بىر قىسىم كىشىلەر ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇسسىغاندا سۇ ئىچكەندە كېچىكىپ قالغان بولىدۇ. ئۇسساش ئادەم بەدىنىدە سۇنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىنكاسىدۇر. بەدەندە دائىم سۇ كەمچىل بولسا ساغلاملىققا تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنى ۋە كېسەل يۈز بېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇسساشقا بولغان ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچسە بولمايدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. ئادەتتە، كەچ سائەت 10 ياكى 11 لەردە ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ يېرىم كېچە ياكى سەھەر سائەت 4 – 5 كىچە بولغان ۋاقىتتا، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەر ئاسانلا مۇشۇ ئارىلىقتا قوزغىلىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يېرىم كېچىدە تەرەتكە چىقىشتىن قورقماي، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋالسا، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىدا تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇيقۇنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. سۇ ئېغىزغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەزا، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە 21 مىنۇت كېتىدۇ. تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن سۇ ئىچىپ بەرسە، غىزالانغاندا بەدەن ئىچىدە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئاجرىتىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا، ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ بەدەن ئىچىدىكى يەتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن سۇ ئىچىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرىكەتتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرسە، تەرلىگەندە چىقىپ كەتكەن سۇ مىقدارىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق. ھەرىكەتتىن كېيىن قانغىچە سۇ ئىچسە بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/21/content_491590.htm