ ›دەپ قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ كەتكەن .كىيىن ئۇ مەلۇم سەۋەپ بىلەن مەكتەپتىن چىكىندى، كىيىن ئانچە ئىزدىشىپ بۇلالمىدۇق. ئاڭلىسام دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىۋېتىپتىكەن. بۇلتۇر بىز ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىلىغا چىققان يىلىمىز ئۇنىڭ تۇيى بولدى، ھەپتىگە قالماي دادىسى رەھمەتلىكمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.دىدى ئاكام مەيۈسلەنگىنىچە. كىيىن ئارلىقتا بىر ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مىھراي بىلەن پەقەت دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈنلا توي قىلغانلىقى،مىھراينىڭمۇ بۇ تويغا مەجبۇرلانغانلىقىدەك ئاشۇنداق بىر گەپلەر بۇلۇنغانتى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار راسلا بۇ يالغان توينى ئاخىرلاشتۇرماقچى ئوخشايدۇ. دەپ گىپىنى ئاياغلاشتۇردى ئاكام. كۆڭلۈمدە ئىپادىلەپ بولمايدىغان بىرخىل خوشلۇق بار.نىمىشقا بۇنچە خۇشال بۇلىدىغنىنمنى نىمىشقا بۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن. دەرۋەقە ئۇقۇرمەنلىرىمىز ھىس قىلىپ بولغىنىدەك كۆڭلۈمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى چېچىلىشقا باشلىغان ئىدى.
مۇرات ناخشىسىنى تۈگۈتۈپ چۈشكەندە  ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بىز بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن  قايتىش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلدۇق. نىمىشقىكىن پۇت قوللىرىم قولاشماي قېلىۋاتاتتى. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە پىيالىنى ئۆرۈۋەتتىم. يۈزۈم بۇيۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتم.بىر قەدەم ئالا-ئالمايلا ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ تاس قالدىم بېشىمنى يەردە پۇتۇمنى ئاسماندا كۆرگىلى. ئاران تەستە پۇتلىشىپ  يۇرۇپ سىرىتقا چىققىنىمدا ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ھېچكىم تېيىلمىغان باناننىڭ شۈپىكىگە تېيىلدىم. ‹ئانام!!!› دىيىشىم بىلەن كاپپىدە ئۇنىڭ قۇچىقىغا چۈشتۈم. تىنىقلىرىمىز بىر- بىرمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. لەسسىدە بۇشىشىپ كەتتىم. كۆزلىرىمىزنى بىر- بىرمىزدىن ئۈزەلمىدۇق.ئاھ!.....نىمىدىگەن شىرىن مىنۇتلار ،ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسىچۇ كاشكى.
-ۋوي ،ماۋۇ بالىنى، نىمە بولدى بۈگۈن سىزگە ؟پۇتلىشىپلا يۈرسىزغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ يە. ئانامنىڭ ئاۋازى بىلەن ھەرئىككىمىز چۈچۈپ شىرىن ھىسلار قاينىمىدىن قايتىپ چىقتۇق.
-رەھمەت.دىدىم مەن ئۈزۈم ئاران ئاڭلىغۇدەك قىلىپ .
-ھېچقىسى يوق ، دىدى ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋىتىپ . قېنى ماشىنىغا چىقايلى تاغا .دەپ ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئاچتى ئۇ دادامغا قاراپ. بىز ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن مۇرات كەينىگە قاراپ. :- تاغا ، ھامما بۇگۈن ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇشاللىق كۈن.شۇڭا خاتىرە بۇلۇپ قالسۇن ئۈچۈن خالىساڭلار چىمەنتاغقا يېڭى ئۇيۇنلار كەپتۇ ئاشۇ يەرگە بېرىپ ئوينىتىپ كىلەي.دىدى ئۇ ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا. مىنىڭ ئوتتەك بارغۇم بولسىمۇ لىكىن قىزلىق غۇرۇرۇم ئالدىمنى تۇسۇپ تۇراتتى. 
- بولدى ،رەھمەت بالام ، ئەتتىگەندىن بىر كۆپ چىقىمدار قىلىۋەتتۇق. دىدى دادام تەكەللۇپ بىلەن.
-ياقەي تاغا ،نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز. مىنى ئۆز كۆرمەيدىكەنسىز دىدى ئۇ قېيدىغاندەك قىلىپ.
- ماقۇل دەڭلا دادىسى. باللار ئوينىۋالسۇن .نەدىكەن شۇنداق كۈندە بۇنداق جەم بۇلىدىغان پۇرسەت.دىدى ئانام گەپ قىستۇرۇپ. داداممۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي قۇشۇلدى.  ماشىنا سىلىق رېتىمدا ئاستا –ئاستا ئىلگىرلىمەكتە. بىز چىمەنتاغقا كەلگەن چاغ تېخى يۇرۇق بولغاچقا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. دادام-ئاناملار  بىز قېرىدۇق سىلەرگە يىتىشەلمەيمىز دىگەننى باھانە قىلىپ  سوغوق ئىچىملىك ئىچىكەچ ئولتۇرۇپ قالدى. بىز ئۇيۇن  ئوينىغاچ مېڭىپ 恐怖世界 دىگەن يەرنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن شۇنچىلىك ئامراق بۇنداق يەرگە كىرىشكە ئاكام بولسا قىز بالىدەكلا بەك قورقىدۇ كىرىشتىن. مەن ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئاكام ئالدىمغا ئۈتۈپ:
-كىرگۈڭ بولسا ئۈزۈڭ كىر .مىنى كىرىشىپ بىرەمدىكىن دىمە.
-خاتىرجەم بول. كىرىشىپ بەر دىمەيمەن. سەن كىرىشىپ بەرسەڭ سىنىڭ يېشىڭنى ئېيتىدىغانغا قەغەز ئالىدىغان پۇلۇم يوق دىدىم ئۇنىڭ بىلەن قېيىشىپ. مىنىڭ دىگەن گىپىمدىن مۇرات قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- قويە ئاداش سىنى مۇشۇ سىڭلىڭچىلىكمۇ بۇلالمامسەن؟ 
-ۋاي ئاداش سەن بى كىرىپ چىقە .ماۋۇ ئالۋاستى ئانىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستىلاردىنمۇ ئەسكى. دىدى ئاكام بۇرنۇمنى چىمدىپ قۇيۇپ.
-قېنى مەن ئالۋاستىدىن قورقامدىم ياكى ئالۋاستى مەندىنمۇ. دىدى مۇرات ھەييارلىق بىلەن. يۈرۈڭە دىدى ئۇ  ئالدىمدا يول باشلاپ.
ئۇ ئالدىمدا كىرىپ كەتتى.

ئىچىنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغان ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئالدىمغا قاراپ ماڭادىم. تۇيۇقسىز ئاخشام كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنۇدىكى مۇشۇنداق جايغا ئۇرۇنلىشۋالغان ئادەم پارچىلايدىغان ئالۋاستى يادىمغا يىتىپ بىرخىل تىترەك بېسىپ رەسمىي قورقۇشقا باشلىدىم. ئالدىمدىن ئۇدۇل كەلگەن ئاق چاچلىق ،ئاق كىيىم كىيدۈرۈلگەن قونچاقنى كۈرۈپ چىررىدە چىرقىراپ كەينىمگە قاچتىم .قاچانلاردا كەينمگە ئۈتۈپ قالدىكىن بېرىپ مۇراتقا ئۈسسۈپتىمەن.ئۇنى كۈرۈپ قورقىنىچتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم. سوغوقتا تالادا قالغان ئادەمدەك دىر-دىر تىترەيتىم. ئۇ مىنى باغرىغا تېخىمۇ بەكرەك چىڭ باستى.ئۈگىللىرمنى ئۇگىۋىتىدىغاندەك. توۋا بۇنىڭدىن مەن ئاغرىش ئەمەس بەلكى ھۇزۇر ھىس قىلۋاتاتتىم. ‹رازىيە، ھايا قىل، سەن بىر نامەھرەمنىڭ قوينىدا،›دىدى ئەقلىم مىنى ئويغىتىپ .دەرھال ئۇنىڭدىن ئۈزۈمنى تارىتتىم.ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ باياقى ئاق چاچلىق ئالۋاستى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
-قورقىمامسىز؟ يەنە چىرقىراتمىسۇن ھېلقى ئالۋاستى دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ ئارىدىكى ئۇڭايسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولغىنىنى ھىس قىلىپ مەنمۇ دەرھال چ:
- قورقىمايمەن. ئەسلى بايا سىزنى قورقىتىۋېتەي دەپ ۋارقىراپ باققان .دىدىم مەن ھەييارلارچە كۈلۈپ.
-مەن قورقىمىدىم. ئەكسىچە بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.دىدى ئۇ مىنى ئۈزىگە قارتىپ.ئۇنىڭ بىلىكىمدىن تارىتقان قوللىردىن تارىغان ھارارەت بىلەن پۈتۈن جىسمىم كۆيگەندەك ئىرىپ كىتىۋاتاتتىم.‹ياق ،رازىيە سەن بىر ھايالىق قىز. يەنە كىلىپ ئۇدىگەن بىر ئائىلىسى بار ئادەم ،دەرھ

ئەسلى مەنبەسى: ئەلكىن مۇنبىىرى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز