بۈگۈن ساقچى ئىدارىسىدە بىجىردىغان ئازراق ئىشلىرىم بار ئىدى.ئىشخاندىكىلەرگە دەپ قۇيۇپ ئايالمىنىڭ ئىدارسىغا تىلفۇن قىلىپ قۇيۇپ،ساقچى ئىدارسىغا كەلدۇق.نەس باسسا مۇشۇنداق بۇلامدىكىن تاڭ،ساقچىخاندىكى كومپىيوتىرنىڭ سۈرئىتى بەكلا ئاستا بۇلۇپ ئىشمىزنى بىجىرگىلى بولمىدى.كىتەي دىسەم ھىلى قاملىشىپ قالامۇ دەپ ئۈمىدتە تۇرۇپ قالدىم.ئايالىم بىلەن ئىككىلىمىز ئالدىراۋاتاتتۇق.قېرىشقاندەك ۋاقىت ئۇزراپ ئەتگەن قاق نامازدا كەلگەن ئادەم سائەت 10غىچە تۇرۇپ قالدۇق.ئايالىم مىنىڭ جىلە بۇلۇپ قېلىشمدىن ئەنسىردى بولغاي چاقچاق قىلغاچ: -ۋاي بۇ تورنىڭ سورئىتى رىۋايەتلەردىكى كالا ھارۋىسىدىنمۇ ئاستىمۇ نىمە؟سىز ساقلاپ تۇرسىڭىز مەن سوغوق ئېچىملىك ئەپكىرىپ بىرەيمۇ؟دىدى.ئىچىم سىقىلىپ ئاران تۇرغاندا ئۇنۇڭ كوت-كوتلىغى جېنىمغا تەگدى. -ئىككى ئېغىز گەپنى ئاز قىلساڭ بىرسى سىنى گاچا دەپ قالامۇ؟دەپ سىلكىۋەتتىم ئۇنى.لىكىن دەپ بۇلۇپ ئۆزەم سەل خىجىل بۇلۇپ قالدىم .ئۇنۇڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.چۈنكى ساقچىخاندا ئۇنۇڭ بىرنەچچە دوسلىرىمۇ بار ئىدى. ئىشىمىزنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن {ساڭا بايا قاتتىق تىگىپتىمەن}دىيىشكە بوينۇم بارمىدى.قايتىش يۇلىدا ئۇنۇڭغا : -چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلى -دىدىم. -مىنىڭ ۋاقتىم چىقماسلىغى مومكىن،بايدىن بىرى ئىدارىدىن تىلفۇن قىلىپ ئولتۇرغۇزمىدى.جىددى بىر ئىش بار ئوخشايدۇ.سىز مىنى ئاپىرىپ قۇيۇڭ.ئاندىن ئۆيگە بېرىپ توڭلاتقۇدا چۈچۈرە بار،شۇنى قازانغا سېلىپ يىسىڭىزمۇ مەيلى،كۆڭلىڭىز باشقا نەرسە تارتسا سىرتتىن يەپ تۇرسىڭىزمۇ مەيلى-دىدى. گۇناھ ئۆزەمدە بولغاندىكىن ئۈنچىقمىدىم. ئۇنى ئاپرىپ قۇيۇپ ئۆيگە كىلىپ توڭلاتقۇنى ئاچسام دىگەندەك چۈچۈرە بار ئىكەن.تاماقنى يەپ بۇلۇپ تۇيۇقسىز ئسىمگە ئۇنىڭ سومكىسغا تارتمامنىڭ ئاچقۇچنى سېلىپ قويغىنىم ئسىمگە كەلدى.ئامالسىز يەنە ئۇنۇڭ ئىدارسىگە باردىم.ئۇ كۆزى ياش يۇقى ئولتۇرۇپتۇ. -نىمە بولدۇڭ؟-دىدىم مەن بايقى سىلكىگىنىمگە خاپا بولغان چېغى دەپ ئويلاپ. -نىمە يىدىڭىز؟-دىدى ئۇ. -چۈچۈرىنى سېلىپ يىدىم،نىمە ئىش بولدى؟ -مەن ئايالىڭىز تۇرۇپ سىزگە تاماق ئىتىپ بەرمەي ئىشلەيمەن دەپ يېنىپ كەپتىمەن،كىتىپ تاماق ئىتەي دىسەم تېخى.شۇنۇڭغا كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ.... ئۇنۇڭ كۆزىدىن يەنە نەچچە تامچە ياش دوملاپ چۈشتى. -ۋاي ماڭە ساراڭ.قىلدىغان باشقا ئىشىڭ يوق سىنىڭ.ئۆزەم ئىتىپ يىدىم تەييار بولغاندىكىن.ئاچقۇچۇم سومكاڭدا قېلىپ قاپتۇ .مەن ئىشقا كەتتىم.كەچتە كۆرشەيلى-دەپلا ماڭدىم. -كەچتە نىمە يىگۈىڭز بار؟ -نىمە بولسا بۇلىۋىرىدۇ-كەينىمگە قارمايلا ئۇنۇڭ ئىشخانسىدىن چىقىپ كەتتىم. يولدا كىتىۋاتقاچ كاللامدىن ئۇنۇڭ بايقى ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.توي قىلغىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە مىنى شۇنداق ھۆرمەتلەيتتى.ساقچىخاندا ئۇنىڭغا قىلغان گىپىمنى ئويلاپ ئۇنۇڭغا قايتا تىلفۇن قىلدىم.ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ سوردى: -يەنە بىر نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىزمۇ؟ -ياق، تۇلۇق ئاپتىمەن.لىكىن ساڭا بىر گەپنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. -نىمە گەپنى؟ -مەن سىنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرمەن.................. |