تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گۇناھ ۋە جازا

ئاسىيە ئەسقەرنىڭ گۈزەلدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا ئولتۇرغىنىنى يەنە كۆرۈپ قالدى، شۇ تاپتا ئۇ ئەسقەرنىڭ ئۆزىگە ئىلگىرىكىدەك ئوت بولۇپ قارىشىغا نەقەدەر تەشنا ئىدى ھە؟... ئەمما گۈزەل بۈگۈنكى سورۇنغا قاچان كىرىپ كەلدى، شۇ چاغدىن باشلاپلا ئەسقەرنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭدىن زادىلا ئۈزۈلمىدى... ئاسىيە ئەسقەرنىڭ كۆزلىرىگە ئۇدۇل تىكىلپ، ئۇنىڭغا قەلبىدىكى نارازىلىقىنى بىر ئىپادىلەي دەپ قانچە قارىغانسىرى ئەسقەر ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. ئۇ قاتتىق ئۆرتىنىپ كەتتى، چىدىغۇسىز بىر غەشلىك ئىچىدە ئەسقەرنىڭ تېخى ئۈچ كۈن ئىلگىرىكى شېرىن-شېكەر گەپلىرىنى ئويلاپ كەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى ئاجايىپ تاتلىق ھېسلارغا چۈمۈپ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتنى تامام ئۇنتىغان ئىدى... ئارىدىن پەقەتلا ئۈچ كۈنلا ئۆتتى، بۇ ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە ئەسقەر تامامەن باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ھەتتا ئاسىيەنىڭ بۇ سورۇندا بارلىقىنىمۇ ئۇنتىغاندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆزلىرى گۈزەلدىن باشقا ھىچقانداق ئايالنى كۆرمەيتتى... ئاسىيە ئەمدى ئەسقەرگە قايتا قارىمىدى، يەنە قارىسا ئۇنىڭ يۈرىكى ۋاسسىدە يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ھالغا يەتكەنىدى. ئەسقەرنىڭ ھە دېگەندىلا گۈزەلدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىۋاتقان ئاشۇ تۇرقى ئاسىيەنى گويا گۈلخانغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئازاپلايتتى. ئۇ، ئۇدۇلدىكى ئەينەكتىن مەخسۇس كۆپتۈرۈپ ياسىتىۋالغان ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرى ئىچىدە قۇشۇقتەكلا كۆرۈنىدىغان، زىيادە سۇلغۇنلۇق قاپلىغان چىرايىنى كۆرۈپ بىئارام بولدى. ئىختىيارسىز لەپپىدە گۈزەلنىڭ چىرايىغا يەنە بىر قارىدى، گۈزەل شۇ تاپتا ئىسمى- جىسمىغا لايىق گۈزەللىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى بىراۋ سۆيۈپ قويسا ئىز قالغۇدەك سىلىق، يۇمشاق ئىدى. سۇس لەۋ سۇرۇخ بىلەن تېخىمۇ ھىسسىياتلىق كۆرۈنىدىغان قىزىل گۈلدەك لەۋلىرى پات- پات شەھلا كۆزلىرىگە ماسلىشىپ ئەسقەرگە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. بوينى غۇنچىدەك تۇرقىغا ماس ھالدا ئاق ھەم ئۇزۇن، سۈزۈك ئىدى. تەننازلىقى بىلەن ھەرقانداق ئەر كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، سىرلىق خىياللار ئالىمىگە ئېلىپ كېتەتتى... ئۇ شۇ تاپ ھۈپپىدە ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈلنىڭ ئۆزى ئىدى. ئەسقەرلا ئەمەس، سورۇندىكى خېلى-خېلى ئەرلەرمۇ ئۇنىڭدىكى گۈزەل رۇخسارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە يېڭىلىپ، ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزەلمەيلا قېلىشقانىدى...

ئاسىيە چىدىيالمايلا قالدى، ئۇ بۇ يەردە يەنە نېمىنى كۈتۈپ ئولتۇرسۇن؟ ئەسقەر ئۇنىڭ نېمىسى ئىدى شۇنچە تەلمۈرۈپ كەتكۈدەك؟... يا ئۇنىڭ خوتۇنى ئەمەس... پەقەت بىر نەچچە قېتىملىق كۆڭۈل خوشلىغىلا خالاس. ئەرلەرنىڭ شېرىن-شىكەر گەپلىرىگە ئىشەنگەن ئاياللارنىڭ جېنىغا ۋاي!

ئاسىيە ھازىرقى ئېرىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن تەگكەن ئىدى. ئېرى ئۇنىڭدىن 10 ياش چوڭ، ياغاق يۈزلۈك ئادەم ئىدى. ئېرىنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداقتۇر ئاجىزلىق، يۇمشاقلىق، ئۆزىدىن ئۆزى ئېھتىيات قىلىش سەزگۈسى بار ئىدى. ئۇ خۇددى توختام سۇدەك ھەرقاچان ئالدىرىماي، تەمتىرىمەي ئىش كۆرىدىغان ئەر ئىدى. بىر ئىشقا ئالدىراپ خوشالمۇ، خاپىمۇ بولۇپ كەتمەيتتى. ئاسىيەنىڭ نەزىرىدە ئۇ بارغانچە قۇرۇپ كېتىۋاتقان قېرى توغراق ئىدى. شۇڭا ئۇ يۇمۇرىستىك، سۆزمەن، ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالايدىغان، قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئەرلەرگە باشقىچە ھەۋەس بىلەن قارايتتى. ئاشۇنداق ئېرى بار ئاياللارنى بەختلىك، ئۆزىنى بولسا بەكمۇ بەختسىز ھىساپلايتتى. شۇڭا ئېرىگە بەكلا سۇس مۇئامىلە قىلاتتى. يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىنى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر تال ئارزۇلۇق قىزىنى دېمىسە ھەرگىزمۇ ئەشۇ مۆرىمەس ئەرنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ ئولتۇرمايتتى...ئاسىيە ئىلگىرى شەھەرگە قاراشلىق بىر يېزىدا ئىشلەيتتى، شەھەردە ئېرىنىڭ ئىدارىسىدىن تەقسىم قىلغان بىر يۈرۈش كىچىك بىنادا ئولتۇراتتى. ئېرىنىڭ سۇسلىقى، زىيادە ئېغىر- بېسىقلىقىغا چىشلىرى قېرىشسىمۇ، ھەر كۈنى شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئارىسىدا قاتناپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق، ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭدا يېزا تۇرمۇشىنىڭ تەسىرى بار ئىدى. شۇ ھالدا نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، تەشكىلنىڭ ئاخىرى ئاسىيەگە ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ، ئۇنى شەھەردىكى باش ئىدارىغا يۆتكەپ ئەكەلدى. ئۇلارمۇ شەھەردىكى ئاۋات بىر ئولتۇراق رايوندىن بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ، ئىلگىرىكى تار ئۆيدىن كۆچۈپ چىقتى. ئاسىيەنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.

بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق بىرنەچچە قۇلۇم-قوشنىلار ئاسىيەنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈندى. ئاياللار بەكمۇ مودا يۈرەتتى، يۈرۈش-تۇرۇشتا ئۆزلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتەتتى. ئۇلاردا ھىچبىر قورۇنۇش، تارتىنىش يوق ئىدى. ئاسىيە چاقىرىلغان بىر نەچچە قېتىملىق توي-تۆكۈنلەردە ئۇلار خۇددى خانىشلاردەك ئۆزلىرىنى بەكمۇ چوڭ تۇتاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەنەۋەر ئىسىملىك چوكان ئاسىيەنىڭ ئۈستۈن قەۋەتتىكى خوشنىسى ئىدى. ئۇلار ھەرھالدا سالام- سەھەت قىلىشىپ ئۆتەتتى. بىر نەچچە قېتىملىق ئادەتتىكى مۇڭدىشىشتىن كېيىن سەنەۋەر ئاسىيەنىڭ زېرىكىشلىك تۇرمۇشىنى چۈشەندى، ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلغان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ چايلىرىغا بىللە ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان چايلىرى، ھەشەمىتى، كېلىشكەن، پۇلدار ئەرلەرنىڭ ھەر قېتىملىق سورۇنغا ئىشتىراك قىلىپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرىۋېتىشلىرى ئاسىيەنىڭ كۆزىنى راستلا ئېچىپ قويدى. «بۇلار ھەقىقەتەن جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرۈشنى بىلىدىغان ئېسىل ئاياللار ئىكەن» دەپ ئويلىدى ئاسىيە. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ زېرىكىشلىك كۈنلىرى ئاخىرلاشقان بولدى. ئۇلار پات-پات شەھەرنىڭ ئاسانلىقچە كۆزگە چېلىقمايدىغان مەلۇم جايلىرىدا سورۇن تۈزىشەتتى، ھەتتا باشقا ناھىيە- شەھەرلەرگىچە بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەتتى. ئەسقەر ئاسىيەنىڭ تۇرمۇشىغا ئەمدىلەتتىن بۆسۈپ كىرگەن ئاشۇنداق سورۇندىكى قاملاشقان ئەر ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى تۇنجى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى. ئاسىيەنىڭ ماشىنىسىنىڭ بولغىنى ئاياللارغا خېلىلا قولايلىق يارىتاتتى، ھەر سورۇندا ئەر-ئاياللار ئاسىيەنىڭ ئايال كىشى تۇرۇپ رول تۇتالايدىغان جاسارىتىگە، قىزغىن مۇئامىلىلىرگە قايىل بولاتتى. ئۇنى ھە دېمەيلا ماختاپ-ئۇچۇرۇپ قالتىس خوش قىلىۋېتەتتى. شۇڭا بۇنداق سورۇنغا كەلگەندە ئاسىيە ئېرىنىڭ قويمىغىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي قانداقتۇر دۇرۇس يىغىلىشلارنىڭ گېپىنى قىلىپ، توزدەك ياسىنىپ ئۆيدىن چىقاتتى. ئۇ ئۆزىنى كۈتۈپ ئارانلا تۇرىۋاتقان «دوست»لىرىنى ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ سورۇن قوغلاپ چاپاتتى... ئاسىيە بۇنداق سورۇنلاردا ئەسقەرگە ئوخشاش يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئاجايىپ قاملاشقان، سۆزمەن، ھىسسىياتلىق ئەرلەرگە ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ قالاتتى. ئاشۇ ئەرلەرنىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرىغا، ھەتتا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سېرىق يۇمۇرلىرىغا ئىچ-ئىچىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتى. ئېرى، قىزى يادىغا يەتمەيتتى، ئۆزىنىڭ خېلى ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ ئايالى، بىر قىزنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىدەك بۇ ئېغىر يۈكنى چۆرۈپ تاشلايتتى. شوخ مۇزىكا، ئويۇن-كۈلكە، سورۇن تارقىغاندىن كېيىن ئەسقەر بىلەن بولىدىغان تاتلىق بىرلىشىش... ئۇنىڭ بۇرۇختۇملۇق ئىچىدىكى ھاياتىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئېرىنىڭ سۆرەلمىلىكى، كەم سۆزلىكى، بەزىدە ئادەمنى ئۆرۈۋەتكۈدەك توروڭ- توروڭ گەپلىرىدىن ھەر قېتىم بىزارلىق ھىس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان كۆڭۈل خوشلىقىدىن شۈبھىلەنمەيتتى...

ـــ ياشلىق ۋە گۈزەللىك ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى قانچە يوشۇرۇن ساقلىغانسىرى شۇنچە تېز ئۆتىدۇ، بىزدە «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە»، دەيدىغان تەمسىل بار، قېرىغاندا گۆش ئەمەس، كېسەل چىرماپ ئوماچمۇ ئىچەلمەيمىز! شۇڭا چىشنىڭ بارىدا، چىراينىڭ بارىدا ئوينايلى، كۈلەيلى دوستلار!ـــ دەيدۇ ئەسقەر دائىم قەدەھ سۆزى قىلىپ. راست ئەمەسمۇ؟ ياشلىق بىر يېنىپ ئۆچىدىغان چاقماق، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، ياشلىقنى قەدىرلەش كېرەك. «ياشلىقىمنىڭ، گۈلدەك جامالىمنىڭ قەدرىگە ئېرىم يەتمىگەندىكىن، كۈن بويى كىتاپتىن باش كۆتۈرمەي بىر تاتلىققىنە سۆيۈشنى بىلمىگەندىكىن، شورى ئۆزىگە! ھېلىمۇ ئاشۇ لۆمشۈككە مەجبۇرى باغلىنىپ، ئاش- تامىقىنى قىلىپ بېرىۋاتقىنىمنىڭ يۈزى يوق! تۈفى، لەنىتى! نەلەردە يۈرۈپ ساڭا ئوخشاش گالۋاڭغا خوتۇن بولۇپ قالغاندىمەن؟ نەدىكى مۆرىمەس، تەلەتى سەت مايماق خوتۇنلارنىڭ قاراپ يەۋەتكۈدەك قاملاشقان ئېرى بولىدىكەن، ئېسىت! مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە يەنە نېمە تەڭ كەلسۇن؟!»

ئۇ بەزىدە شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بېرەتتى، كاژ تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ، گومۇش ئېرىدىن ھەسسىلەپ نەپرەتلىنىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئوغىسىنى يەنىمۇ قاينىتىدىغىنى قىزىنىڭمۇ خۇددى دادىسىدەك ئارتۇق گەپ خالىماس، ئېچىلىپ كۈلمەس، يايراپ-ئەركىلەپ، چىرايلىق ياسانماس ھالىتى ئىدى. قىزى قاچانلا قارىسا ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ كىتاپتىن باش كۆتۈرمەيتتى. ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى، شۇ كۈنلەردە ئۇمۇ خۇددى دادىسىغا ئوخشاش ئادەمنى ئوڭدا چۈشۈرىۋەتكۈدەك « سېسىق» گەپلەرنى ئانىسىغا قىلىدىغان بۇلىۋالغاندى.

ـــ ئەركىن بولۇڭ قىزىم، يايراپ كۈلۈڭ، سىز تېخى بالا، بالىلار سىزدەك يېشىدا ئويناپ كۈلۈپ يايرىۋېلىشى، قېرى مومايدەك ئۆيگە بېكىنىۋالماسلىقى كېرەك،ـــ ئاسىيە قىزىنى ئويۇن-كۈلكىگە قىستايتتى. ئەمما قىزى «چارچىمىدىم، كىتاپ ئوقۇسىمۇ چارچامدۇ ئاپا؟ كىتاپ ئوقۇسام روھىم تېخىمۇ ئازادىلىشىپ قالىدىكەن، مېنىڭچە سىزمۇ كىتاپ ئوقۇپ بىرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدە زېرىكىش ھەم مەنىسىزلىك ھىس قىلمايسىز» دەيتتى. بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇ قىزىنى تاپشۇرقىنى ئىشلەپ بولۇپلا دوستلىرى بىلەن ئويناپ كېلىشكە دەۋەت قىلىۋېدى، قىزىدىن چۈشۈنىكسىز، ئەمما تولىمۇ دەھشەت بىر جاۋاپنى ئاڭلىدى:

ــ ئاپا، ئەخلاقتىن، ئېتىقاتتىن، قانۇندىن قورقمىغاندىلا ئادەم ئەركىن بولغىلى بولىدۇ، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قورقىمەن، شۇڭا ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيمەن، ئاياللارنىڭ بەك ئەركىن بولۇپ كەتكىنىمۇ ياخشى ئەمەس، دادام سىزنى ھۆرمەت قىلىۋاتىدۇ، ئىشىنىۋاتىدۇ. بۇنى ئەركىمگە قويۇۋەتتى، دەپ چۈشۈنىۋالسىڭىز قاتتىق خاتالاشقان بولىسىز! مەھەللىدىكى ھېلىقى بۇزۇق خوتۇنلار بىلەن ئاز ئارىلىشىڭ! كېچىلىك بەزمىلەر سىزدەك ئانىلارغا ياراشمايدۇ! بىر ئايال كىشىدە جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ياخشى خىزمەت، پۇل-مال، ئەر ۋە بالا تۇرۇپمۇ يەنە ئابرۇينىڭ بولماسلىقى مەڭگۈلۈك بەختسىزلىك... ئابرۇيىڭىزنى تۆكۈۋالماڭ، ئاپا!

ئاسىيە قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گويا بېشىغا كالتەك تەگكەندەك داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. قىزى ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە دوق قىلسىمۇ، بۇ دەرىجىدە جاۋاپ ياندۇرمىغان ئىدى. خۇددى دەيدىغانلىرىم يەنە بار ئىدى، ئەمما ئانامكەنسەن، يەنىلا يۈزۈڭنى قىلاي، دەۋاتقاندەك ئەلپازدا يانغا قارىۋالغاندى. قىزىنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاغ-لاغ تىترەپ تۇراتتى. ئاسىيە بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرەلمىدى، يۈرىكى قوقاستا پۇچۇلىنىۋاتقاندەك قاتتىق بىئارام بولدى.

ئەمما «دوستلىرى» ئۇنى بۈگۈن O ناھىيەسىدە بولىدىغان مەخسۇس سورۇن ئۈچۈن سىرتتا خېلى بۇرۇنلا ساقلاۋاتاتتى. ئەسقەرمۇ «بۈگۈن كەلمىسىڭىز زادىلا بولمايدۇ»، دەپ ئۇنىڭدىن قايتا- قايتا ئۆتۈنگەنىدى. O ناھىيەسى شەھەردىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىچىككىنە بازار ئىدى. بۇ يەردە ئۇلار پات-پات سورۇن تۈزۈپ، پىنھان جايلاردا خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلىپ، قىلغان ئىشىنىڭ ھىچ بىر بۇسىنى چىقارمايلا ئۆيلىرىگە كېلىۋالالايتتى.

ئاسىيە زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك قىزىغا بىر ئېغىزمۇ چۈشەندۈرۈش بېرەلمىدى. يۈزى كۆيۈشۈپ تۇرسىمۇ بىر قېيداش بىلەن ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنى پۇتىغا سېپىپ، تۆمۈر ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپقىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرىۋاتقاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىختىيارسىز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارىدى، قىزى دېرىزىنىڭ قاناتلىرىنى ئۇلۇغ ئېچىۋېتىپ، ئۇنىڭغا ياشلىق كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى... ئاسىيەنىڭ يۈرىكى ئاغدى، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدى، بىر گۇناھلىق تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى تۇنجى قېتىم قىستى...

ئاسىيە سورۇندىن دوستلىرىغا ھېلى كىرىمەن، دەپلا يېنىپ چىقتى. شۇنداق دېمىسە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشكە، باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەسقەر سەۋەپلىك زادىلا ئېچىلالماي ئولتۇرغىنىنى سەزمىگەن يەردە ئەمەس، شۇڭا ئۆزىنىڭ سورۇندىن بالدۇرلا قايتقىنىنى توغرا چۈشۈنىدۇ، دەپمۇ ئويلايتتى. ئۇلار ئادەتتە سورۇنغا بىللە بارغىنى بىلەن ھىچقاچان بىللە قايتمايتتى. شۇڭا دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، بۇ يەردە ئەسقەرگە نىسبەتەن ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ ئولتۇرىۋەرگۈسى كەلمىدى.

ئاسىيە ماشىنىسىنى رېستۇراننىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن قايدۇرىۋاتقاندا ئۆزىنى ئىزلەپ چىققان ئەسقەرنى كۆرۈپ قالدى. ئەسقەر ھەر ھالدا سەل جىددىيلەشكەندەك ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئالاق-جالاق بولغان كۆزلىرى بىلەن ئىزلەشكە باشلىدى. ئاسىيەنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە يورىدى، دىمەك، ئەسقەر يەنىلا ئۇنىڭغا چىدىمايتتى. ئاسىيەنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ رېستۇرانغا قايتىپ كىرگۈسى كەلمىدى، شۇ تاپتا ئۇ ئەسقەر بىلەن يالغۇز كۆڭۈل ئېچىشنى، شىكەستىلەنگەن كۆڭلىگە ئەسقەرنىڭ تاتلىق، شېرىن سۆزلىرى بىلەن تەسكىن بېرىشنى ئىستەۋاتاتتى.

ـــ نىمانداق قىلىسىز ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ؟ـــ ئەسقەر ماشىنىغا چىقىپلا ئۇنىڭغا كايىدى،ـــ نەگە ماڭماقچى ئىدىڭىز؟ سەنەۋەر دېمىسە چىقىپ كېتىۋاتقىنىڭىزنىمۇ كۆرمەيدىكەنمەن، نىمىگە شۇنداق خاپا بولىسىز؟

ــ كىم خاپا بوپتۇ؟ گۈزەللەرنىڭ يېنىدىن مەن چاقىرىپ چىقمىغاندىمەن؟ كەيپىڭىزنى ئۇچمىسۇن دەپ جىمغىنا يېنىپ چىقتىم، بولماپتىمۇ؟ـــ ئەسقەرنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلىشىنى كۈتمىگەن ئاسىيەنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى،ـــ چىدىمىغان بولسىڭىز دەرھال كىرىپ كېتىڭ! سىزگە ئېسىلىۋالغان ئىش يوق تېخى!

ـــ نىمانچە خۇي قىلىسىز؟ ھېلىمۇ 18 ياشلىق قىزلارنى كۈتكەندەك كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋاتىمەن، شۇمۇ يەتمىدىمۇ سىزگە؟ يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟

ـــ توۋا، ئەرلەر نىمانچە ۋاپاسىز ھە؟ نىمانچە ۋىژدانسىز؟! نىمانچە ئۈجمە كۆڭۈل؟ تېخى نەچچە سائەت ئىلگىرىلا «سىز كەلمىسىڭىز بۈگۈن ماڭا بۇ جان ھارام» دەۋاتاتتىڭىز، سىزدىكى جاننىڭ ھالى شۇنچىلىكما؟ بۈگۈن گۈزەلنى قولغا چۈشۈرمىسىڭىز بۇ جېنىڭىز ھەقىقەتەن سىزگە ھارام بولىدىغۇ دەيمەن؟! بولدى، كىرىپ كېتىڭ، سىزگە گېپىم يوق!ــ ئەسقەرنىڭ يالۋۇرۇپ-يېلىنىشىنىلا كۈتۈپ، ئۆزىگە تاپا-تەنە قىلىشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئاسىيە يېرىلغۇدەك بولۇپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. ئەمما ئەسقەر ئۇنىڭ شۇنچە ئاچچىقلىنىشىغا ھەيران قالغاندەك بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى-دە، بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:

ـــ ھا ھا ھا... ۋىجدان دەڭ؟ ۋاپاسىز دەڭ؟ بۇ گەپلەر سىزدەك ئاياللارنىڭ ئېغىزىدىن چىقسا بەكلا غەلىتە ئاڭلىنىپ كېتىدىكىنا؟! بەكلا چوڭقۇرلاپ كېتىپسىزمۇ نىمە؟... ئەقىللىقراق بولۇڭ، بۇنداق سورۇندا ئويناشنى بىلگەنلەر كۆڭۈلنى تامامەن ئەركىگە قويۇۋېتىشى كېرەك. نىمە ئۇ ۋىجدان-پىجدان دېگەن؟ سىز ئۆيىڭىزدىن ئېرىڭىزنى گوللاپ چىققاندا ۋىجدانىڭىز بارمىتى؟! بىلىۋاتامسىز؟ بىز دېگەن كۆڭۈل خوشلىقى ئىزدەپ يېرىم يولدا ئۇچراشقان ھەمراھلار، بۇ خوشلۇق...نېمىگە ئوخشاتسام بۇلار؟ خۇددى مۇنداقلا تېتىپ قويغان مېۋىنىڭ تەمىدەكلا بىر ئىش... بىر خىل مېۋىنى چايناۋېرىپ ئەمەن كېكىرىپ يۈرىدىغان ساراڭمۇ مەن؟ ئىككى بالىنىڭ ئانىسىغا بويسۇنماي چىققان ئوغۇلبالىمەن، بۇ يەردە سىزدەك خوتۇنلارنىڭ باشقۇرىشىغا قالسام ماڭا ئۇۋال بولمامدۇ؟! شۇنى ئۇنۇتماڭ ئاسىيە، سىز يا مېنىڭ ئېلىپ تاشلاپ قويغان خوتۇنۇم ئەمەس، ھەتتا ئاشناممۇ ئەمەسسىز! بۇ ئويۇندا سىزمۇ، مەنمۇ تامامەن ئەركىن ئادەم. بۈگۈن مېنىڭ قۇچىقىمدا ياتسىڭىز ئەتە ئەركىننىڭ قۇچىقىغا كىرىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەركىن سىزگە قانات سۆرەپ يۈرىۋاتقىلىمۇ خېلى بولدىغۇ دەيمەن؟ بىلمەيغۇ قالمىغانسىز؟... ئەركىننى كۆڭلىڭىز خالىمىسا، ياكى زېرىكسىڭىز ۋىجدان، ۋاپا دېگۈدەك ئەس-ھۇشىڭىزنىڭ بارىدا قانات- قۇيرىقىڭىزنى يىغىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما مېنى ۋىجدان، ۋاپا ئارغامچىسىدا بوغىمەن،كونتىرول قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ!

ـــ نىمە دەۋاتىسىز؟! مۇشۇ گەپلەرنى سىز قىلىۋاتامسىز؟... توۋا... سىزنى شۇ دەرىجىدە ئۈجمە كۆڭۈل، زەھەرخەندە دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. نىمانچە ئەخمەقمەن ھە؟ تېخى بىر- بىرىمىزگە مۇھەببىتىمىز، ساداقىتىمىز بار، دەپ شۇنچە يولنى سىزنى دەپلا بېسىپ كەپتىمەن دېسە؟!

ـــ مۇھەببەت؟! مۇشۇ يېشىمىزدا بىزدە مۇھەببەت نېمىش قىلسۇن؟ مۇھەببەت دېگەن خام سويمىلارنىڭ ئويۇنى، ئۆزىنى ئالداش بىلەن باشلىنىپ ئۆزگىنى ئالداش بىلەن ئاياقلىشىدىغان مەنىسىز ئويۇن ئۇ! سادىقلىقتىن ئېغىز ئېچىپ كېتىپسىز تېخى؟ ھا، ھا، ھاھ... ئېرىگە، ئائىلىسىگە سادىق بولالمىغان ئايال كىشى ئوينىشىغا سادىق بولالامدا؟ قاراڭە، خۇددى ئىش كۆرمىگەن كىچىك قىزچاقلاردەكلا گەپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى!ـــ ئاسىيە ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ قاملاشقان ئەرنىڭ ئەسقەر ئىكەنلىكىگە، تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ ئىشقىدا ئۆلۈپ كەتمەكچى بولغان ئەسقەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى. ئۇنىڭ شۇ دەرىجىدىكى يالىڭاچ، زەھەردەك ئۆتكۈر سۆزلىرىدىن ۋۇجۇدىدا ئۆركەشلەۋاتقان قىزىق قانلىرىمۇ دەقىقە ئىچىدە مۇزلاپ كەتكەندەك تېنى جۇغۇلدىدى.

ـــ ھۇ يۈزسىز، ساختىپەز! ــ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن لاغىلداپ تىترەپ. ئاسىيە شۇنچىلىك تەڭسىزلىك ھەم ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىكى، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەسقەرنى تارتقۇشلاپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە قارا قويۇق ئۇرۇپ كەتتى،ـــ ھۇ ئالدامچى! ئۈجمە كۆڭۈل ئوغرى!... گېپىنىڭ سېسىقلىقىنى قارا! ئىپلاس...

ــ قولۇڭنى تارت پاسكىنا جالاپ! مېنى ئۇرغۇدەك سەن كىمتىڭ! ــ يۈزىگە «چاڭ» قىلىپ تەگكەن بىر تەستەكتىن ئاسىيەگە پۈتۈن زىمىن، ئاسمان، يەر، ماشىنا...ھەممىسى پىرقىراپ چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. گويا بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، چوغدەك قىزىغان مەڭزىنى چاڭگاللىغىنىچە، ماشىنىدىن غەزەپ بىلەن چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئەسقەرنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدى.

ــ يۇندا ئىچىپ تويمايدىغان قانجۇق! ئىززىتىنى بىلمەيدىغان جالاپ!

ــ ئۇ ئەسقەرنىڭ، ئالدىغا چىققان بىرەيلەنگە شۇنداق دەپ تىللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئەمما چىقىپ كەلگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى، بىر دەھشەتلىك نۇمۇس ھەم خورلۇقتىن ئاسىيەنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتاتتى. ئۇ ئېسىنى يىغىپ، ماشىنىنى جەھلى بىلەن قوزغاپ، خۇدىنى بىلەلمىگۈدەك ھالدا چوڭ يولغا چىقتى.

«ئېرىگە، ئائىلىسىگە سادىق بولالمىغان ئايال ئوينىشىغا سادىق بولالامدۇ؟!»، «سىز ئۆيىڭىزدىن ئېرىڭىزنى گوللاپ چىققاندا ۋىجدانىڭىز بارمىتى؟!»، «سەن دېگەن جالاپ!»... ئاسىيەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەسقەرنىڭ بۇ سۆزلىرى قايتا-قايتا جاراڭلايتتى... بۇ سۆزلەرنىڭ ئورامىدىكى قورقۇنچ، سۈر ۋە ھەقىقەت... ئۇنىڭ تېنىنى تېخىمۇ جۇغۇلدىتاتتى... ئاسىيە ئېرىگە، ئۆزىگە ۋە قىزىغا قىلغانلىرىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى شۇ تاپتا ئېنىق ھىس قىلدى. بۇلارنى ھېس قىلىپ يېتىش بىلەن ۋىجدانى ئۇنى ھەر تەرەپتىن قامچىلاشقا باشلىدى. ئۇ ئازاپتىن ئىڭراپ كەتتى، تۈن قاراڭغۇلىقى پۈتكۈل كائىناتنى خۇددى ئۇنىڭ روھىدىكى چۈشكۈنلۈك، ئاچچىق پۇشايمانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي ئوراپ بولغان ئىدى.ئاسىيە رولغا مەھكەم چىرماشقان ھالدا قارا تۈتۈن كېتىپ باراتتى، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ قايەرگە كېلىپ، قايسى يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمىگۈدەك ھالدا خۇدىنى يوقاتقان ئىدى. ئالدىدىن چىراق يورۇتۇپ، بەلگە بېرىپ كېلىۋاتقان ماشىنىلارغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش، يول بېرىش... دېگەنلەر ئۇنىڭ كاللىسىغىمۇ كىرمەيتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئېسىيادى ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغان، يەر بىلەن يەكسان بولغان ئاتالمىش مۇھەببىتى، غورۇر-ئىززىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئالدى-كەينىدىن چىراقلىرىنى لاپ- لاپ قىلىپ بەلگە بېرىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى، دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىغان شوپۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. ئەسقەر ھەم ھېلىقى بىر توپ دوستلىرى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھاياسىز، زەھەردەك سېسىق سۆزلەر، ئېرىنىڭ بەزىدە غەزەپ ئارىلاشقان، يەنە بەزىدە تەربىيە، تەسىرلەندۈرۈش ئارىلاشقان تەنبىھلىرى، قىزىنىڭ شەمشەردەك ئۆتكۈر سۆزلىرى ئۇنىڭ روھىنى قۇرۇتتەك غاجىلايتتى، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ خىيالىنى يولغا، ماشىنىنىڭ رولىغا يىغالمايتتى...

ــ ئاياللار بەزىدە ئاتالمىش مۇھەببەت، سۆيگۈگە ئالدىنىپ، ھەقىقى تۇرمۇشتىن، مۇھەببەتتىن چەتنەپ كېتىدۇ، ئېرىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ رىسقىغا قارا سۈركەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئۆزلىرى ئەسىر بولغان شۇ مۇھەببەتنىڭ چىن مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى بۇزۇقچىلىق، ئۆز-ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. بىلەمسىز؟ بارلىق ئىشىق- ھەۋەس لەززەتلىرى ھەر قانداق كىشىنى ئاقىۋەتتە پەقەت پۇشايمان، چەكسىز پۇشايمانغىلا ئېلىپ بارىدۇ، ئىشىق- ھەۋەسكە بىرىلىپ، ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان ئائىلىنىڭ ئىمارىتىنى ئۆرۈۋېتىپ، لالما ئىتتەك خارلىقتا ياشاش ئەقىللىق ئاياللارغا ياراشمايدۇ. بىزدە «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار» دەيدىغان ھېكمەت بار، يامان نامى چىقىپ قالغان ئاياللار بىلەن خوشنام دەپلا ئارىلىشىۋەرمەڭ، سىزگىمۇ، ماڭىمۇ، قىزىمىزغىمۇ سەت!...ـــ بۇ سۆزلەرنى ئېرى تېخى ئۈچ كۈن ئىلگىرىلا، ئۇ ئەسقەر بىلەن قانغۇدەك پەيزى قىلىپ كىرگەن ئاشۇ كېچىدە دېگەن ئىدى... شۇ چاغدا ئۇ شۈك بولىۋالغان، ھەتتا بىرنى دېسە مىڭنى دەپ جاۋاپ ياندۇرالايدىغان زۇۋانىنى ئېچىشنىمۇ خالىمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ شۇ چاغدا ئەسقەرنىڭ تاتلىق-تاتلىق پىچىرلاشلىرى، ئەسەبى قىزغىنلىقىدىن پۈتۈنلەي مەست- ئەلەس بولۇپ كەتكەن ئىدى... ئۇ شۇ تاپتىمۇ ۋۇجۇدىدا ئوخچۇپ تۇرغان تاتلىق سېزىملىرىنى سۆرەلمە ئېرى بىلەن سوقۇشۇش، تەڭ تۇرۇپ تىللىشىش ئارقىلىق يوق قىلىۋېتىشنى ھەرگىزمۇ خالىمىغان ئىدى...

«توۋا، پەقەت ئەخمەق ئاياللارلا مۇھەببەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، مۇھەببەتنى ئىزلەيدىكەن، خۇددى گالۋاڭ تۆگىچى مىنگەن تۆگىسىنى توختىماي ئىزلەپ ئاۋارە بولغاندەكلا... » ئۇنىڭ خىياللىرى يەنە قاناتلاندى. ئەمدى ئۇنىڭ قۇلىقىغا قىزىنىڭ ئايانچلىق، مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. قىزىنىڭ نۇمۇسلۇق بىر ئەلەمدىن چوغدەك يانغان مەسۈم كۆزلىرى ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن توپتوغرىلا ئۇنىڭغا تىكىلدى:

ــ ئاپا، ماشىنىڭىزنى ئەمدى ھەيدىمىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ ئىلگىرى خىزمەت ئورنىڭىز يىراق بولغاچقا، دادام سىزگە يولدا سوغوق تېگىپ قالمىسۇن، قولايلىق بولسۇن دەپلا، شۇنچە قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ مۇشۇ ماشىنىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى خىزمەت ئورنىڭىز يېنىڭىزدىلا، پىيادە ماڭسىڭىزمۇ، ۋېلىسپىت بىلەن بارسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ بېنزىنغا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ، بىرمۇنچە بۇزۇق خوتۇنلار بىلەن كوچىمۇ كوچا چېپىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟!

ــ ئاپا، سىز نەلەردە يۈرۈيسىز؟ سىز دېگەن چاي تۈگىگىلى نىكەم؟ مەن سىزنى ئاشۇ يەردە قانچىلىك ساقلىدىم، بىلەمسىز؟ رېستۇراندا بىرمۇ ئادەم قالمىغاندىلا ئۆيگە يېنىپ كەلدىم... سىزنى ئۆيگە كېلىپ بولغان ئوخشايدۇ، ئۆتۈشۈپ كەتكەن چېغىمىز، دەپ مىڭ ئۈمىد بىلەن ئۆيگە كەلدىم... مۇشۇ چاغقىچە ئۆيىنى تاپالمايدىغانمۇ ئانا بولامدۇ؟ دادام بىچارە ئىدارىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ، سىزنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلېفۇن قىپتىكەن، ئاپام ئۇخلاپ قالدى، دەپ يالغان سۆزلىدىم...بىلەمسىز؟ سىز ئۈچۈن دادامدىن ئۇيۇلۇپ كېتىۋاتىمەن!...

ـــ ئاپا، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئاۋۇ سەنەۋەر قونچاققا ئوخشاش بۇزۇق خوتۇنلار بىلەن ئەمدى ئارىلاشماڭ، سىز دېگەن ئېرى بار، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئابرۇيلۇق ئايال! بىلەمسىز؟ ھەر قېتىم ئاشۇ ئاياللار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرگىنىمدە، يۈزلىرىم قىزىرىپ، پۇت-قولۇمدا جان قالمايدۇ. ساۋاقداشلىرىمدىن شۇنچىلىك نۇمۇس قىلىمەنكى... دادامغا قاراڭ، ماڭا قاراڭ، جېنىم ئاپا! دۇنيادا سىزگە دادام ئىككىمىزدىنمۇ يېقىن ئادەم بارمۇ؟ بىزگە نۇمۇس بولىدىغان ئىشنى قىلماڭ...

ــ ئاپا! ئۆيدىن چىقماڭ! ماشىنىڭىزنى توختىتىڭ! ـــ قىزىنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى غايەت زور مەشئەل بولۇپ ئۇنىڭ يۈرىكىگىلا يېقىلدى!

ــ تاڭ!!!

دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز قاراڭغۇ تۈندە چاقماق چاققاندەك، پۈتۈن كائىناتنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭلا قىزىنىڭ ئاۋازى، ئەينەكنى تورىۋالغان مىسكىن قىياپىتى، ئۇنىڭ بارلىق پۇشايمانلىق خىياللىرى شۇ يەردە چىپپىدە ئۈزۈلدى!

ئاپپاق چاپان كىيىپ، ماسكا تاقىۋالغان بىر ئورۇق گەۋدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا بىر نەچچە مېتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرلۈپ يولنىڭ ياقىسىغا چۈشۈپ كەتتى! يەنە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چىررىدە قىلغان بىر دەھشەتلىك سۈركىلىش ئاۋازى بىلەن بىر دانە موتسېكلىت نەچچە پىرقىراپ، دەھشەتلىك ئوت چاچرىتىپ قاپقارا بىر گەۋدىنى سۆرىگىنىچە ھېلىقى ئاق چاپانلىقنىڭ يېنىغا چۈشۈپ كەتتى! ئارقىدىن تىمتاسلىق، خۇددى گۆرىستاندەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى... ئاسىيەنىڭ تۇمان قاپلىغان كاللىسى، كۆزى ھەممىنى كۆردى ۋە ھەممىنى بىلدى. ئۇ موتسېكلىت مىنىۋالغان ئىككى ئادەمنى كەينىدىن سوقۇۋەتكەنىدى!

ئاسىيە بۇ كۈتۈلمىگەن پالاكەتتىن شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىكى، روھى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئۇ دەماللىققا يۈز بەرگەن بۇ ۋاقەنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەگىچە بارىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالدى. پۈتۈن ئەتراپ يەنىلا تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئالدى-كەينىدە بىرمۇ ماشىنا كۆرۈنمەيتتى. ئۇ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توغرىسىغىلا تۇرۇپ قالغان ماشىنىسىدىن دىر-دىر تىترىگىنىچە چۈشۈپ، يولنىڭ قىرىغا كەلدى. نەچچە مىتىر نېرىدا، كۆتۈرمە يولنىڭ تۈۋىدىلا سونايلىنىپ ياتقان ئاق چاپانلىق گەۋدە ئېنىقلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. موتسېكلىتنىڭ چىراغلىرى ھېلىمۇ يېنىپ تۇراتتى، ئاسىيەنىڭ قاراڭغۇلۇققا كۆنگەن كۆزلىرى ئۆزىدىن نەچچە قەدەملا نېرىدا ئىڭراۋاتقان بىر يىگىتىڭ گەۋدىسىنى كۆردى، يىگىت بېشىنى زورۇقۇپ كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. تامامەن زەئىپلەشكەن ئورۇق تېنىدە بېشىنى كۆتۈرگىدەك مادار ئەسلا يوق ئىدى. ئاۋازىمۇ يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەكلا جانسىز ئىدى...ـــ قۇتقۇزۇڭ...بىزنى قۇتقۇزىۋېلىڭ...ـــ قارا گەۋدىنىڭ مىڭ تەستە زورۇقۇپ كۆتۈرگەن بېشى شىلىققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئاسىيە بۇنى ئېنىق كۆردى، ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدى!قورقۇنچ، غايەت زور قورقۇنچ ئاسىيەگە يوپۇرلۇپ كەلدى، «ئاھ خۇدا! مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم! بۇ ئادەم ئۆلدى! ھەر ئىككىسى ئۆلدى!!... ئەمدى خەلقى ئالەمگە قانداق قارايمەن؟! ئۆزۈمنى نەدە كۆرىمەن؟!... قىزىمغا نېمە دەيمەن؟ ئۇ مېنىڭدىن قانچىلىك نەپرەتلىنىپ كېتەر ھە؟ ئېرىمچۇ؟!...» ئاسىيەنىڭ ئاۋازى تېشىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ مىڭىسى بىردىنلا سەگەكلەشتى، بەلكى ھەرقاچانقىدىنمۇ بەكرەك سەگەكلەشتى، كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولغان ھالدا ئالدى- كەينى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ماشىنىلار بارمۇ يوق، دېگەندەك يولغا قاراپ كەتتى. ئەتراپتا ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق ھاياتلىق كۆرۈنمەيتتى. پەقەت ئالدى تەرەپتىن، يىراق بىر جايدىن بىر ماشىنىنىڭ چىرىقى كۆرۈندى. بۇنداق پەيتتە يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاسىيە بىردىنلا تونۇپ يەتتى. ماشىنا بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى... ئۇ ئۆزىچە ئىنتايىن تەبىئىي ھېس قىلغان قوغدىنىش ئېڭى بىلەن ئىختىيارسىزلا ئۆزىنى ماشىنىغا ئاتتى.

ـــ دەرھال كېتىشىم كېرەك! بۇ يەردىن تېزدىن ئايرىلىشىم كېرەك! مېنى ھىچكىم كۆرمىدى... ھىچقانداق ئادەم، ھىچقانداق ماشىنا كۆرمىدى!

ئۇ ئۆز-ئۆزىگە توختىماي مەدەت بېرىپ، قىڭغىيىپ قالغان ماشىنىسىنىڭ رولىنى ئالدىغا بۇرىدى: «بولغۇلۇق بولدى... ئۇلار ئۆلۈپ كەتتى... مەن قەستەن قىلمىدىم! بۇنىڭدا قەستەنلىك يوق... ئامالىم يوق، بۇ يەردىن كەتكىنىم كەتكەن... ئۇ ئىشلارنى تەن ئالسام تۈگەشكىنىم شۇ... كىشىلەرگە نېمە دەيمەن؟ ئېرىمگە، قىزىمغا نېمە دەيمەن؟ مەن قاتىل بولىمەن، تېخىمۇ يامان بولغىنى... مەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ قايتىۋاتقاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىمەن... ئاھ خۇدا! مەن توۋا قىلدىم! مېنى كەچۈرگىن! مېنى ئەل- كۈننىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلمىغىن! مەن ئەمدى ئىككىنچىلەپ سەنەۋەرلەر بىلەن ئارىلاشمايمەن... ئىبادەت ھەم شۈكرى قانائەت بىلەن ئۆتىمەن! مەن تۆۋبەمدە چىڭ تۇرىمەن... خۇدا، ماڭا ياردەم قىلغىن!...» ئاسىيە ئاللادىن، ئېرى ۋە قىزىدىن گۇناھىنى تىلىگىنىچە كېتىۋاتاتتى. ئالدى تەرەپتىن كەلگەن كىچىك ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاسىيەنىڭ يۈرىكى پۇلاڭڭىدە قىلدى، ياق، گويا بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك بولدى... بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوللىرى رولغا شۇنچىلىك مەھكەم كىرىشىپ كەتتىكى، خۇددى دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ قالغىلى تۇرغان ئادەم بىر پارچە ياغاچ تاختايغا يامىشىۋالغاندەك، پەقەت مۇشۇ رول ھەم ماشىنىلا ئۇنى پالاكەتنىڭ ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدىغاندەك تۇيۇلدى. «تېز ماڭغىن ئەزىزىم، مېنى ھىچكىمگە كۆرسەتمىگىن... بىز ئۇدۇللا ئۆيگە بارمايلى... ئانامنىڭ ئۆيىگە باراي... شۇنداق، مەن ئانامنىڭ ئۆيىدە قوندۇم... ھىچقانداق گۇمان يوق... مەن ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغاچقا سەنەۋەرلەرنى دېگەن يېرىگە يەتكۈزۈپ قويۇپلا ئۇدۇل ئانامنىڭ ئۆيىگە باردىم... شۇ يەردە قۇنۇپ قالدىم... مەن ھەتتا بىر نەچچە كۈن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغىچە ئانامنىڭ ئۆيىدە «يامانلاپ» تۇرىۋالساممۇ بولىدۇ... شۇنداق، بىز شەھەرگە كىرىۋالساقلا، سان-ساناقسىز ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالساقلا... ئىككىمىزنى ھىچكىم تونىمايدۇ... بىخەتەر بولىمىز... بىرەر گۇمان تۇغۇلدى، دېگەن تەقدىردىمۇ ئانام بار... مېنىڭ زىيىنىمغا گەپ قىلمايدۇ بىچارە ئانام... شۇنداق، بىز ھىچ ئىش قىلمىدۇق... بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش...»

شەھەرگە يېرىم سائەتكە قالمايلا بېرىپ بولغىلى بولىدىغان بۇ يول ئاسىيەگە مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدەك بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. ئۇ مىڭ زارىقىش، تىت- تىتلىق ئىچىدە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاران كەلدى. ئۇ ماشىنىسىنى بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندا، كەچلىك بازاردىن بەكمۇ كەچ قايتقان بىر كاۋاپچى قول ھارۋىسىنى ئىتتەرگىنىچە ئۇنىڭ يېنىدىنلا ئۆتۈپ كەتتى. زېرە ۋە قارامۇچنىڭ كۈچلۈك ھىدى ئاسىيەنىڭ دىمىقىقا ئۇرۇلدى. ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكى چىراقنىڭ ھېلىمۇ يېنىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى بېسىپ تۇرغان قورقۇنچ ئازراق يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدى، شامال قويۇق تۇمانلارنى قاياققىدۇر ئۇچۇرۇپ كەتكەن، ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار گويا سان-ساناقسىز نۇرلۇق كۆزلەردەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئاسىيە دەرھاللا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى. ئۇ ئۈستىدە تۇرغان ئاشۇ نۇرلۇق كۆزلەرنىڭ نەپرەتلىك قارىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەندى... شۇ چاغدا قاياقتىندۇر ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. خۇددى ئانىسىنىڭكىگە ئىتتىك كىرىۋالمىسا ئەھۋالنى بىلىپ قالغان ساقچىلار باسۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى كىشەنلەپ، ئۇدۇللا تۈرمىگە ئېلىپ ماڭىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە تېنى شۈركەندى...ئاسىيە ئۆزى سادىر قىلغان بۇ قاتىللىقنى گەرچە خۇدادىن يوشۇرالمىسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆزىدىن يوشۇرالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى.

***

كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا ھەم ئازاپلىق بولىدۇ، ھىچكىممۇ باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىگە ئارا تۇرالمايدۇ، ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرۇپ چىققان تۇرمۇشى بار، ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، كىشىلەر ناگان-ناگاندە بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. تەقدىر ئىلاھى ۋاقتى-سائىتى كەلسە ئادەملەرگە يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. قارا بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئۆلۈم ۋە ئاپەتنى تاكى چاقماق چېقىلمىغۇچە ھىچكىم ئېنىق كۆرەلمىگەنگە ئوخشاش، ياماننى جازالاپ، ياخشىنى يۆلەيدىغان تەڭرى ھەرقانداق كىشىنىڭ مەككارلىقى، بۇزۇقچىلىقى ۋە ھەقىقەت بىلەن ئوينىشىدىغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن تىگىشلىك جازا بىرىدۇ.

ئاسىيە ئانىسىغا، بىر دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئولتۇرۇشىدىن كەچ قايتقانلىقى سەۋەپلىك ئېرىگە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بىراۋ ئۆزىنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا بالدۇرلا قايتىپ كەلگەن، دەپ قويۇشنى... تىلى قىسىلغان، يۈزلىرى كۆيۈشكەن، نومۇستىن بۇغۇلغان ھالدا ئۆتۈندى. ئانا ئۇنىڭغا ئازراق كايىغاندىن كېيىن ماقۇل بولدى. ئاسىيە ئانىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، كۆڭلى ئازراق جايىغا چۈشكەندەك قىلسىمۇ، ئەمما يۈرىكى كېچىچە ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلالمىدى. ھېلىقى ئاق ۋە قارا كىيىملىك بەختسىزلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان كۆرۈنىشى كېچىچە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن نېرى كەتمىدى. پەقەت ئاپىسى بامدات نامازغا تۇرغاندىلا كۆزلىرى ئازراق يۇمۇلغاندەك قىلدى ۋە ئەلەڭ-سەلەڭ چۈش كۆردى. چۈشىدە پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ئاق كىيىملىك بىر قىز بىلەن قارا پۈركەنجىگە ئورۇنىۋالغان بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقىنىغا نەپرەتلەنگەندەك ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى!...

ئەتىگەنلىك چاي ناھايىتى كۆڭۈلسىز ئىچىلىۋاتاتتى، ئانىسى ئاسىيەنىڭ يېغىرىنى ئەتەي قوچۇۋاتقاندەك ھە دەپ ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلۋاتاتتى:

ـــ ئەتراپىڭغا قارا قىزىم، شۈكرى قىل، ئېرىڭ نە ئويۇندا، نە قىمار ياكى ھاراقتا يوق، بىچارىنىڭ ئېسى-يادى ئاشۇ ئۆيۈڭلارنى بەرىكەت تاپقۇزۇشتا، سېنىڭ ھەم قىزىڭنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتا... تۈنۈگۈن سوقۇشۇپ قېلىشىڭدا گۇناھ چوقۇم سەندىن ئۆتتى... گېپىمنى ئاڭلاپ ھېلىلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلغىن! بىچارىنى بۇرنى- قۇلىقىغىچە قىينىما...

ـــ بولدىلا...تېلېفۇنۇمنىڭ توكى ئاخشام بالدۇرلا تۈگىگەن... ھېلى ئۇدۇللا ئۆيگە باراي... مەن بىلدىم ئانا...ـــ دېدى ئاسىيە يۈرىكى پۇچۇلانغان ھالدا. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تېلېفۇنىدا ئاخشاملا توك قالمىغان ئىدى. سەنەۋەر كىملەر بىلەندۇر سائەتلەپ سۆزلىشىپ، نايناقشىپ يۈرۈپ تېلېفۇننىڭ توكىنى قويمىغانىدى. سەنەۋەر ئېسىگە كېلىش بىلەن ئۇنىڭ دېمى كېسىلگەندەك ئازاپلاندى. شۇ چاغدا ئانىسىنىڭ تېلېفۇنى تۇيۇقسىز سايراپ قالدى، ئاسىيەنىڭ يۈرىكى جىددى ئاغدى، نېمىشقىدۇر بىر كۆڭۈلسىزلىك ھېلىلا يۈز بېرىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.

ـــ ۋاي بالام سىزمىتىڭىز؟... ھە، ھە... ئۇ ئاخشام نامازشام بىلەنلا مېنىڭكىگە كەپتىكەن... سورىسام سىزدىن رۇخسەت ئالدىم دېدى بالام، شۇڭا... ۋاي!... نېمە دەيسىز؟ ئالىدە؟! ھازىر قەيەردە؟! نېمە بوپتۇ؟!ـــ ئانىسى تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ھەتتا نەگە قويۇشنىمۇ ئۇنتۇغاندەك ئاسىيەگە قورقۇنچ ئىچىدە دەقىقە تىكىلىپ قاراپ قالدى. ئۇ چىرايى تاتىرىپ، ئۆزىگە قاراپ قېتىپلا قالغان قىزىغا:

ـــ ئالىدەنىڭ مىجەزى يوق... ھازىر شەھەرلىك دوختۇرخانىدىكەن... تېز بول ئاسىيە، دوختۇرخانىغا بارايلى! ـــ دېدىـــ نىمە دەيسىز؟! ئۇ قىز تۆنۈگۈن ساپساقلا ئىدىغۇ؟!ــ ئاسىيە ئەنسىز ۋارقىرىغىنىچە ئانىسىنىمۇ كۈتمەي، ساپما كەش بىلەنلا كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ تاكسى توستى. ئۇنىڭ تۇمشۇقى ماكچايغان ماشىنىنى يولغا ئېلىپ چىققۇسى كەلمىگەنىدى.

ئاسىيە قىزىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى، گەرچە مىجەزىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ قىزى ئۇنىڭ تىلىنى ئۇزۇن، يۈزىنى يورۇق قىلغان ئىدى. قىزىنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ئاقىلانە پىكىرلىرى، ئاتا-ئانىسىغا ئامراقلىقى، مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى ئۆتكۈرلىكى ھەممەيلەننىڭ ئېغىزىغا بىرلا كېلەتتى. ھەر يىللىق ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا، قىزىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى سەۋەپلىك ئاسىيەگە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزلىرى ھەم ھەۋەس، ھەم ھەسەت بىلەن تىكىلپ كېتەتتى... مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە قىزى ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشىغا، كىملەر بىلەندۇر ئارىلىشىپ، كىملەر بىلەندۇر بىللە بولۇپ يۈرگىنىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. پات- پات ئاپىسى بىلەن سوقۇشۇپ، زەھەردەك ئاچچىق گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ يېغىرىنى چوقۇيتتى. مەسۈم كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، ئاپىسىنى بارسا كەلمەس يولدىن تارتىپ چىقماقچى بولاتتى. بۇنداق چاغدا ئاسىيە قىزىغا بەكلا ئۆچلۈك قىلغان، ئۇنىڭ ئاتىكاچىلىقىغا، توروڭ-توروڭ گەپلىرىگە ئاداۋەت تۇتۇپمۇ قالغانىدى.

نېمە دېگەن ئەقىلسىزلىق ھە؟ ئىلگىرى ئۇ كېچە- كۈندۈز قىزى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشاتتى، قىزىنى ئۆزىنىڭ بارلىق بەختى ھەم كەلگۈسى دەپ قارايتتى. قاچان ئۇ سەنەۋەرلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ قىزى بىلەن خۇددى بىر ئۆيدىكى دۈشمەنلەردەكلا چىقىشالماس بولۇپ كەتتى. قىزى بەزىدە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. قىزىنىڭ ئۆزىنى سوتلاپ كەتكەنلىرىنى كۆرگەندە ئاسىيەنىڭ چىشلىرى قېرىشىپ، قىزىنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمىگىنىگە قاتتىق غەزىۋى كېلەتتى. ئۇنىڭچە بولسا قىزى ئانىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى زېرىكىشىنى، مەنىسىزلىكىنى، كۈڭۈلسىزلىكىنى؛ دادىسىنىڭ پەمسىزلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما قىزى دادىسى ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندەك، ھە دېسىلا ئاشۇ مۆرىمەس دادىسىنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، ئۇنى قىسماققا ئالاتتى...مانا ئەمدى ئۇ قىزىنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنىڭ، ئېرىنىڭ ھەر بىر ئېغىز نەسىھىتىنىڭ قىممىتىنى تولۇق تونۇپ يەتتى، پۇشايمان قىلدى. ئۇ خۇدادىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مۇلايىم، قانائەتچان ئانا، ۋاپادار خوتۇن بولۇشقا پۇرسەت بېرىشنى ئۆتۈندى. ئەپسۇس، ئاخشامقى بەختسىزلىكتىن كېيىن، بۇ پۇرسەت كىمدۇر بىرى تەرىپىدىن تاتىۋېلىنغاندەكلا قىلاتتى. چۈشۈنىكسىز بىر ۋەھىمە ئاسىيەگە ئۇدۇل قاراپ، ئۇنى قورقۇنچقا سالاتتى... ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ۋەھىمىدە قېلىۋاتقىنىغا قارىماي ئاسىيەنىڭ كاللىسىدا بىر قاتار جانسىز پىلانلىرى، خۇددى كەپسىز بالىلارنىڭ مۇئەللىملىرىگە يېزىپ بېرىدىغان ئەمەلگە ئاشماس ۋەدىنامىلىرىدەك لەيلەپ يۈرەتتى...

قىزىنىڭ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بار ئىدى، شۇ قوزغىلىپ قاپتۇ-دە؟ بەلكىم ھازىرغىچە ئوپېراتسىيە قىلىنىپمۇ بولغاندۇ؟ سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى دېگىنى دوختۇرلار ئۈچۈن بىر قېتىم تىرناق ئالغانچىلىكلا ئىش. بەلكىم خۇدا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقاندۇ؟ ئۇنىڭغا قايتا پۇرسەت بېرىۋاتقاندۇ؟ ئۇنىڭ قىزى ۋە ئېرى بىلەن يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئەتەي مۇشۇنداق بىر «بالنىسقا كىرىپ قېلىش»نى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟ ئەگەر شۇنداقلا بولسا... ئۇ چوقۇم ئىلگىرىكىدەك قىزىنىڭ بېشىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. قىزىغا كىتاپ ئوقۇپ بىرىدۇ، قىزى ۋە ئېرى ئامراق تاماقلارنى ئېتىدۇ، ئاغرىپ ياتقان قىزىغا مىېھىر بىلەن يىگۈزىدۇ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ھەتتا: «ئەقىلسىزلىقىمنى كەچۈرۈڭ قىزىم» دەپ ئەپۇ سورايدۇ... ئېرىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئانىسى ئېيتقاندەك كەڭ قورساق ئادەم، قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەرقانداق سەۋەنلىكىنى كەچۈرىۋېتىدۇ، يەنە كېلىپ... ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى بىلگىنى يوق! خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئاۋال ئاللا... خاتالىقنى بوينىغا ئېلىپ چىن يۈرىكىدىن تۆۋە قىلسا ۋە قايتا سادىر قىلمىسا خۇدا ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت بېرىدۇ... بۇ قاباھەتلىك قارا چۈش... ئۆتۈپ كەتتى... مەڭگۈ ئۆتۈپ كېتىدۇ...

ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بىرىپ، ئۆزىنى ئالداپ-بەزلەپ دوختۇرخانىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدىلا تاكسىدىن چۈشتى. ئېرىنىڭ يېقىن دوستى بىلەن ئايالى ئۇنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇرىدى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى جىددى ئىدى. ھە دەپ ئاسىيەگە سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيتتى، ئۇلار ئۇدۇللا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلدى. ئاشۇ چاغدا، ئاسىيە تاكى ئىشىك تۈۋىگە كەلگۈچە... ئېرىنىڭ بوغۇق نالىسى ئاڭلانغۇچە... قىزىنى بەكمۇ ئاددى بىر كېسەل، سوقۇر ئۈچەي ياكى قورساق ئاغرىقى... بىر تال دورا ياكى بىر قېتىملىق ئاسما ئۇكۇل بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەل دەپ ئويلىغان ئىدى. قىزىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى بولسا ئۇ زىنھار خىيال قىلمايتتى...

ـــ جېنىم قىزىم! ئالىدە!...كۆزىڭىزنى ئېچىڭ! ماڭا بىر قاراڭ يۈرەك پارەم!

ئېرىنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىدىن ئاسىيەنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىدى. ئىشىك ئوچۇق ئىدى، بىر توپ ئاق خالاتلىق دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ئارىسىدا ئېرى كۆزلىرى مەھكەم يۇمۇلغان قىزىنىڭ جانسىز تېنىنى قۇچاقلاپ، ئېچىنىشلىق نالە قىلىۋاتاتتى... بىر سېستىرا قىزىنىڭ بۇرنىدىكى، بارماقلىرىدىكى جىددى قۇتقۇزۇش سايمانلىرىنى ئازاپ ئىچىدە ئاستا سۇغۇرۇپ ئېلىۋاتاتتى...

ـــ ئالىدە!!! سىزگە نېمە بولدى؟ ئالىدەگە نېمە بولدى؟ ئالىدە، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!... سىلەر نېمە دەپ جىملا تۇرىسىلەر؟! نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۇكۇل سالمايسىلەر؟ شۇنداقمۇ دوختۇر بولامدۇ؟!ـــ ئاسىيە ۋەھىمە بىلەن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئالاق- جالاق قىلىپ، ئېرىگە، دوختۇر-سېستىرالارغا ۋارقىرىغىنىچە قىزىنىڭ يېنىغا ئۆزىنى ئاتتى. قىزىنىڭ گۈپپىدە ئىششىپ، قان ئۇيۇپ قالغان يۈزلىرىنى سىلىدى:

ـــ چىرايلىق يۈزىڭىزگە نېمە بولدى قىزىم؟ يۈزىڭىزنى كىم مۇشۇنداق قىلىۋەتتى؟ نېمە بولدى سىزگە؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ ئالىدە نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟!

ـــ سەۋر قىلىڭ ئاسىيە...ـــ بىر ئايال ئۇنىڭ ئازاپتىن پارە-پارە بولغان تېنىنى قۇچاقلىۋالدى،ـــ سەۋر قىلىڭ جېنىم... سەۋر قىلىڭ... ئاخشام ئالىدە... O ناھىيەسىگە ساۋاقدىشىنىڭ موتسېكلىتىغا مىنگىشىپ بېرىپتىكەن... نېمىشقا بارغىنىنى بىلەلمىدۇق... يولدا كېلىۋاتقاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپتۇ...كېچىچە ئۇلارنى ھىچكىم بايقىماپتۇ، پەقەت سەھەر ۋاقتىدىلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ... بىللە ھادىسىگە ئۇچۇرغان بالىنى ھازىرمۇ قۇتقۇزىۋاتىدۇ، ئەمما ئالىدە... ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنمىگەچكە... دوختۇرلارمۇ ئامال قىلالمىدى... جىگىرى يېرىلىپ كېتىپتۇ، دەيدۇ...

ـــ نىمە؟!ـــ ئاسىيە خۇددى ئىككى پۇتى چېپىپ تاشلانغاندەك چاچلىرىنى قاماللاپ تىزلىنىپ قالدى. شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆزلىرى كارىۋاتنىڭ ئايىغىدا تۇرغان، قانغا بويالغان ئاق چاپاننى كۆردى... ئۇنىڭغا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى... ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى روھى ھالىتىنى تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى..ئۇ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشىنەلمىدى،ئۆز ئەقلىگە ئىشىنەلمىدى.ئۆمىلەپ قوپۇپ قىزىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە خۇددى ئۆلۈپ قالغان كۈچىكىنى كۆرگەن چىشى شىردەك قىزىنىڭ تېخى سوۋۇشقا ئۈلگۈرمىگەن نازۇك تېنىگە، سارغىيىپ كەتكەن چىرايىغا دىققەت بىلەن قاراپ چىقتى. چىرايى دەھشەتلىك روھى ئازاپتىن پۈرۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇ توختىماستىن بېشىنى چايقايتتى، خۇددى بەزگەك بولغاندەك چىشلىرى كاسىلدايتتى، يۈزىدە قان دىدارى قالمىغانىدى.بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن شەك-شۈبھىسىز كارامىتى ئىدى! خۇدا ئۇنى جازالىدى، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ سوتىغا تاپشۇرۇپ بەردى! پەقەت جازانىڭلا گۇناھنى يېنىكلىتەلەيدىغان رەھىمسى

ئەسلى مەنبەسى: نۇرگۈل ئەبەي ئەسىرى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز