• شائىر،يازغۇچى ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە

    يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 11 پارچە
    شائىر،يازغۇچى ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1970 يىلى بورتالادا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن

                                 شائىر،يازغۇچى ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە

     


     

               ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1970 – يىلى بورتالادا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. ھازىر بورتالا شەھىرى ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمىدە تەشۋىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
                ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە جىمجىتلىق ئىچىدە تىنىمسىز ئىزدەنگۈچى، ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى 1993 – يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت ئىجادىيىتى قايتا جانلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى ئەنە شۇ جۇشقۇن مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئۇمۇ باشقا ئىجتىھاتلىق ئاپتورلارغا ئوخشاش ئالدى بىلەن نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىشنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن يېڭىلىقنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشى ئاساسىدا روياپقا چىققان ‹‹ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى››، ‹‹چىرايلىق تەقدىر››، ‹‹ئۆزۈمگە بېغىشلاپ›› قاتارلىق شېئىرلىرى ‹‹ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلىنىڭ 1993 – يىللىق 6 – سانىدا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ شېئىرلاردىكى شەكىل گۈزەللىكى بىلەن مەزمۇن تېرەنلىكى ئۇنىڭ شېئىرىيەت سەپىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىدىن روشەن بېشارەت بەرگەنىدى.
                ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە تۇنجى ئېلان قىلىنغان بۇ شېئىرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئىلھامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆگەندى، ئىجاد قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت بوستانى رەڭمۇ رەڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىنىڭ خۇش ھىدلىرى بىلەن يىلدىن – يىلغا موللاشتى. ئۇنىڭ ‹‹ئالتۇن كەشى يىتكەن قىز›› ناملىق ھېكايىسى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 7 – سانىدا ئېلان قىلىنىپ، پىروزىچىلىقتىمۇ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا بايان قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان ‹‹ياۋا جىگدە››، ‹‹پوستى يوق ئالما››، ‹‹پىسخىكىلىق بۆھران›› قاتارلىق ھېكايە – پوۋېستلىرىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ‹‹تارىم››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹كىروران››، ‹‹قىزىلسۇ››، ‹‹يېڭى قاشتېشى››، ‹‹تۇرپان›› قاتارلىق ئەدەبىي ژۇرناللاردا ‹‹ئۇنتۇلغان ئابىدە››، ‹‹خەير – خوش مۇھەببەت››، ‹‹ئالتۇن كەشى يىتكەن قىز›› قاتارلىق 400 پارچىغا يېقىن شېئىر، داستان، ھېكايە، پوۋېستلىرى ئېلان قىلىندى. 2000 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹ئاخىرقى پۇرسەت›› ناملىق شېئىر – داستانلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئارمان غۇنچىسى››، ‹‹جىن ھەققىدە ھېكايە››، ‹‹روھ بولۇپ پارلايدۇ مەڭگۈلۈك قۇياش››، ‹‹مۇساپىرلار ناخشىسى››، ‹‹قاراڭغۇدىكى ئادەم›› قاتارلىق شېئىر، ھېكايىلىرىگەباھا بېرىلگەن ماقالە – ئوبزورلار مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار