www.../

پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (2)

«ماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ ئىچكى ئەھۋالى

ئەمەلىيەتتە، پاكىستان تارىخىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەربىيلەر ئاكىتىپلىق بىلەن قوزغىغان ئەمەس، ھەممىسى ئاۋام ئىچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازانغان. زايىد دوكتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋام ئاساسى كەمچىل بولغان شارائىتتا، كايانىنىڭ ئويلاشقىنى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئەمەس بەلكى ئارمىيەنى تازىلاشتۇر. ئەمما تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقىنى زەردارىنىڭ «مۈلكىي ھۆكۈمىتى». جاسوننىڭ قارىشىچە، ئارمىيىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى ھەيۋىسىگە ئوخشىمايدىغىنى، بىنەزەر بۇتتونىڭ سىياسىي مىراسىغا تايىنىپ تەختكە چىققان زەردارى ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن پاكىستانلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن. «ئەسلەتمە» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر زەردارى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشتىن بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، خەلق پارتىيىسى پېشۋالىرىمۇ سىياسىي پارتىيىنىڭ ئۆزگىرىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گۇماشتىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا باشلىدى.

غەرب ئويلاپ يېتەلمىگىنى،پەقەت ئۈچ يىللىق دېموكراتىك سىياسىي ئىسلاھات ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى دېموكراتىك سىياسەتنى قوغدايدىغان ئۈچۈنچى تەرەپ كۈچ بولۇپ قالغان ئىدى. 2009-يىلدىن باشلاپ، ئالىي سوت پىرىزدېنت زەردارىنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسىنى تەكشۈرىشى پاكىستان سودىيەلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەيلى ئۆكتىچى پارتىيە بولسۇن ياكى ئەدلىيە سىستېمىسى بولسۇن، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇلار ھازىرقى پاكىستاندىكى دېموكراتىيە تالاش-تارتىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللاش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.

ئەدلىيە سىستېمىسى بىلەن زىچ ماسلىشىۋاتقىنى دەل ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان باشقا بىر ئاساسىي كۈچ پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىدۇر. «ماي ئەسلەتمىسى» ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستان يېڭى ئاخباراتلىرىنىڭ ئىپادىسى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى، مەيلى پىرىزدېنت، مەيلى ئىچكى كابېنت، ئالىي سوت ياكى ئارمىيە بولسۇن، پاكىستاندىكى ئاخباراتلار يۇقىرى تەرىزدە ئاشكارىلاشقا باشلىدى. 12 يىل ئىلگىركىگە سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۇچۇر ئاشكارا بولغان پاكىستان جەمئىيىتى پاكىستان يۇقىرى قاتلىمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى مەخپىي پىلانلاپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

1977-يىلى، پاكىستاندا پەقەت بىرلا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بار ئىدى. 1999-يىلغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتتە پەقەت ئىككى تېلېۋىزىيە قانىلى بار بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستاندا نۇرغۇن شەخسىي ئىگىلىكتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرىنىڭ تارقاتقان پروگىراممىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 2009-يىلى زەردارىنىڭ چىرىكلىك دېلوسى قاراپ چىقىلغاندا، شەخسىي ئىگىلىكتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا ئالىي سوتنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى بەردى.

بۇ شەخسىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات خەۋەر ئەركىنلىكىگە بولغان قويۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن سىرت، يەنە پاكىستاننىڭ قوشنىسى جۇڭگو بىلەن ئىمزالىغان كۆپ تۈرلۈك ئالاقە سۈنئىي ھەمراسى قويۇپ بېرىش ھەمدە تارقىتىش مۇلازىمىتى توختاملىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئىدى. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، پاكىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۈنئىي ھەمرا ئالاقە ئىشلىرى تارمىقىدىكى 10 نەپەر ئېنژىنېرىنىڭ 8 نەپىرى جۇڭگوغا بېرىپ باققان، قالغان ئىككىسى پاكىستاندا جۇڭگو ئېنژىنېرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، پىشاۋۇردىكى نەچچە شەخسىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بارلىق تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن. ئامېرىكىدىن قالسىلا جۇڭگو پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت.

گەرچە بىر قىسىم ئاخبارات كەسپى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنى پاكىستان ھۆكۈمىتى 2010-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قارشى ئېلىنمايدىغان زاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخباراتچىلىق ئىگىلىكى 2011-يىلى يەنىلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

پىشاۋۇردىكى يەرلىك تاماشىبىنلار يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن پاكىستان ئاخباراتچىلىقىغا «ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ»، «چىرىكلىك ئاخباراتچىلارنىڭ ئالدىدا ھېچ يەرگە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېگەندەك يۇقىرى باھالارنى بەردى.

بۇنىڭغا قارىتا جاسون كۈلۈپ تۇرۇپ:«جۇڭگو ئىختىيارسىزلا پاكىستاننىڭ دېموكراتىك كۈچلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈردى» دېدى.

ئەمما زايىد دوكتورنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پاكىستاندىكى مەۋجۇتلىقى بارغانسېرى تەسلەشكەن بولسىمۇ، ئارمىيە باشقا يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساداسىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.

10 يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق، گەرچە ھازىرقى زەردارى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىك قىلغىنى غەربلەشكەن جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئوفىتسېرلار پاكىستان بايلار قاتلىمىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ھازىرقى كۆپ قىسىم ياش ئوفىتسېرلار يېڭىدىن گۈللەنگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدا تۇغۇلغان. ناۋاز پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ پودپولكوۋنىكى ھەم تارىخشۇناسى. سۇمرۇغ ھەپتىلىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ قول ئاستىدىكى ياش ئوفىتسېرلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەپ بەردى، ئەنئەنىۋى ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان ئوفىتسېرلارغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ياش ئوفىتسېرلارنىڭ ئائىلىسى ئۇنچە باي ئەمەس، ئەمما ئۆزىنىڭ دىننىي چۈشەنچىلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىشنى خالايدۇ. ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پاكىستان ياش ئوفىتسېرلىرى مۇتەئەسسىپ سىياسىي گۇرۇھلارغا ئېغىشقان. بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ياشلار جەمئىيەتنىڭ تايانچ كۈچلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە ئائىلىسى تۇرۇۋاتقان يۇرتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

زايىد دوكتورنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا، بولۇپمۇ 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا، پاكىستان مەيلى دىن مەيلى ئىقتىساد ياكى مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋە پارتلاش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش پاكىستاندا كۆلىمى خېلى زور بولغان يېڭىدىن گۈللەنگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ سىنىپتىكى پاكىستان پۇقرالىرى مۇكەممەل مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن. ئۇلار تۈركىيە، ماراكەش، ھىندونېزىيە، يەنە مىسىردىكى مۇسۇلمانلار دۇنايسى بىلەن زىچ سودا، مەدەنىيەت، ھەتتا قانداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولدى.

نۆۋەتتە، گەرچە ئارمىيەنىڭ بروۋنىكلىرى ئىسلامئاباد كوچىلىرىدا يۈرمىگەن بولسىمۇ، زەردارى ھۆكۈمىتى سەرخىلار قاتلىمى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى. ئەمەلىيەتتە، 21-ئەسىرنىڭ ئۆتكەن 10 يىلىدا ئارمىيەنىڭ كوچىغا چىقىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۇلار كوچىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تېخىمۇ خالايدۇ. «چۈنكى ئۇلارنىڭ يېقىن كىشىلىرى دەل نامايىشچىلار ئارىسىدا ئىدى». ناۋاز موشۇنداق تەھلىل قىلغان ئىدى. جاسون برۇك:« ھەربىيلەرنىڭ راستىنلا سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلىغانلىقى ياكى پىلانلىمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ھەققانىينىڭ ئىستىپا بېرىشى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كونا يارىسىنى قوزغاپ قويدى، 2013-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىدىن ساقلىنىش تەس» دەپ قارىدى.

زايىد دوكتۇر پاكىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى دېموكراتىيە مۇساپىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا ئالىي سوت «نەزەربەنت قىلىشنى بىكار قىلىش» نى جاكارلىغان «ماي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئەسلەتمىسى» ۋەقەسىدىكى يادرولۇق شەخس ھەققانىي سۇمرۇغ ھەپتىلىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«پاكىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئامېرىكىغا ئەلچىلىككە بارسا، ھەممىسى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ھەم باشقىلارنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدىغان خىزمەتكە دۇچ كېلىدۇ» غانلىقىنى بىلدۈردى، ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە «ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق بولدى، كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىپلا قالماي، ھەتتا تەھدىت ئارىلاش سۆز قىلدى» دېدى.

پاكىستان پارلامېنت سايلىمى يېتىپ كېلىش يۇقىرى دولقۇنىدا، پاكىستان ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سائاد ئامانۇللا خاقان Twitter ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ پاكىستان كارخانىلىرىغا سالغان مەبلىغى ھەققىدە دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، پاكىستاندا سايلام مەزگىلىدە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسز بولغان تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغاچقا، كارخانىلارنىڭ پاكىستانغا سالغان مەبلەغ تۈرىنى ئاستىلىتىپ، «يوشۇرۇن سىياسىي خەتەردىن مۇۋاپىق مۇداپىئە كۆرۈش» تەكلىپىنى بەرگەن. ( نەپرەت تەرجىمىسى )

پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)

مەنبە : ئوكيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1113

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-04-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە