شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن
شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەشكېرەمنىڭ گۈزەل باغلىرى، ساپ، ئاسمىنى كەڭ تەبىئىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەردانە كىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا شىئىرنىڭ ئوتىنى ياندۇرغان. ئۇ تەبىئەتتىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇلار، بالىلىقتىكى ئويۇنلار، سېھىرلىك چۆچەكلەرگە ئوخشاش ئارزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ شىئىرى تۇيغۇ ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇندىن باشقا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ قىزىقىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتنى، تىلنىڭ گۈزەللىكى، كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھەر بىر شائىرنىڭ شىئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە ئەلۋەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بۇ نوقتىدا ھەم شۇنداق. شائىر شىئىرنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ھېرسىمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، قويۇق شېئىرى مۇھىت، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي كەيپىيات، سەنئەتخۇمارلىق شائىرنى شېئىرىيەت رىشىتىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى. شائىرنىڭ شىئىرىيەتكە قىزىقىشى ھەم كىرىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ بەشكىرەمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپدىل كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن سەبىي بالىلىق دەۋرى بولدى.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ھازىرغىچە «شاراپ تومۇرى»، «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شىئىرلار توپلىمى، «ئەقىل مىۋىسى ۋە شەيتان»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق ماقالىلار توپلىمى، «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شىئېرلار توپلىمى، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى نەشىر قىلىندى، ئۇندىن باشقا ئۇ ئەركىن ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە «ئەپلاتون پاراڭلىرى» ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇردى، يەنە ئۆزى گېرمانىيىنىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى نېتزىنىڭ «زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق ئەسىرىنى، ئىتالىيە سىياسىيونى ماكياۋېللىنىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ناملىق ئەسىرىنى، «غەربنىڭ تەپەككۇرى» ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭ پات ئارىدا زامانىۋى ياپون مىللىتى بىلەن ئېلىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مىللىتىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ئويلىنىش خارەكتىرىدىكى «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابنى نەشىرگە تاپشۇردى. ئۇنىڭ يەنە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە چەتئەللەردە نەشىر قىلىندى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، «ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى،«شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى»، «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.
|


