ئىقتىدارلىق لىرىك شائىر ، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان بارات 1946 – يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1958 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۇخبىرلىق قىلغان. كېيىن مۇھەررىر بولغان. 1970 – يىلىدىن 1986 – يىلىغىچە شىنجاڭ شىنخۇا 2 – باسما زاۋۇتىداۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1981 – يىلى ‹‹يېشىل ھايات›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984 – يىلى ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹توي چاچقۇسى››، ‹‹باھار جىلۋىسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى›› ناملىق كوللېكتىپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. |


|