• شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

    يوللانغان ۋاقتى:14-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئۆمەر مۇمەمەتئىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

     

        شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

        ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  چەرچەن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.  ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى،  ئالىي مۇھەررىر.

         ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.

          ئۇنىڭ «باشئەگىم نەزمىلىرى»،«قەبرىدىكى پالۋان»،«قېرىماس ئانا» ، «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ، «مۇھەببەت كارىدورى»،قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار