كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئىللىق باھاردا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە كېڭەشتى.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە مەركەزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ياشلار ئىتتىپاقى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات تورى بارلىق ياشلارنى قاپلاش، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك خىزمىتى ۋە پائالىيىتى بارلىق ياشلارغا تەسىر كۆرسىتىش›› نىشان تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ دەۋر روھىنى تەشۋىق قىلىش، ياشلارغا يېقىنلىشىش، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ‹‹ياشلارنى يېتەكلەش، ياشلارنىڭ رايى، ياشلارنىڭ تۇرمۇشى، ياشلار بىلەن سىردىشىش، ياشلار ئاساس››تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك چوڭ خىزمەتنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ياشلارنى تەشكىللەش، ياشلارنى يېتەكلەش، ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش››تىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئاساسىي فۇنكسىيەنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پائالىيەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا، كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. يولداش جاڭ چۈنشيەن: ‹‹<جۇڭگو ئارزۇسى>نىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ دەۋر ئۈمىدكە تولغان دەۋر، كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۈپ. دەۋر بۈگۈنكى شىنجاڭ ياشلىرىغا شەرەپلىك بۇرچنى يۈكلىدى، ‹‹ياشلىق ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى ئورتاق ياڭراتقان دەۋر سىگنالى.
ياشلىق ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش››قا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، يول، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايىسى، ئېتىقادىنى، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭچە روھنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ بىلەن تەڭ راۋاجلىنىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.
ياشلىق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، تامچە سۇغا ئايلىنىپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› سېپىگە قوشۇلۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ‹‹دۆلەت ياخشى، مىللەت ياخشى بولسا، جەمئىيەت ياخشى بولىدۇ›› دېگەن قاراشنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ‹‹ياشلىق ئارزۇسى››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ياشلىق ئارزۇسى››نى ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بارلىق ياشلارنىڭ ‹‹ياشلىق ئارزۇسى›› ئارقىلىق، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشى كېرەك.
ياشلىق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش››نىڭ باتۇر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش››تا ياشلار قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش داۋامىدا، ياش ماھىرلار ئىش ئورنىدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەر، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا، بېيىش ياش ماھىرلىرىنىڭ ئۈلگىلىك باشلامچىلىرى، يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش داۋامىدا، ياشلارنى توغرا كەيپىياتقا يېتەكلىگۈچىلەر، ئۇچۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، تور ياشلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى تايانچ كۈچلەر، ئۇل مۇئەسسەسەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا، 1 – سەپتىكى ياش زەربىدارلار ئەترەتلىرى بولۇشى كېرەك. ياشلار چوقۇم ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش››تىكى ئاۋانگارتلارغا ئايلىنىدۇ.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر