شائىر ئابلىكىم ھەسەن شائىر ئابلىكىم ھەسەن 1971-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، ئۇ گۈزەل ئىلى ۋادىسىنىڭ ياپ–يېشىل باغلار بىلەن پۈركەنگەن گۈزەل ۋادىلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، شائىر ئابلىكىم ھەسەن بالىلارنىڭ تەبىئەت بىرىككەن سۈزۈپ روھى دۇنياسى ئارىسىدا، چۈچۈك مىسرالارغا ئەگەشكەنچە شېئىرىيەتكە كىرىپ كەلدى.
ئابلىكىم ھەسەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىنىڭ تەھرىرى، باش مۇھەرىرى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ياش بىر ژورنالىستقا خاس تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئۇ ژورنال ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىشلەپ ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بۇ بالىلار ژورنىلىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈردى، ئۇ بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى ۋە بالا شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىننى تاللاپ ژورنالنىڭ مەزمۇنىنى بېيتتى، ژورنالنىڭ سەھىپىلىرىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، ژورنالنى قىزىقارلىق، بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژورنالغا ئايلاندۇردى. شۇڭا ژورنال شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى سىردىشى، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇشتىكى ياخشى كۆزنەك بولۇپ قالدى.
شائىر ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ بالىلار شىئىرىيىتى ۋە بالىلار ژورنالچىلىقى جەھەتتىكى تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرى بولغان بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنىنى تىكلىدى. شائىر ئابلىكىم ھەسەن ھازىر شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى.
|


